دېھقانچىلىق

دېھقانچىلىققا دائىر رەسىملەر

دېھقانچىلىق ئۇيغۇرلاردا ئۇزۇن تارىختا ئىگە ئىقتىسادىي تارماق. كۆچمەن چارۋىچىلىق ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ كېلىپ چىققان ئولتۇراق تۇرمۇش تەقەززالىقى ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تەرەققىياتىدا زور بۇرۇلۇش ھاسىل قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ياشىغان بەزى رايونلاردا دېھقانچىلىق قوشۇمچە، بەزى رايونلاردا ئاساسلىق ئىگىلىك سۈپىتىدە تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى.

ئۇيغۇرچە نامى دېھقانچىلىق
خەنزۇچە نامى 农艺

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تېرىقچىلىققا دائىر رەسىملەرئاشلىق زىرائەتلىرى بويىچە مىلادىدىن بۇرۇنقى دەۋرلەردە بۇغداي، تېرىق، چۈژگۈن، ئارپا قاتارلىقلارنى ئۆستۈرۈشكە ئادەتلەنگەن. كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنى ۋادىسىدىكى بۇنىڭدىن 4700 نەچچە يىل بۇرۇنقى دەۋرگە ئائىت بىر قەبرىدىن چىققان بۇغداي؛ چەرچەننىڭ زاغۇنلۇقتىكى بۇنىڭدىن 3000 يىل بۇرۇنقى دەۋرگە ئائىت بىر قەبرىدىن چىققان توقاي ئەنە شۇنىڭ كۈچلۈك پاكىتى، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئۆز تىپىدىكى ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆزلەشتۈرۈشى، پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق يېتىشتۈرۈلگەن. ئۇيغۇرلار بۇغداي ياۋىسىنى «غۇدۇر بۇغداي» دەيدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا بۇ ئاتالغۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە يۇقىرىدا بايان قىلىنغان پاكىتقا ئاساسەن بۇغداينى ئالدى بىلەن بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن دېيىشكە بولىدۇ. ئارخېئولوگ ۋاڭ بىڭخۇا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان قەدىمكى قەبرىدىن چىققان بۇغدايغا ئاساسەن ئۇنى «مەملىكەت بويىچە قەبرىدىن چىققان بۇغدايغا ئاساسەن ئۇنى «مەملىكەت بويىچە ئەڭ بۇرۇن ئۆستۈرۈلگەن بۇغداي ئەۋرىشكىسى. . . شىنجاڭدا بۇغداي مەملىكەت بويىچە ئەڭ بۇرۇن ئۆستۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇ شىنجاڭ خەلقىنىڭ بىر ئۇلۇغ تۆھپىسى» دەيدۇ. بۇ بىر تەرەپتىن بىزنىڭ ئۇ قارىشىمىزنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلۇقىنى ۋاسىتىلىك ھالدا ئىسپاتلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن «بۇغداي شىنجاڭغا ئىراندىن كىرگەن» دېگەن قاراشنىڭ پۇت تېرەپ تۇرالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. كېۋەز تېرىقچىلىقىمى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. نىيە ناھىيىسىدىن شەرقىي خەن دەۋرىگە ئائىت قەبرىلەردىن پاختا يىپ توقۇلمىلار چىققان. «ۋېينامە. تېلېلار ھەققىدە قىسسە» دە، «غەربكە يېقىن جايلاشقانلار كۆپىنچە باغۋەنچىلىك، ئىكىنچىلىك قىلاتتى» دېگەن خاتىرە قالدۇرۇلغان. بۇ ئىككى تارىخىي پاكىتمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۆز دەۋرىدە بۇرۇنلا دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

ئۇيغۇرلار دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن، كىشىلىك تۇرمۇشىدا ئېھتىياجلىق بولغان ئاشلىق زىرائەت، ئىقتىسادىي زىرائەت تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك، مەسىلەن، بۇغداي، ئارپا، قوناق(ئاق قوناق، كۆممىقۇناق) شال، تېرىق، ھەر خىل پۇرچاق، كېۋەز، زىغىر، كۈنجۈت، قىچا، زاراڭزا، تاماكا، كەندىر، ئاپتاپپەرەس قاتارلىقلارنى تېرىپ ئۆستۈرۈشكە ئادەتلەنگەندىن تاشقىرى، ئۇلارنىڭ قانداق تېرىش، قانداق پەرۋىش قلىش، يىغىش، ساقلاش، ئىستېمال قىلىش بويىچە، شۇنىڭدەك زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈش قانۇنىيىتىنى ۋە ئۆسۈش قانۇنىيىتىگە مۇناسىپ يەر، پەسىل-مۆچەللەرنى بەلگىلەش بويىچە، سۇغىرىش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى بويىچە مول تەجرىبىلەرنى ياراتقان. 

