تېرەك
تېرەك ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەر قانداق يېردە ئۆستۈرۈلدىغان، ئۆستۈرۈلۈش تارىخى ئۇزۇن، ئىشلىتىىش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ دەرەخ تۈرلىرىنىڭ بىرى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تېرەك ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەر قانداق يېردە ئۆستۈرۈلدىغان، ئۆستۈرۈلۈش تارىخى ئۇزۇن، ئىشلىتىىش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ دەرەخ تۈرلىرىنىڭ بىرى. تېرەك ئاساسەن ھويلا-ئارام ئەتراپى، يول، ئېتىز-ئېرىق، ئۆستەڭ بويلىرى، تېرىلغۇ يەر ئەتراپى، سۇ ئامبىرى قاشلىرى، كۆل-دەريا بويلىرى، ئەتراپلىرىغا تىكىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. تېرەك تىك ھەم تۈز ئۆسىدىغان بۇلۇپ، ئەڭ ئېگىز ئۆسكەندە 30 مېتىر ئەتراپىدا ئۆسىدۇ. ئۇزۇن بولغاندا 700 يىل ئەتراپىدا ئۆمۈر كۆرىدۇ. ھازىر ھەر قايسى جايلاردىن قوغداش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن 500 يىللىقتىن يۇقىرى بولغان تېرەكلەرنى خېلى كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدۇ. تېرەكلەرنىڭ ئۇرۇقى بولىدۇ، ئەمما ئاساسلىقى قەلەمچە قىلىش ئارقىلىق كۆپەيتىلىدۇ. قۇمساڭغۇ تۇپراقتا ياخشى ئۆسىدۇ، تېرەكنىڭ قايسىلا تۈرى بولسۇن، ھەممىسى ئەڭ ياخشى ياغاچ ماتىريالى ھېسابلىنىدۇ. تېرەكنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولغاچقا، ھەر بىر تۈردىكى تېرەكنىڭ ئىچكى تۈزۈلىشى، ياغىچىنىڭ قاتتىق يۇمشاقلىقى، ئۆسۈش ئەھۋالى، تاشقى شەكلى، خۇسۇسىيىتى، ئالاھىدىلىكى، رولى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ.
تېرەكئادەتتە دەرەخنىڭ غولى تۈز، دەرەخ قوۋزىقى سىلىق ياكى ئۇزۇنىسىغا يېرىلغان، ئادەتتە كۈل رەڭ ۋە ئاق رەڭلىك. چوققا بىخى، بىخ قاسراقچىسى كۆپ. يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، تۇخۇمسىمان يۇمىلاق شەكىللىك، تۆمۈنسىمان ياكى ئۈچ بۇرجەك تۇخۇم شەكىللىك، ئوخشاش بولمىغان شاخلىرى (مەسىلەن: ئۇزۇن شاخ، بىخ،) ئوخشىمىغان شەكىلدە، يۇپۇرماق قىرغاقلىرىدا چىشسىمان گىرۋەكلىرى بار؛ يۇپۇرماق سېپىنىڭ ئۇزۇنلقى ياپىلاق ياكى سىلىندىر شەكلىدە. بىرخىل ئوت گۈلى پوتلىسىمان گۈل رېتى تۆۋەنگە ساڭگىلاپ تۇرىدۇ، ئورىغۇچى يوپۇرماق ئۇچى ئۇچلۇق يېرىق ياكى چاك يوللۇق، پەردىسىمان نېپىز پوستلۇق، پەللە يوپۇرمىقى ئېللىپس شەكىللىك.[0]
قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئاپتونۇم رايۇنىمىزدا ئۆستۈرۈلۈپ كېلۋاتقان تېرەكنىڭ تۈرلىرىدىن ئون نەچچە خىلى بار، بۇلاردىن ئاساسلىقى قاپاق تېرەك، قارا تېرەك، ھاڭگا تېرەك، ئاق تېرەك، توغراق تېرەك، چوڭ يۇپۇرماقلىق تېرەك قاتارلىقلار بار.
