كومېنسكىي

 كومېنسكىي (1592-1670) چېخلىق ئۇلۇغ پېداگوك، فېئوداللىق جەمئىيەت يىمىرىلىشكە باشلىغان، كاپىتالىزم تازا گۈللىنىۋاتقان دەۋردە ياشىغان. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى كومېنسكىي
دۆلەت تەۋەلىكى چېخ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1592-يىل 3-ئاينىڭ 28-كۈنى
كەسپى پېداگوگ، ئوقۇتقۇچى، يازغۇچى، پەيلاسوپ
خەنزۇچە ئىسمى 约翰·阿摩司·夸美纽斯
مىللىتى موراۋىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1670-يىل 11-ئاينىڭ 15-كۈنى
چەتئەلچە نامى Jan Amos Komenský

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چېخلىق ئۇلۇغ پېداگوگ كومېنسكىي (1592-1670) فېئوداللىق جەمئىيەت يىمىرىلىشكە باشلىغان، كاپىتالىزم تازا گۈللىنىۋاتقان دەۋردە ياشىغان. ئۇ دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات مەيدانىدا تۇرۇپ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى كونا مائارىپنى دادىللىق بىلەن تەنقىد قىلغان ھەمدە بىر يۈرۈش يېپيېڭى مائارىپ ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ «بۈيۈك ئوقۇتۇش نەزەرىيەسى» دېگەن كىتابنى يازغان، يەنە مەخسۇس بالىلار ئۈچۈن دۇنيا بويىچە تۇنجى قىستۇرما رەسىملىك كىچىك قامۇس − «دۇنيانى رەسىملىك چۈشەندۈرۈش» دېگەن كىتابنى، ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار مائارىپى قوللانمىسى «ئانا تەربىيەسى مەكتىپى» دېگەن كىتابنى تۈزگەن.

كومېنسكىي مائارىپ سەنئىتى «ئىنسانىيەتكە جىمى نەرسىنى ئۆگىتىدىغان مۇكەممەل سەنئەت» (پان ئەقلىي ئىدىيە) دەپ قارىغان، «بارلىق قىز-ئوغۇللار مەكتەپتە ئوقۇشى شەرت»؛ «پۇلدارلار، مەرتىۋىلىكلەرنىڭ بالىلىرىلا مەكتەپتە ئوقۇپ قالماي، بەلكى يەنە شەھەر-بازارلاردىكى بارلىق بالىلار باي-كەمبەغەل، ئەزىز-پەس بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مەكتەپتە ئوقۇشى كېرەك»، مەكتەپلەردە ئۇلارغا «ھازىر ۋە كەلگۈسىدىكى تۇرمۇشتا كېرەك بولىدىغان بارلىق ئىلىم-پەن بىلىملىرى» نى ئۆگىتىش كېرەك، دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇ يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرگە ئوخشاش مۇئەييەن تەرتىپ بويىچە بولىدۇ. بالىلىق مەزگىل كىشىلىك ھاياتنىڭ باھار پەسلى، مائارىپ چوقۇم بۇ خىل تەبىئىيلىككە ئۇيغۇنلىشىپ، بالىلارنى ياش قۇرامىغا قاراپ تەربىيىلىشى كېرەك. ئۇ مۇنداق دېگەن: كونا مەكتەپلەر» بالىلار ئۈچۈن تېررورلۇق سورۇنى»، «ئەقلىي ئىقتىدارنى نابۇت قىلىدىغان ئورۇن». يېڭى مەكتەپلەر «ئادەم بەرپا قىلىدىغان زاۋۇت» بولۇشى كېرەك. كومېنسكىي مەكتەپلەر سىنىپ، يىللىقلار بويىچە دەرس ئۆتۈش تۈزۈمىنى ۋە ئوقۇش يىلى تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى كېرەك، دېگەن قاراشنى دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغان ئادەم. ئۇ بىلىمنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مېڭىسىگە مەجبۇرىي سىڭدۈرۈشتەك ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، قايىل قىلىش، ماختاش، مۇكاپاتلاش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا بىلىم ئېلىش قىزغىنلىقىنى قوزغاش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. سۆز-ئىبارىلەرگە ئۆلۈك ھالدا ئېسىلىۋالىدىغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئىمكانقەدەر بىۋاسىتە كۆرسەتمىلىك ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى ئوڭاي، ئۈزۈل-كېسىل، چاققان قىلىشنى مۇراجىئەت قىلغان.

كومېنسكىي پۈتكۈل ھاياتىنى بالىلارغا بېغىشلىغان. ئۇ بالىلارنى خۇددى تەڭرىنى ھۆرمەتلىگەندەك ھۆرمەتلەش كېرەك، دەپ قارىغان. سەرسان-سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن مەزگىللىرىدىمۇ مائارىپ ئىسلاھاتى ئۈستىدە توختاۋسىز ئىزدىنىپ، ھاردىم-تالدىم دېمەي بالىلار ئۈچۈن كىتاب يازغان. ئۇ ھاياتىنى يەنە تىنچلىق ئىشلىرى ۋە ۋەتىنىنىڭ قايتىدىن گۈللىنىشىگە سەرپ قىلغان. ۋەتىنى مۇستەقىللىقتىن مەھرۇم قالغان، ئائىلىسى بەختسىزلىككە دۇچار بولغان، ئۆزى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان چاغلاردىمۇ قىلچە تىز پۈكمەي «ئېزىلگەن نامراتلارنىڭ تەڭرىگە قىلغان شىكايىتى» − «جەھەننەمگە مەكتۇپ» نى يېزىپ، فېئودال جەمئىيەتنىڭ زۇلمەتلىكى، چىرىكلىكىنى پاش قىلىپ ۋە تەنقىدلەپ، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك قىلىدىغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى قاتتىق تەنقىدلىگەن. ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى كونىچە مائارىپنى ئاخىرلاشتۇرۇش، بۇرژۇئازىيە يېڭى مائارىپىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى تارىختىن بۇيان تىللاردا داستان بولۇپ كەلمەكتە. بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن دۇنيا خەلقى مائارىپ تارىخىدىكى بۇ «كوپېرنىك» نى يەنىلا ئۇلۇغلايدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/1171725.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#