شاھزادىگۈل

شاھزادىگۈل (جۈنزىلەن) 80-يىللاردا مەملىكىتىمىزدە داڭقى پۇر كەتكەن بىر خىل سامان غوللۇق گۈل-گىياھدۇر. ئۇ  1986-يىلى مەملىكەتلىك ئون چوڭ داڭدار گۈلنى باھالاپ بېكىتىش پائالىيىتىدە، ئەنئەنىۋى ئون چوڭ داڭدار گۈلنىڭ بىرى بولغان نەرگىسگۈلىنى سىقىپ چىقىرىپ شەرەپ بىلەن تەختكە چىقتى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى شاھزادىگۈل
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
سىنىپى تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سنىپى
ئائىلىسى تاشسامساق ئائىلىسى
خەنزۇچە ئىسمى 君子兰
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى گۈلسامساق تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى شاھزادىگۈل ئۇرۇقدىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

    شاھزادگۈل تاشسامساق ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئۇ، كۆپ يىللىق، دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان سامان غوللۇق گۈل-گىياھ بولۇپ، ئەسلىي ماكانى جەنۇبىي ئافرىقا. ئىلمىي نامىI dniL silibon aivilC، ئۇرۇقداش نامى aiviIC بولۇپ، ئەنگلىيە ئېنگلاند ئارىلىنىڭ ئەڭ شىمالىدىكى نور سۇمبېرلاند ۋىلايىتىدىكى deviIC eenئىسىملىك بىر كىنەز خانىمىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن شۇنداق ئاتالغان؛ تۈر نامى silibon ئالىيجاناب، نازاكەتلىك، سەلتەنەتلىك دېگەن مەنىدە. 1854-يىلى ياۋروپادىن ياپونىيىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنلا ئاندىن خەنزۇچە «جۈنزىلەن» دېگەن نام بېرىلگەن.

شاھزادىگۈلنىڭ يوغان گۆشلەشكەن يىلتىزى ۋە كونا يوپۇرماقلىرىدىن ساقلىنىپ قالغان يوپۇرماق غولى بولىدۇ. يوپۇرماقلىرى تاسمىسىمان، تېرە ماددىلىق، ئىككى قاتار بولۇپ تىزىلىدۇ، يوپۇرماق شەكلى رەتلىك ھەم تولۇق، سۇباتلىق، تىك ھەم رەتلىك؛ گۈلى چوڭ، ۋارونكىسىمان، رەڭگى قىزىلسىمان سېرىق ياكى توق قىزىل، گۈلنىڭ سانى ئون ئەتراپىدا بولۇپ، گۈل شېخىنىڭ چوققىسىغا جايلىشىپ، كۈنلۈكسىمان گۈل رىتىنى ھاسىل قىلىپ تىزىلىدۇ؛ گۈل توپى چوڭ ھەم كۆركەم، گۈللەش(چېچەكلەش) مەزگىلى بىرقەدەر ئۇزۇن بولىدۇ. 20-ئەسىرنىڭ  30-يىللىرىدىكى قورچاق مانجۇرىيە خان ئوردىسىدا، شاھزادىگۈل ئوردىدىكى بىردىنبىر گۈل سۈپىتىدە ئارزۇلىنىپ ئۆستۈرۈلەتتى. كېيىن، تەدرىجىي ھالدا خەلق ئىچىگە تارقىلىپ ئۆستۈرۈلگەن. شاھزادىگۈلنى شەرقىي شىمالنىڭ چاڭچۇن شەھىرىدىكى ھەممە ئادەم بىلىدۇ ھەمدە ئۇنى چاڭچۇن شەھىرىنىڭ شەھەر گۈلى قىلىپ بېكىتكەن.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#