شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى باشقۇرۇش نىزامى

ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى باشقۇرۇش نىزامى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى باشقۇرۇش نىزامى 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21-يىغىنىدا ماقۇللانغان. 

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى باشقۇرۇش نىزامى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2016-يىلى 3–ئاينىڭ 31-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区农田地膜管理条例
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى
ھۆججەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22-نومۇرلۇق ئېلانى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22-نومۇرلۇق ئېلانى

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى باشقۇرۇش نىزامى» 2016-يىلى 3–ئاينىڭ 31-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21–يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

2016-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى

1-ماددا بۇ نىزام يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ مەنبەلىك بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى ئىلمىي باشقۇرۇش، دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش قانۇنى» ۋە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2-ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، ئىشلىتىش، يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا مۇشۇ نىزام تەتبىقلىنىدۇ. لېكىن، ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي تەۋەسى سىرتىدا قانۇن بويىچە توختام تۈزگەن، ئىشلەپچىقارغان، ساتقان ئېتىز يالتىراق يوپۇقى بۇنىڭ سىرتىدا.

3-ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان ئېتىز يالتىراق يوپۇقى قېلىنلىقى 0.01 مىللىمېتىردىن ئاشىدىغان، چىداملىق ۋاقتى 180 كۈندىن ئاشىدىغان، مەھسۇلاتنىڭ باشقا كۆرسەتكۈچى، پارامېتىرى دۆلەت بەلگىلىگەن سۈپەت ئۆلچىمىگە توشىدىغان پولىئېستېرىنلىق ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى كۆرسىتىدۇ.

مۇشۇ ماددىنىڭ ئالدىنقى تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

4-ماددا ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى باشقۇرۇشتا تۆۋەندىكى پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش كېرەك:

(1) ھۆكۈمەت تۈرتكە بولۇش، سىياسەت ئارقىلىق يېتەكلەش، جامائەت قاتنىشىش، قانۇن بويىچە باشقۇرۇش؛

(2) ئۆلچەملەشتۈرۈش، مىقدارىنى ئازايتىش، بايلىققا ئايلاندۇرۇش، بۇلغىماسلىق؛

(3) كىم بۇلغىسا شۇ تۈزەش، كىم نەپ ئالسا شۇ تۈزەش؛

(4) ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش.

5-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىشقا تەشكىلاتچىلىق قىلىپ، كېرەكسىز ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنىڭ بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى مۇھىت ئاسراش نىشانى بويىچە نەتىجە باھالاش سىستېمىسىغا كىرگۈزىدۇ ھەمدە شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىدا مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى ئىشلىتىش، يېڭى مەھسۇلاتلارنى يارىتىش، كېرەكسىز ئېتىز يالتىراق يوپۇقىدىن يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش شۇنىڭدەك بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قاتارلىق ئىشلارغا يار–يۆلەك بولىدۇ.

6-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ماتېرىيالدىن پايدىلىنىپ، پارچىلىنىشچان ۋە بۇلغىمىسىز ئېتىز يالتىراق يوپۇقى ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىلھام بېرىشى كېرەك؛ سېتىش كارخانىلىرى ۋە ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى ئىشلەتكۈچىلەر، دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ پارچىلىنىشچان، بۇلغىمىسىز ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى سېتىشىغا ۋە ئىشلىتىشىگە ھەمدە ئۇنى پەيدىنپەي كېڭەيتىشىگە ئىلھام بېرىشى كېرەك.

ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن پارچىلىنىشچان، بۇلغىمىسىز ئېتىز يالتىراق يوپۇقى پولىئېستېرسىز ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى كۆرسىتىدۇ.

7-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئېتىز يالتىراق يوپۇقى ئىشلىتىش ۋە كېرەكسىز ئېتىز يوپۇقىدىن يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش شۇنىڭدەك بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مالىيە، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، پەن-تېخنىكا، مۇھىت ئاسراش، سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى، سودا، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، سۇچىلىق، تەمىنات-سودا تارمىقى قاتارلىق تارماقلىرى ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئالاقىدار تارماقلارغا ماسلىشىپ ئادا قىلىدۇ.

8-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق مەسئۇل تارمىقى سودا، تەمىنات-سودا تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بىر تۇتاش پىلانلاش، ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش، سېتىشقا قولايلىق بولۇش، يېشىل، زىيانسىز بولۇش تەلىپى بويىچە، شۇ مەمۇرىي رايوندا كېرەكسىز ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى يىغىۋېلىش تور نۇقتىلىرىنى مۇۋاپىق جايلاشتۇرۇشى كېرەك.

