تېرەك بازىرى

تېرەك بازىرى

تېرەك بازىرى شىنجاڭ باي ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، كۆلىمى 114.2 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 3369 مو.

ئۇيغۇرچە نامى تېرەك بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 114.2 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 铁热克镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون باي ناھىيەسى
نوپۇسى 7363

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تېرەك بازىرىتېرەك بازىرى شىنجاڭ باي ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، تۈز سىزىقلىق ئارىلىقى 35 كىلومېتىر كېلىدۇ. قاپسىلاڭ دەرياسى ئوتتۇرا بۆلىكىدىكى تاغ تېرەك جىلغىسىغا جايلاشقان. شەرقتە چوغتال (ناھىيەلىك نەسىللىك قوي فېرمىسى چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە بۇلۇڭ يېزىلىق چارۋىچىلىق رايونى)، غەربتە مىچىغ يېزىلىق چارۋىچىلىق فېرمىسى (مىچىغ يېزىسى چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ۋە بۇلۇڭ يېزىلىق چارۋىچىلىق رايونى)، جەنۇبى تەرىپى باي بازىرى، مىچىخ يېزىسى، چوڭكۆۋرۈك يېزىسى، شىمال تەرىپى تەڭرىتاغ بىلەن قوشنا. كۆلىمى 114.2 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 3369 مو. قارمىقىدا ئىككى بازار، كەنت ئاھالە كومىتېتى، ئاقسۇ ۋىلايىتىگە بىۋاستە قاراشلىق ئۈچ زاۋۇت (باي خىمىيىۋى ئوغۇت زاۋۇتى، باي ئوت ئېلىكتىر ئستانسىنىڭ، باي سېمونت زاۋۇتى)، بىر كان (باي تېرەك كۆمۈر كېنى) بار. نوپۇس 7363 ئادەم. بازارلىق ھۆكۈمەت تېرەك چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ شەرقىي چېتىگە جايلاشقان.

تېرەك بازىرىتېرەك بازىرى رايونى مۇرەككەپ، جىلغا ۋە قوشنا ھەر قايسى يېزا، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن چەكلىمىنىڭ تەسىرىدە، كۆپ ساندىكى جايلار تەلۋىچۈك دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمى ۋە قاپسىلاڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا تارقالغان. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1600-2000 مېتىر، تەڭرى تېغىنىڭ ئالدى تاغلىق رايۇن كىلىماتىغا كىرىدۇ. يازدا سالقىن، قىش پەسلىدە ئىللىق، شامالسىز، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى ℃32-، ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرا ℃34.5 بولىدۇ، ھەر يىلى 10-ئايدا قار يېغىپ، مۇز تۇتىدۇ، كېيىنكى يىلى 4-ئاينىڭ باشلىرىدا ئېرىيدۇ، يىللىق قار چۈشۈش مىقدارى 8.3 سانتىمېتىر، ئەڭ چوڭ ھۆل-يېغىن مىقدارى 35.4 سانتىمېتىر. 

تەۋەلىكىدىكى ئېدىرلىق، ئېرىقلار كېسىشكەن، سۇ مەنبەسى يېتەرلىك، ئوت-چۆپ مول، كان بايلىقى مول. يېقىن ئەتراپتىكى ئېگىز تاغ ئۈستىدە دائىم قار تۇرىدۇ، تاغنىڭ تەسكەي تەرەپلىرىدە ئاز مىقداردا شەمشاد بار، جەرەن بار، تاغ ئۆچكىسى، سۇغۇر، قىرغاۋۇل قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار ياشايدۇ.قېزىلغان كان مەھسۇلاتلىرىدىن كۆمۈر،تۆمۈر، سېغىز توپا، كۋارتس، ھاك تاش، سىلانېتس قاتارلىقلار بار، كۆمۈرنى ئاساس قىلىدۇ.

تېرەك بازىرىبۇ بازارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى كىچىك بولغاچقا، ئاساسلىقى كان مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىدۇ، تېرەك كۆمۈر كېنى، باي ئوت ئېلىكتىر ئىستانسىسى، باي خىمىيىۋى ئوغۇت زاۋۇتى، باي سېمونت زاۋۇتى قاتارلىق ئاساسلىق زاۋۇت، كانلار بار، بۇ زاۋۇت باي ناھىيەسى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى قوشنا ناھىيەلەرنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 

تېرەك كۆمۈر كېنىدىن قاپسىلاڭ دەرياسىنى بويلاپ، شىمالغا ئىككى كىلومېتىر ماڭسا باي ناھىيەسىدىكى ئارىشاڭغا يېتىپ بارغىلى بۇلىدۇ. بۇ يەردە ئارشاڭ كۆز كۆپ بۇلۇپ، ئوتتۇرىچە سۇ تېمپېراتۇرىسى ℃50 قا يېتىدۇ، سۇ تەركىبىدە گۈڭگۈرتنى ئاساس قىلغان كۆپ خىل مىنېرال ماددىلار بولۇپ ، تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى. ھەر يىلى 3-ئايدىن 5-ئايغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بۇ يەرگە يۇيۇنغىلى كېلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#