قاپاق تېرەك
قاپاق تېرەك ئاساسلىقى يىلتىزىدىن كۆپىيىدۇ. تەخمىنەن ئون مېتىر ئەتراپىدا ئۆسكەندىن كىيىن ئەتراپقا پۇتاق چىقىرىپ شاخلايدۇ. قوۋزاق غازاڭلىرىنىڭ رەڭگى كۈمۈش رەڭدە، ياغىچىنىڭ رەڭگى ئاق رەڭدە بۇلۇپ، ئىچكى تۇقۇلمىلىرى ناھايىتى مۇستەھكەم ھەم قاتتىق بولىدۇ. غازىڭى ئالقاندەك يېيىلىپ يۈزى قۇياشقا قاراپ تۇرىدۇ، شۇ سەۋەپتىن قۇياش نۇرىنى ناھايىتى تۇلۇق سۈمۈرىدۇ. قاپاق تېرەكنىڭ غول يىلتىزى بۇلۇپ، يەر تېگىگە بەش مېتىر ئەتراپىدا چوڭقۇرلاپ ئۆسىدۇ. ياخشى ئۆسكەن قەدىمى قاپاق تېرەكلەر يىگىرمە نەچچە مېتىر ئەتراپىدا ئۆسىدۇ. قانچە ئېگىز ئۆسكەنسىېىرى شاخلىرى ئەتراپقا يېيىلىپ كۇنلۈكسىمان ھالەتكە كېلىدۇ.يۈز يىلدىن ئېشىپ كەتكەن قاپاق تېرەكلەرنىڭ غولىنىڭ ئوتتىرىسى پورلىشىپ كېتىدۇ. 40 يىل ئەتراپىدا بولغانلىرىنىڭ ياغىچى كەڭ، ياخشى ياغاچ ماتىريالى بولىدۇ. بۇنداق ياغاچ قۇرۇلۇش ماتىريالى قىلىنسۇن ياكى ئۆي جاھازىلىرى ياساشقا ئىشلىتىلسۇن ناھايىتى سۇپەتلىك بولىدۇ.
قارا تېرەك
قارا تېرەك يەنە سۇۋادان تېرەك دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىلدىكى تېرەك تېرەك تۈرلىرى ئىچىدىكى ئەڭ تۈز، ئېگىز ئۆسىدىغان، شەكلى ۋە رەڭگى چىرايلىق بولغان تېرەك تۈرلىرىنىڭ بىرى. قارا تېرەك ئەڭ ئېگىز ئۆسكەندە 40 مېتىر ئەتراپىدا ئۆسىدۇ. غولى ياكى شاخلىرى بولسۇن قەلەمنىڭ سېپىدەك تۈز ئۆسىدۇ. غولىنىڭ قوۋزاق، يۇپۇرماقلىرىنىڭ رەڭگىمۇ قارىغا مايىل كۆكۈش بولىدۇ. شۇڭا قارا تېرەك دەپ ئاتالغان. قارا تېرەكنىڭ غازىڭى چوڭ، ئېگىزگە قاراپ ئۆسىدۇ. قارا تېرەكنىڭ تۈۋىدە ۋە ئوتتۇرا قىسمىدا يان شاخلىرى بولمايدۇ، ئېگىزلىگەنسىرى ھەر بىر مېتىر ئەتراپىدا بىر تال يان شاخلىرى بولىدۇ. يان شاخلىرىمۇ ئېگىزگە قاراپ تىك ئۆسىدۇ. قارا تېرەكنى قەلەمچە قىلىپ ئۆستۈرسە ئەڭ ياخشى ئۆسىدۇ. بىر يىللىق بولغان شېخىنى كېسىپ ئېلۋىلىپ، 20 سانتىمېتىر ئەتراپىدا قىلىپ توغراپ قىشتا ئورەككە كۆمۈپ توڭلىتىۋەتسە ناھايىتى ياخشى تۇرىدۇ. ئەتيازدا ئېتىزغا تىكىپ ئۇستىدىن سۇغۇرۋەتسە بىر يازدا بىر مېتىر ئەتراپىدا كۆكلەيدۇ. كېلەر يىلى ئەتيازدا ئالدىنقى يىلى كۆكلىگەن شېخىنى تۈۋىدىن كېسۋەتسە ئىككىنچى يىلى تۆت مېتىر ئەتراپىدا ئۆسىدۇ. قارا تېرەك 30 يىل ئەتراپىدا ناھايىتى ياخشى ياغاچ ئماتىريالى بولىدۇ. ئۆيگە لىم قىلىشقىمۇ، ئۆي جاھازىلىرى ياساشقىمۇ بولىدۇ. ياغاچنىڭ رەڭگى ئاق، سۈزۈك، يۈزى تەكشى، سۈپەتلىك بۇلۇپ، ھەر قانداق ئۇرۇندا بىمالال ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
ھاڭگا تېرەك