9-ماددا يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى كەنت ئاھالە كومىتېتلىرىنىڭ ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى ئىشلەتكۈچىلەرنى ۋە دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىنى كېرەكسىز ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى يىغىۋېلىش ۋە سېتىپ بېرىشكە تەشكىللىشىگە يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، كېرەكسىز ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى يىغىۋېلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

10-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق، سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى، سودا، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى بويىچە، قەرەللىك تەكشۈرۈش، بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، ئىشلىتىش ۋە كېرەكسىز ئېتىز يالتىراق يوپۇقىدىن يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

11-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق مەسئۇل تارمىقى ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭ بۇلغاش ئەھۋالىنى قەرەللىك كۆزىتىپ ۋە ئىلمىي باھالاپ، بۇلغىنىشتىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىشى، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، يېزا ئىگىلىكىنىڭ مەنبەلىك بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ھەمدە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە دوكلات قىلىشى كېرەك.

12-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۇنىڭ دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى، دېھقانچىلىق تېخنىكا خادىملىرى ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنىڭ بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەشۋىقات خىزمىتىنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇپ، ئېتىز يالتىراق يوپۇقى ئىشلەتكۈچىلەر ۋە دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىنى تەربىيەلەش، يېتەكلەش ئارقىلىق، يالتىراق يوپۇقنى يىغىۋېلىشقا پايدىلىق ئۇسۇل ۋە يالتىراق يوپۇقنى مۇۋاپىق پەيتتە ئېچىۋېتىشكە ئوخشاش يېڭى تېخنىكىنى قوللىنىپ، يالتىراق يوپۇقنىڭ قاپلاش نىسبىتىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا تۆۋەنلىتىپ، ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى ئىشلىتىش مىقدارىنى ئازايتىپ، ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى يىغىۋېلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشىنى تۆۋەنلىتىشى كېرەك.

13-ماددا ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى ئىشلەتكۈچىلەر، دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرى تېرىلغۇ يەرنى قوغداپ ۋە ئاسراپ، كېرەكسىز ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى ۋاقتىدا يىغىۋېلىپ، دېھقانچىلىق يېرىنىڭ بۇلغىنىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى ئىشلەتكۈچىلەر ۋە دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىدىن ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يوپۇق ئېچىش، يوپۇق يىغىش يېزا ئىگىلىك ماشىنا-ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋالغانلىرىغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ياردەم پۇلى بېرىشى كېرەك.

14-ماددا ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى ئىشلەتكۈچىلەر، دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرى ۋە يىغىۋېلىش كارخانىلىرىنىڭ كېرەكسىز ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى تاشلىۋېتىشىگە، كۆمۈۋېتىشىگە ياكى كۆيدۈرۈۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

15-ماددا يىغىۋېلىش كارخانىلىرى بايلىقتىن پايدىلىنىش نىسبىتى يۇقىرى، بۇلغىما چىقىرىش مىقدارى ئاز ھۈنەر– ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ، كېرەكسىز ئېتىز يالتىراق يوپۇقىدىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىشى ۋە ئۇنى زىيانسىزلاندۇرۇشى كېرەك.

16-ماددا ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش كارخانىلىرى ياكى يىغىۋېلىش كارخانىلىرى ئېتىز يالتىراق يوپۇقى، شۇنىڭدەك كېرەكسىز ئېتىز يالتىراق يوپۇقىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بويىچە پەن-تېخنىكا تەتقىقاتىنى يولغا قويغان، تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۈلگە كۆرسەتكەن ۋە كېڭەيتىپ ئىشلەتكەن بولسا، ئوخشاش شارائىتتا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار يىغىۋېلىش كارخانلىرىغا يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش تۈرىنى ۋە ئىگىلىك تىكلەش، مەبلەغ سېلىش يېتەكچى فوندىنى ئاۋۋال ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يىغىۋېلىش كارخانىلىرىغا يەر، توك، سۇ، گاز ئىشلىتىش، كىرېدىت قاتارلىق جەھەتتە ئېتىبار بېرىدۇ ياكى ياردەم پۇل بېرىدۇ؛ ئوخشاش شارائىتتا، يىغىۋېلىش كارخانىلىرى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتنى ھۆكۈمەت ئاۋۋال سېتىۋالىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى سېتىش كارخانىلىرىنىڭ يىغىۋېلىش ئىشىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق بېكىتىش، دائىرە بويىچە يىغىۋېلىش، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇپ بېرىشكە ئوخشاش ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، كېرەكسىز ئېتىز يالتىراق يوپۇقىدىن يىغىۋېلىپ قايتا پايدىلىنىشىغا ئىلھام بېرىدۇ ھەمدە مۇكاپاتلاش ئورنىغا تولۇقلىما بېرىش، قەرز كېپىلى بولۇش، ئۆسۈمسىز قەرز بېرىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ يار–يۆلەك بولىدۇ.