كارىزنىڭ رەسىملىرىئۇيغۇرلاردا سۇ ئىنشائاتچىلىقىمۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. تارىم ئويمانلىقىدا دېھقانچىلىقنىڭ ئاساسەن سۇغىرىش ئارقىلىق بولىدىغانلىقىنىڭ ئۆزىلا سۇ ئىنشائاتچىلىقنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ساھەدە ئەجدادلىرىمىز دەريالارغا توغان سېلىش، ئېرىق-ئۆستەڭ قېزىش، تاغ ۋە يەر ئاستى سۇلىرىدىن پايدىلىنىش بويىچە مول تەجرىبىلەرنىڭ ياراتقان. كېرىيە ناھىيسىدىكى «قارلۇق» نامىدا ئاتالغان غول ئۆستە-قارلۇق ئۆستەڭ ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردىلا سۇ ئىنشائاتچىلىقىنىڭ ناھايىتى تەرققىي قىلغانلىقىدىن گۇۋاھلىق بېرىدۇ. ئەجدادلىرىمىزنىڭ سۇ ئىنشائاتچىلىقىدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان بىر ئىجادىيىتى-كارىزدۇر. كارىز يەر ئاستى سۈيىنى قۇدۇق قانۇنىيىتى بويىچە تاغ ئېتىكىدىكى ئېگىزلىكتىن لەخمە قېزىش ئارقىلىق يەر يۈزىگە باشلاپ چىقىرىدىغان بىر مۇرەككەپ قۇرۇلۇش. كارىز قۇرۇلۇشىدا ئەجدادلىرىمىز بۇنىڭدىن بىر نەچچە يۈز يىل بۇرۇنقى دەۋرگە نىسبەتەن خېلى مۇرەككەپ تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان: تاغ ئېتىكىدىن قېزىلغان بىرىنچى قۇدۇقنىڭ(بىر كارىزدا تەخمىنەن 20-30 دەك قۇدۇق بولىدۇ) ئاستىدىكى تۈرلۈك سۇنىڭ يەر يۈزىگە چىقىش ئورنىدىكى تۈزلۈككە باراۋەر قىلىنغان، بۇ باراۋەرلىك لەخمىنىڭ ئېگىزلىككە قاراپ سوزۇلغان يانتۇلۇقى ئارقىلىق توغرىلانغان.

ئەمما كارىز چېپىشنى باشقىلاردىن ئۆگەنگەن، دېگەن قاراشلارمۇ مەۋجۇت، روشەنكى، ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قانۇنىيىتى ئوخشاش، شۇنىڭدەك ئىنسانلار ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىدە ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش، ئالماشتۇرۇشتىن ئەزەلدىن خالىي بولغان ئەمەس. شۇڭا ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ بەزى شەكىللىرىنىڭ ئوخشاپ كېتىشى تەبىئىي. بۇنىڭلىق بىلەن مەلۇم بىر جايدىكى مەلۇم بىر شەكىلنىڭ باشقا بىر جايدىكى شۇ تىپتىكى شەكىلگە ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىغا قاراپلا ئۇنى باشقىلاردىن ئۆگەنگەن دېيىلسە، كىشىلەرنىڭ ئەقىل-پاراستىگە گۇمانلىق قارالغان بولىدۇ. 

تېرىقچىلىق ئۇسۇلى جەھەتتىن: ئۇيغۇرلار 50-يىللارغىچە ئۆلكە تېرىلغۇسىنى ئاساس، بىنام تېرىلغۇسىنى قوشۇمچە قىلىپ ئادەتلەنگەن. ئۆلكە يېرىدە ئاقتامىچىلىق ئۇسۇلى قوللىنىلاتتى.