ھاڭگا تېرەك باشقا ھەر قانداق تېرەككە ئوخشىمايدۇ. غول قىسمىدىن تارتىپ شاخلىرىغا قەدەر خۇددى بامبۇك نوتىسىدەك بوغۇم-بوغۇم بۇلۇپ ئۆسىدۇ، بىر بوغۇم بىلەن يەنە بىر بوغۇم ئارلىقى تەخمىنەن 20 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. قوۋزاق غازاڭلىرىنىڭ رەڭگى قاپاق تېرەكنىڭكىگە ئوخشاش كۈمۈش رەڭدە. ئەمما غول قىسمىنى باشقا تېرەكلەرنىڭكىگە ئوخشاش ئۆي جاھازىلىرىنى ياساشقا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. بوغۇملىرى كۆپ بولغاچقا سۈپەتلىك چىقمايدۇ. ھاڭگا تېرەك ياغىچىنى پەقەت قىرىمچىىق، قول ھۈنەر -سەنئىتىدە ئاياق، كاسا، دۈشە ئاياق، تەڭلە قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ. ھاڭگە تېرەك ياغىچىنىڭ تۇقۇلمىلىرى ئىنتايىن مۇستەھكەم، قاتتىق چىڭ بۇلۇپ قىرىمچىلىق سەنئىتىدە ئەڭ ياخشى خام ماتىريال ھېسابلىنىدۇ. ھاڭگا تېرەكنىڭ تارقىلىشى كۆپ ئەمەس، قەلەمچە قىلىپ ئۆستۈرۈشمۇ تەس، ئاسان كۆكلىمەيدۇ، پەقەت يىلتىزىسىن ئاز ساندا نوتا كۆكلەپ چىقىدۇ، باھاسىمۇ باشقا تېرەك ياغاچلىرىغا قارغاندا بەكلا قىممەت.
ئاق تېرەك
ئاق تېرەكنىڭ قەلەمچىسىنىڭ ئەي بۇلۇش نىسبىتى يۇقىرى، ئۈسۈشى تېز، ماتىريال قىممىتى يۇقىرى، ئەمما ياغىچىنىڭ ئىچكى تۇقۇلمىلىرى سەل شالاڭ، ئاجىز كېلدۇ. ئاق تېرەكنىڭ ئوق يىلتىزىمۇ يەر تېگىگە بەك چوڭقۇر يىلتىز تاتمايدۇ. چاچما يىلتىزلىرى كۆپرەك بولىدۇ، تۈز ئۆسىدۇ. ئەڭ ئېگىز بولغاندا 20 مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. قوۋزىقىنىڭ رەڭگى كۈمۈش رەڭدە، غازىڭىنىڭ رەڭگى سۇس يېشىل رەڭدە بولىدۇ. ئەتياز كۈنلىرى باشقا دەرەخلەردىن بىرەر ھەپتە بالدۇر غازاڭ چىقىردۇ، ئەمما كۈز كۈنلىرىدە باشقا دەرەخلەردىن ئۈچ ھەپتە بۇرۇن غازاڭ تاشلايدۇ. قۇرغاقچلىققا بەرداشلىق بېرىش كۈچى ئاجىز، باشقا تېرەك تۈرلىرىدەك يەر ئاستى سۈيىنى ئۆزىگە سۈمۈرۈش ئىقتىدارى تۆۋەن، ئاسان قۇرۇپ قالىدۇ، تىكىپ 20 يىلدىن كىيىن ياخشى ياغاچ ماتىريالى بولىدۇ.ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ كەتسە ياغىچىنىڭ ئىچى پورلىشىپ ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ. ئاق تېرەكنى ياغاچ ماتىريالى قىلىشقا كەسكەندە چۇقۇم كەسكەن ھامان تاشقى قوۋزىقىنى سۇيۋىتىش كېرەك. قوۋزىقى سۇيۋىتىلسە ياغاچ رەڭگى ئاق، سۈزۈك، قاتتىق، چىڭ قۇرۇيدۇ. ئەممە قوۋزىقى ۋاقتىدا سۇيۇلمىغان ئاق تېرەك ياغىچىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئاق تېرەكنىڭ شاخلىرىمۇ ئىنتايىن چۈرۈك كېلدۇ. ئەي بۇلۇشى ياخشى بولغان بىلەن، ياغىچى باشقا تېرەك ياغاچلىرىدەك مۇستەھكەم، قاتتىق بولمايدۇ.