ھەر قانداق كارخانىنىڭ ساختا مەلۇم قىلىش، كۆز بويامچىلىق قىلىش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ، ياردەم پۇل قاتارلىق مالىيە مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

مالىيە مەبلىغى ياردەم پۇلىنى ئىشلىتىۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

17-ماددا يىغىۋېلىش كارخانىلىرى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دېھقانچىلىق مەسئۇل تارمىقى بىلەن كېرەكسىز ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى يىغىۋېلىش، بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالىشى ھەمدە كېرەكسىز ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش ئۆلچىمى، باھاسى، يىغىۋېلىش مىقدارى شۇنىڭدەك كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇپ بېرىش لايىھەسىنى جەمئىيەتكە قەرەللىك ئېلان قىلىشى كېرەك.

18-ماددا ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش كارخانىلىرى ۋە دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرى، ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كېرەكسىز ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى يىغىۋېلىش مەسئۇلىيىتى بار.

دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرى ۋە ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى ئىشلەتكۈچىلەر تىجارەت قىلغان جايدا ئىشلىتىلگەن كېرەكسىز ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى قالدۇرماي يىغىۋېلىشى ھەمدە يىغىۋېلىش كارخانىلىرىنىڭ يىغىۋېلىش تور نۇقتىلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك؛ يىغىۋېلىش كارخانىلىرى يىغىۋېلىش تور نۇقتىلىرىدىكى كېرەكسىز ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنىڭ ھەممىسىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشى كېرەك.

19-ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، دېھقانچىلىق مەسئۇل تارمىقى قاتارلىق تارماقلىرى پاش قىلىش مەلۇماتىنى مەسئۇلىيىتى بويىچە قوبۇل قىلىپ، ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە جاۋاب بېرىشى كېرەك. قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئېنىقلانغاندىن كېيىن، پاش قىلىش ماتېرىيالىنى قوبۇل قىلغان تارماق ئەھۋالغا قاراپ پاش قىلغۇچىنى مۇكاپاتلىشى كېرەك.

20-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق مەسئۇل تارمىقى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، ئىشلىتىش ۋە كېرەكسىز ئېتىز يالتىراق يوپۇقىدىن يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش سورۇنلىرىنى تەكشۈرۈپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلەيدۇ؛ مۇشۇ نىزامنىڭ 3-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماي ئىشلەپچىقارغان، ساتقان ۋە ئىشلەتكەن ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلار قانۇن بويىچە پېچەتلەيدۇ ۋە تۇتۇپ قالىدۇ.

21-ماددا ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى ئىشلەتكۈچىلەر ۋە دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىدىن مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن، ئۆلچەمگە توشمايدىغان ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى ئىشلەتكەن ياكى كېرەكسىز ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى يىغىۋالمىغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىنىڭ ئېتىز يالتىراق يوپۇقىغا دائىر ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا يول قويمايدۇ.

22-ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 3-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى ئىشلەپچىقارغان، ساتقانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى تارمىقى ۋە سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مەسئۇلىيىتى بويىچە ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ. قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپچىقارغان، ساتقان ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپچىقارغان، ساتقان ئېتىز يالتىراق يوپۇقى (جۈملىدىن سېتىپ بولغان ۋە ساتمىغان ئېتىز يالتىراق يوپۇقى)نىڭ قىممىتىدىن يۇقىرى، 3 ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى قوشۇمچە مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

23-ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 14-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېتىز يالتىراق يوپۇقى ئىشلەتكەنلەر ۋە دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرى ياكى يىغىۋېلىش كارخانىلىرىدىن كېرەكسىز ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى تاشلىۋەتكەن، كۆمۈۋەتكەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمەي ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى ئىشلەتكەنلەرگە 100 يۈەندىن يۇقىرى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىغا 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، يىغىۋېلىش كارخانىلىرىغا 3000 يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

