- يۇمغاقسۈت (خام دورا)
- يۇمغاقسۈت (ئۆسۈملۈك)
يۇمغاقسۈت
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئاساسلىقى ھۆل ئىسسىق كەيپىياتىنى تەڭشەش، توسالغۇلارنى ئېچىش،قىزىتما قايتۇرۇش،ئاغرىق پەسەيتىش،قان توختۇتۇش، سۈيدۈك ھەيدەش، ھارارەت پەسەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتى بار
يۇمغاقسۈت چۆپىنىڭ تەركىبىدە 92–98 مىللىگرام ۋىتامىن C، ئۇچۇچان ماي بار. ماينىڭ ئاساسلـىـق تەركـىبـى دېكانـال (Decanal)، نونانال(Nonanal)،لـىـنـالوئۇل (Linalool)،كاپارىنالدىھلار(Caparinaldehyal)قاتارلىقلار بار.
يۇمغاقسۈت دەمىلەنمىسى
ئېغىز ئاغرىقى،ئۇيقۇسىزلىق، ئىشتىھاسىزلىق، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى، ئاشقازان كۆپۈش، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، ئۇسسۇزلۇق ئىشتىھاسىزلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ھۆل يۇمغاقسۈتتىن 140 گرام ئېلىپ، قايناۋاتقان سۇغا سېلىپ قايناتقاندىن كېيىن، سۈيى بىلەن پۇت، قول ۋە پۈتۈن بەدەننى سۈرتۈپ يۇيۇپ بەرسە، قىزىلنى سىرتقا تەپكۈزىدۇ.
يۇمغاقسۈت يىلتىزىدىن يەتتە تال، جامكىدىن سەككىز گرام، قومۇش يىلتىزىدىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قىزىلنى سىرتقا تەپكۈزىدۇ.
يۇمغاقسۈتتىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قىزىلنى سىرتقا تەپكۈزىدۇ. 150 گرام ھۆل يۇمغاقسۈتنى 70 گرام سۇڭپىياز بىلەن بىللە قايناۋاتقان سۇنىڭ ئۈستىگە سېلىپ قاينىتىپ، بەدەننى يۇيۇپ بەرسە، قىزىلنىڭ سىرتقا تەپمەسلىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ھۆل يۇمغاقسۈتتىن 140 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ سوۋۇغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا بىر چىنە قېتىق قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى (ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم (سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.