بىنام تېرىلغۇسى شىمالىي شىنجاڭدا يامغۇر-يېشىن كۆپ بولغان تاغ باغرى-ئېتەكلىرىگە قىلىناتتى. جەنۇبىي شىنجاڭدا دەريا ۋادىلىرى، توقايلىقلاردىكى تەبىئىي ئوسا بولۇپ قالغان يەرلەردىن باشقا، ئاساسلىقى دەريالارغا توغام سېلىپ، ئۆستەڭ ئېلىپ مەخسۇس ئوسا قىلىنغان يەرلەرگە قىلىناتتى. بەزى كۆل بويلىرىدىكى پارچە تۈزلەڭلىكلەرگىمۇ قىلىناتتى. بۇنداق يەرگە تېرىلغان ئاشلىق بىر تېرىپ قويۇش بىلەنلا پىشقاندا يىغىۋېلىناتتى. بىنامغا بۇغداي، ئارپا، قىچا تېرىلاتتى، بۇنداق بىنام ئادەتتە بىر قېتىم تېرىلىش بىلەن كۆپ دېگەندە ئىككى قېتىم تىرىلىش بىلەن تاشلىنىپ قالاتتى.

ئۇيغۇرلاردا ئۆلكە يېرىنى ئوغۇتلاش ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال. ئۇيغۇرلارنىڭ ئوغۇت مەنبەسى ئاساسەن ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ قىغى، ئۆسۈملۈك يىلتىزلىرىنىڭ چىرىشى بىلەن ھاسىل بولغان دۆڭلۈك توپلىرى ۋە ئولپاڭ(كونا بۇزۇلغان ئۆي-ئىمارەت، كاڭ-سۇپا توپلىرى) دىن ئىبارەت. كۆكتات قىغ، گەندە بىلەن ئوغۇتلىناتتى. مەيلى ئۆلكە يېرى ياكى بىنام بولسۇن ئۇرۇق چېچىپ تېرىلاتتى. مەيلى ئۆلكە يېرىق ياكى بىنام بولسۇن ئۇرۇق چېچىپ تېرىلاتتى. قوناق، كېۋەز قاتارلىقلار ئۈنۈپ چىقىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن تاقلىتاتتى ۋە بىر ئىككى قېتىم ئوتىلاتتى. دېھقانچىلىق قورال-سايمانلىرىمۇ كەتمەن-گۈرجەك، ئورغاق، بوقۇسا-ساپان، ئارا، تولۇق(خامان تاش) ، غەلۋىر، ئۆتكەمە، سۆرەم قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئاددىي قوراللار ئىدى. 

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا 50-يىللاردىن بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ تېرىقچىلىق ئۇسۇلى بىر قەدەر ئاددىي، مو بېشىغا ئېلىنىدىغان ھوسۇلمۇ بىر قەدەر تۆۋەن ئىدى. شۇڭا قوشۇمچە تېرىقچىلىق قىلىناتتى. ئازادلىقتىن كېيىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ئىلغار تېرىقچىلىق ئۇسۇل ۋە تەجرىبىلىرى قوبۇل قىلىنىپ تېرىلغۇ تۈجۈپىلەپ قىلىنىدىغان، ئۇرۇق قۇرلاپ تېرىلىدىغان بولدى. بۇغداي، كېۋەز، شال، قوناقلارنىڭ ئەلا سورتلۇق ئۇرۇقلىرى كىرگۈزۈلۈپ ئومۇملاشتۇرۇلۇشقا باشلىدى. يېڭى تېرىقچىلىق ماشىنا سايمانلىرى قوللىنىدىغان بولدى. بىنام تېرىلغۇسىنى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئالدى. بۇ ئامىللار ئازادلىقتىن كېيىن يەر ئىسلاھاتى ئارقىلىق ئازادلىققا ئېرىشكەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلىگىرى سۈردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى. تېرىلغۇ يەر كۆلىمى ھەر يىلى تۇراقلىق ھالدا كېڭىيىپ، ئاشلىق مەھسۇلاتى ۋە سۈپىتى يىلسېرى ئۆسۈپ مېڭىش بىلەن شىنجاڭنىڭ بۈگۈنكىدەك يېرىم ماشىنىلاشقان يىرىك دېھقانچىلىقىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ قالدى. 

