شىنجاڭنىڭ قەدىمكى ئېغىرلىق ئۆلچىمى، يەر مەيدان ئۆلچەم بىرلىكى ۋە ئۆلچەش ئەسۋابىنىڭ نامى. پاتمان پارسچە سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ قىممىتى ھەر قايسى جايلاردا ئوخشاش بولمىغان. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دە كۆرسىتىلىشىچە پاتمان 180 كىلوگرامدىن 300 كىلوگرامغىچە ياكى بىر پۇتتىن ئىككى پۇتقىچە بولغان ئېغىرلىق ئۆلچىمىنى كۆرسەتكەن.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئېلىمىزدە خەن سۇلالىسى دەۋرىدىلا پاتمان ئۆلچەم بىرلىكى قىلىنغان. ئەينى دەۋردە بىر پاتمان 10 كۈرە، ئىككى پاتمان بىر دادەن بولغان، يەنى بىر پاتمان 60 جىڭ بولغان( «كېيىنكى خەننامە» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، ئۇيغۇرچە نەشرى 213-بەت) . فون گابائىننىڭ كۆرسىتىشىچە، پاتمان سوغدى تىلىدىكى ptm`n دىن كەلگەن. «پاتمان ئۇيغۇرچە سۆز، تارازا، ئۆلچەم ئەسۋابى ھەمدە يەر مەيدان ئۆلچىمىنىڭ نامى. بىر پاتمان 640 جىڭغا، 3.5 دادەنگە تەڭ. يەر مەيدانى بولۇپ كەلگەندە بىر پاتمان ئۇرۇق چېچىلىدىغان يەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ئېنىق سانلىق مىقدارى يوق» دېيىلگەن. شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا بىر پاتمان 64 چارەك ھېسابلانغان. sfsef

چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يەنى چيەنلوڭنىڭ 24-يىلى(1759) 7-ئايدا چىگرانى تىنچىلاندۇرغۇچى سانغۇن چاۋ خۇيزۇ بىر پاتماننى ھۆكۈمەتنىڭ تۆت دادەن بەش كۈرەسىگە سۇندۇرۇپ ھېسابلىغان. شۇ يىلى 12-ئايدا مەسلىھەتچى ئامبال شۇ خېدې بىر پاتماننى تۆت دادەن بەش كۈرەگە سۇندۇرۇپ ھېسابلاش توغرىسىدا مەلۇمات يوللىغان. چيەنلوڭنىڭ 26-يىلى(7611) 1-ئايدا يەكەننىڭ ئىش بېجىرگۈچى باش بۇغىمۇ بىر پاتماننى ھۆكۈمەتنىڭ تۆت دادەن بەش كۈرەسىگە سۇندۇرۇپ ھېسابلىغان. بىر دادەن = 10 كۈرە= 120 جىڭ بولغان، بۇنىڭدىن ئەينى ۋاقىتتا بىر پاتماننىڭ 540 جىڭغا باراۋەر كېلىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پاتمان بىر مەزگىل بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، كېيىن ئۇنىڭ قىممىتىدە يەنە ئۆزگىرىش بولغان. «چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى خۇيدىيەن مىساللىرى» دا مۇنداق دېيىلگەن: «بۇرۇن بىر پاتمان تۆت دادەن بەش كۈرەگە سۇندۇرۇپ ھېسابلىناتتى، كېيىن بەش دادەن ئۈچ كۈرەگە باراۋەر قىلىپ بېكىتىلدى» . پاتمان ھەم ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى ھەم مەيدان بىرلىكى ئورنىدا قوللىنىلغان. ئېغىرلىق بىرلىكى بويىچە ئىشلىتىلگەندە بىر پاتمان دەسلەپ تۆت دادەن بەش كۈرەگە يەنى 540 جىڭغا، كېيىن 630 جىڭغا تەڭ بولغان. بۇنى پۈتۈن سان بويىچە ھېسابلىغاندا 640 جىڭ بولىدۇ. ھۆكۈمەت تارازىسىغا سۇندۇرغاندا شۇ چاغدا بىر پاتمان 610 جىڭ ياكى 80.382 كىلوگرام بولغان. پاتمان يەنە يەر مەيدان ئۆلچىمى قىلىپ قوللىنىلغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#