توغراق تېرەك
توغراق تېرەكتوغراق تېرەكنى بىر قىسىم جايلاردا چوڭ يۇپۇرماقلىق ئاق تېرەك دەپمۇ ئاتايدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە ئاق تېرەكنىڭ يەنە بىر خىلى. قەلەمچە قىلىش ئارقىلىق كۆپەيتىلىدۇ، ئەمما مەيلى غول قىسمى بولسۇن ياكى شاخلىرى بولسۇن ياكى غازاڭلىرى بولسۇن ئاق تېرەككە ئوخشىمايدۇ. غولىنىڭ قوۋزىقى ئاق تېرەكنىڭ قوۋزىقىنىڭ رەڭگىدىن سەل قارامتۇل بولىدۇ. غازاڭلىرىمۇ ئاق تېرەكنىڭ غازاڭلىرىدىن چوڭ، ئالقانسىمان، رەڭگى قارامتۇل بولىدۇ. ئاق تېرەكتەك تۈز ئۆسمەيدۇ. ئەتراپتىكى دەرەخلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ئەگىرى ئۆسىدۇ، شاخلىرىمۇ كۆپ بولىدۇ، ئەمما شاخلىرى ئاق تېرەكتەكنىڭ شاخلىرىدەك چۈرۈك بولمايدۇ. غولىمۇ ئاق تېرەكنىڭ ياغىچىدىن قاتتىقراق كېلىدۇ. غازىڭى چوڭ، ئالقانچىلىك كېلىدۇ. تىكىپ 20 يىل ئەتراپىدا ئوبدان ياغاچ بولىدۇ. ياغىچىنى ئۆيگە لىم قىلىشقا، ئۆي جاھازىلىرى ياساشقا بولىدۇ. بۇ خىل تېرەك كۆپىنچە يول بويلىرىدا مەنزىرە دەرىخى ئورنىدا تىكىلىدۇ. غازاڭلىرى چوڭ بولغاچقا ياز كۈنلىرىدىكى سايىسىمۇ چوڭ، سالقىنداشقا ماس كىلىدۇ.
چوڭ يۇپۇرماقلىق قاپاق تېرەك
چوڭ يۇپۇرماقلىق قاپاق تېرەكنىڭ باشقا تەرەپلىرى قاپاق تېرەك بىلەن ئوخشاش، ئوخشىمايدىغان يېرى غازاڭلىرى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. مەنزىرە دەرىخى ئورنىدا بازار، رەستە بويلىرىغا تىكىلىدۇ. يېڭى تىكىلگەن كۆچىتى بىر يازدا ئىككى مېتىر ئەتراپىدا، شاخلىرى ئەتراپقا يېيىلىپ ئۆسىدۇ.