كېرەكسىز ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى كۆيدۈرۋەتكەنلەرگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

24-ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 16-ماددىسىنىڭ 4–، 5-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ياردەم پۇل قاتارلىق مالىيە مەبلىغىنى يالغان مەلۇم قىلىش، كۆز بويامچىلىق قىلىش ۋاسىتىسى بىلەن ئالداپ ئېلىۋالغانلار ياكى ئىشلىتىۋالغانلارغا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

25-ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 18-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كېرەكسىز ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى يىغىۋېلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ياكى كېرەكسىز يالتىراق يوپۇقىنى تەلەپ بويىچە يىغىۋالمىغان ياكى يىغىۋالغاندىن كېيىن بېكىتىلگەن يىغىۋېلىش تور پونكىتىغا تاپشۇرمىغان ۋە ياكى كېرەكسىز ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنىڭ ھەممىسىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلانمىغان بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق مەسئۇل تارمىقى ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى ئىشلەتكۈچىلەرگە 300 يۈەندىن يۇقىرى، 3000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرىغا 3000 يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ يىغىۋېلىش كارخانىلىرىغا 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

26-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق مەسئۇل تارمىقى، ئالاقىدار مەسئۇل تارماق ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى باشقۇرۇش خىزمىتىدە مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنىڭ مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا مەسئۇل تارمىقى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ ئالاقىدارلارغا زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم تۆلەيدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جازا بېرىلىدىغان قىلمىشقا جازا بەرمىگەنلەر؛

(2) مۇشۇ نىزام بويىچە مۇكاپاتلاشقا ياكى مالىيە ياردەم پۇلى بېرىشكە تېگىشلىك بولسىمۇ نەقلەشتۈرمىگەنلەر؛

(3) باشقۇرۇشتا بىپەرۋالىق قىلىپ، مالىيە مەبلىغى ياردەم پۇلىنىڭ ئىشلىتىۋېلىنىشىغا سەۋەبچى بولغانلار؛

(4) پاش قىلىش ماتېرىياللىرىنى بېسىپ قويغان، كۆيدۈرۈۋەتكەن ياكى پاش قىلىش ماتېرىيالىدىكى مەزمۇنلارنى پاش قىلىنغۇچىغا ئاشكارىلاپ قويغانلار؛

(5) مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئورۇن ياكى شەخسكە نەپ يەتكۈزگەنلەر؛

(6) قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىشتەك باشقا قىلمىشلار.

27-ماددا بۇ نىزامدىكى سۆز– ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى:

ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى ئىشلەتكۈچىلەر دېگىنىمىز، تىجارەت قىلىنغان جايدا ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى ئىشلىتىدىغان دېھقانلار ياكى ئالاقىدار كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تەشكىلاتلىرى دېگىنىمىز، يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى، دېھقانچىلىق كارخانىلىرى ۋە دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى-تىجارىتى قىلىدىغان باشقا تەشكىلاتلارنى كۆرسىتىدۇ.

يىغىۋېلىش كارخانىلىرى دېگىنىمىز، كېرەكسىز ئېتىز يالتىراق يوپۇقىدىن يىغىۋېلىپ پايدىلىنىشتا مالىيە ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلغان كارخانىلارنى كۆرسىتىدۇ.

پارچىلىنىشچان ئېتىز يالتىراق يوپۇقى دېگىنىمىز، تەبىئەتتىكى مىكرو جانلىقلار ۋە قۇياش نۇرىنىڭ تەسىرىدە، خىمىيەلىك رېئاكسىيە پەيدا بولۇپ چىرىپ، سۈپىتى ئۆزگىرىپ، ئاخىرىدا كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى ۋە سۇ قاتارلىق تەبىئەتتە دائىم ئۇچرايدىغان نەرسىلەرگە ئۆزگىرىدىغان بىرىكمە ماددىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇلغىمىسىز ئېتىز يالتىراق يوپۇقى دېگىنىمىز، تۇپراق، سۇ، ئاتموسفېرا قاتارلىقلارغا زىيان يەتكۈزمەيدىغان ئېتىز يالتىراق يوپۇقىنى كۆرسىتىدۇ.

28-ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدىغان باشقا قىلمىشلار ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

29-ماددا بۇ نىزام 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇچتۇرپان ھۆكۈمەت تورى 

http://wsx.aks.gov.cn/article/2016-04/21/content_48126.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#