ئۇيغۇرلارنىڭ باغۋەنچىلىكىئۇيغۇرلاردا باغۋەنچىلىكمۇ ناھايىتى تەرەققىي قىلغان. ئاز-تولا شارائىتى بارلا ئادەم باغ-باراڭ قىلىشقا ئادەتلەنگەن. شارائىتى يوق دېگەنلەرمۇ ئىشىك ئالدى يا كەينىگە بىرەر-يېرىم تۈپتىن ئۈجمە، سۆگەت قاتارلىق دەرەخ ئۆستۈرىدۇ، كاۋا-قاپاق، ھەشقىپىچەك قاتارلىقلارنى تېرىپ باراڭ قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار باغۋەنچىلىكتە ئاساسلىقى ئۈزۈم، ئۈجمە، ئۆرۈك، ئالما، شاپتۇل، نەشپۈت، ئامۇت، ئەينۇلا، ئانار، ئەنجۈر، بىيە، گىلاس، جىنەستە، ياڭاق، بادام، چىلان، شاتۇت، قارا ئۆرۈك قاتارلىق مېۋىلەرنى يېتىشتۈرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا قوغۇن، تاۋۇزمۇ ئۆستۈرىدۇ. باغۋەنچىلىك ئۇيغۇرلاردا ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. ئۇيغۇرلار ئۇزۇن يىللىق باغۋەنچىلىك ئەمەلىيىتىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ يۈرۈپ مېۋىلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرگەن ۋە بەزى مېۋىلەرنىڭ نەچچە خىل سورتلىرىنى يېتىشتۈرگەن. قاغىلىقنىڭ ئانىرى، خوتەننىڭ ياڭىقى، ئاتۇشنىڭ ئەنجۈرى، كۇچا، بۈگۈرنىڭ ئۆرۈكى، كورلىنىڭ نەشپۈتى، پەيزىۋات، پىچاننىڭ قوغۇنى، تۇرپاننىڭ ئۈزۈمى ناھايىتى ئاتاقلىق. پىچاننىڭ قوغۇنى، تۇرپاننىڭ كىشمىش ئۈزۈمى، كورلىنىڭ نەشپۈتى دۇنيا بازىردىمۇ يۇقىرى شۆھرەتكە ئىگە. ئىلى، ئاقسۇنىڭ ئالمىسىمۇ داڭلىق. ئۆرۈكنىڭ كىشمىش ئۆرۈك، ياغلىق ئۆرۈك، تۈكلۈك ئۆرۈك، ئاق ئۆرۈك، خوۋەينە، چوقۇر ئۆرۈك، تويۇن ئۆرۈك قاتارلىق سورتلىرى، سايۋا، مۇناقى، غۇنچە ئۈزۈم، كىشمىش ئۈزۈم، قارا ئۈزۈم قاتارلىق ئۈزۈم سورتلىرى، كۆكچى(ئاق-قارا دەپ ئايرىلىدۇ) ، پوستىپىياز، ناشېكەر، بېشەكچە، سەۋزىنازۈك، مەككە، چىلگە، جاغدا قاتارلىق قوغۇن سورتلىرى بار. يېتىلىش ۋە چىداملىق خۇسۇسىيىتىگە قاراپ، يازغى(يازلىق) كۈزگى قوغۇن دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ. كۈزگى قوغۇننى ئۇزۇنغىچە ساقلاپ يېيىشكە بولىدۇ. چېلگە قوغۇننىڭ ئەڭ بۇرۇن پىشىدىغان تۈرى. شۇڭا ئۇيغۇرلار ئاشلىق زىرائەت تۈرلىرىنىڭ بالدۇر ۋە كېچىكىپ پىشىدىغان سورتلىرىنىڭ بالدۇر ۋە كېچىكىپ پىشىدىغان سورتلىرىنىڭ نامىغا «چىلگە» ، «كەنجى» سۆزىنى قوشۇپ ئاتايدۇ. مەسىلەن، چىلگە شال، كەنجىشال، چىلگە قوناق ۋەھاكازا. ئۇيغۇرلاردا باغۋەنچىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن مېۋىنىڭ تاۋارلىق قىممىتىمۇ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن مېۋە سودىسى، مېۋە پىششىقلاپ ئىشلەپ كەسپى قاتارلىق ساھەلەرمۇ شەكىللەنگەن. مەسىلەن، باققالچىلىق، مۇرابباچىلىق، (ۋارىنىچلىق) ھەر خىل مۇراببا قاينىتىشنى ئۇيغۇرلاردا ئومۇميۈزلۈك ئىجتىمائىي ئادەت دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئۇيغۇرلار تەييارلايدىغان مۇراببالار ئىچىدە ئەنجۈر مۇرابباراسى، بىيە مۇرابباسى، ئانار مۇرابباسى، ئانار شەربىتى ئەڭ مەشھۇر. بۇ مۇراببالار يۈرەك، نېرۋا، ئاشقازان، مېڭە ئاجىزلىقلىرى قاتارلىق كېسەللىكلەر داۋالاش بويىچىمۇ مەخسۇس پايدىلىنىدۇ.