تېرەك تارقاق ئۆسىدۇ، شىمالىي يېرىم شاردىكى مۆتىدىل بەلباغ ۋە سوغۇق مۆتىدىل بەلباغ ئورمان دەرەخ تۈرى ھېسابلىنىدۇ. ئېلىمىزنىڭ شىمالىي كەڭلىك 25 گىرادۇس 53 سېلسىيە گرادۇس، شەرقىي مېردىئان 80 گىرادۇس 134 سېلسىيە گرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ. يەنى ئوتتۇرا جۇڭگو، شىمالىي جۇڭگونىڭ غەربىي زېمىنى، شەرقىي شىمال قاتارلىق كەڭ رايونلاردا ئۆسىدۇ. دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىدا ئادەتتە شىمالىي كەڭلىك 30 گىرادۇس، 72 سېلسىيە گرادۇس دائىرىسىدە ئۆسىدۇ.
شىنجاڭنىڭ ھاۋاسى قۇرغاق، تۇپرىقى قۇمساڭغۇ، ھۆل-يېغىن مىقدارى ئاز، كېچە-كۈندۈزلۈك تېمپىراتۇرا پەرقى چوڭ، ياز پەسلى ئۇزۇن، قىش پەسلى قىسقا، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى تىك بۇلۇپ، بۇنداق مۇھىت شىنجاڭدا دەرەخ ئۆستۈرۈشنىڭ ياخشى پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. يەنە كىلىپ شىنجاڭدا ئولتۇراقلاشقان مىللەتلەر ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئۆيلەرنى ئاساس قىلىدۇ. ئۆيلىرىنى ئۆي جاھازىلىرى بىلەن تولدۇرىدۇ. تۈۋرۇك، تۇرۇس لىملىرى نەقىشلەنگەن ئۆيلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق ئۆيلەرنى سېلش ئۈچۈن تۈز تۆككەن توم، ئۇزۇن ياغاچلار بولمىسا بولمايدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار ئۆي سالغان ھامان ئۆي ئەتراپىغا تېرەك كۆچىتى قويىدۇ. مەيلى ئۆي سېلىشتا بولسۇن ياكى ئۆي جاھازىلىرىنى ياساشتا بولسۇن تېرەك ياغىچى ئاساسىي ئۇرۇندا تۇرىدۇ. تېرەك ياغىچىدا ياسالغان ھەر قانداق ئۆي جاھازىلىرىنىڭ سۈپىتى ياخشى چىقىدۇ. شىنجاڭدا تېرەك ئۆستۈرۈش ئەۋزەل شارائىتقا ھەم مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئىقتىسادىي قىممىتى
تېرەك ياغىچى ئىشلىتىش دائىرىسى كەڭ، سۈپىتى ياخشى، رەڭگى چىرايلىق بولغاچقا باشقا دەرەخ ياغاچلىرىغا قارىغاندا ئالاسىدە ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە. ھازىر برتوندىن قۇپۇرۇلغان ئۆيلەر، مرتال ۋە سۈن.ىي تاختايلاردىن ياسالغان ئۆي جاھازىلىرى كۈنسىرى كۆپىيۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن تېرەك ياغىچىغا بولغان ئېھتىياجىمۇ ئېشىپ، باھاسىمۇ يۇقىرى، تېرەك ياغىچىنى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان زاۋۇتلارمۇ كۆپىيۋاتىدۇ. سەرەڭگە ياساش، ئوراپ قاچىلاش ساندۇقلىرى ياساش دېگەنلەرگە سۈپەتلىك تېرەك ياغىچى بولمىسا بولمايدىغان بولغاچقا ، تېرەك ياغىچى ئېچتىياجنى قامداپ بولالمىغان. تېرەك ياغىچىنىڭ ئىقتىسادى قىممىتى ئىزچىل يۇقىرى ئۇرۇننى ساقلاپ كەلگەن.
تېرەكئوخشىمىغان دەرەخ تۈرلىرىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە مۇھىت ئاسراش رولى بار. تېرەك چاڭ-توزاننى ئۆزىگە سۈمۈرۈش، ئىسسىق ھاۋانىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش، تۇپراقنىڭ نەملىكىنى ئاشۇرۇش، شامال كۈچىنى ئاجىزلاشتۈرۈش، قۇم-بوراننىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۇپراقنىڭ ئېقىپ كىتىشىنىڭ ھەم بوشىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتلەردە رولى ناھايىتى چوڭ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.