ئۇيغۇرلار باغۋەنچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ كېلىپ چىققان مېۋە-چېۋىلەرنىڭ بۇزۇلۇپ ئىسراپ بولۇپ كېتىشتەك زىدىدىيەتلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشنىڭ چارە-تەدبىرلىرىنىمۇ تاپقان. ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئوۋچىلىق، كۆچمەن چارۋىچىلىق دەۋرىدە ئېشىنغان گۆش، بېلىقلىرىنى قۇرۇتۇپ قاق قىلىپ زاپاس ساقلاش ئادىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، مېۋىلەرنىمۇ قاق قىلىشقا ئادەتلەنگەن. قاق قىلىنغان ۋە قىسمەن ھۆل مېۋىلەرنى يىل ئاشۇرۇپ ساقلاش بويىچە مول تەجرىبىلەرنى ياراتقان، بۇ توغرىدا دېھقانلارنىڭ ئۈزۈمنى كېلەر يىلى 3-ئايلارغىچە ياپيېشىل ساقلايدىغانلىقىنى؛ قوغۇننى كېلەر يىلى قوغۇن تېرىشقا قەدەر ساقلايدىغانلىقىنى مىسال كەلتۈرۈشكە بولىدۇ.

مېۋە قاقلىرى ئىچىدە تۇرپاننىڭ كىشمىشىدىن باشقا كۇچا، قەشقەر، بۈگۈرنىڭ ئۆرۈك قېقى، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلارنىڭ شاپتۇل قېقى، ئاتۇشنىڭ ئەنجۈر قېقى ئەزەلدىن ناھايىتى داڭلىق. بۇنىڭدىن تاشقىرى قوغۇن قېقىمۇ ناھايىتى داڭلىق، كۇچانىڭ خورما قېقى تەييارلىنىش، تەمى، رەڭگى جەھەتتىكى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا يۈكسەك داڭق قازانغان. ئۇيغۇرلار ئۆرۈك قېقى، قوغۇن قېقىنى باشقا قۇرۇق مېۋىلەر قاتارىدا دائىم ئىستېمال قىلىشتىن تاشقىرى پولۇغا بېسىپمۇ يەيدۇ. مۇنداق پولۇ ئۆزگىچە تەملىك بولىدۇ. ئۆرۈك قېقى شويلىغا سېلىنسا، شويلا تېخىمۇ تەملىك ۋە يېيىشلىك بولىدۇ. ئۇيغۇرلاردىكى «يېتىپ يەي دېسەڭ باغ قىل، بېقىپ يەي دېسەڭ مال قىل» دېگەن ماقال باغۋەنچىلىكنىڭ ھەر جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن.

كۆكتاتچىلىقئۇيغۇرلاردا كۆكتاتچىلىقمۇ خېلى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. ئۇيغۇرلار بۇرۇن ئاساسلىقى پىدىگەن، چامغۇر، پالەك، يۇمغاقسۈت، پىياز، سەۋزە، تۇرۇپ، ۋە تەرخەمەك، كۈدە، سامساق، شوخلا(پەمىدۇر) ، كاۋا قاتارلىقلارنى ئۆستۈرۈپ ئىستېمال قىلىپ كەلگەن. كېيىنكى دەۋرلەردە بەسەي، لازا، جاڭدۇ، چېڭسەي، كاپوستا، ياڭيۇ قاتارلىق كۆكتاتلارنىمۇ ئۆستۈرۈپ ئىستېمال قىلىدىغان بولغان. ئاق شورپىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك يېمەكلىرى كۆكتاتسىز بولمايدۇ، زىرە، ئارپا، پىدىيان، پىننە گەرچە كۆكتات تۈرىگە كىرمىسىمۇ ئۇيغۇرلار ئۇنى دورا-دەرمەك ئورنىدا ئۆستۈرىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#