جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شەھەر ئاھالە كومىتېتىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى

شەھەر ئاھالە كومىتېتىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى

‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەھەر ئاھالە كومىتېتىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى›› (1989-يىل 12-ئاينىڭ 26-كۈنى 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى  دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1989-يىل 12-ئاينىڭ 26-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسىنىڭ 21-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان).

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شەھەر ئاھالە كومىتېتىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى
ئېلان قىلغان ئورگان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمي كومىتېتى
يولغا قۇيۇلغان ۋاقىت 1990-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国城市居民委员会组织法
تۈزتىلگەن ۋاقىت 1989-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەھەر ئاھالە كومىتېتىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى›› (1989-يىل 12-ئاينىڭ 26-كۈنى 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى  دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1989-يىل 12-ئاينىڭ 26-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسىنىڭ 21-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان).

1 - ماددا شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەھەر ئاھالىسى ئاممىسىنىڭ قانۇن بويىچە ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزى بېجىرىپ، شەھەر ئاساسىي قاتلاملىرىنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە ۋە شەھەرنىڭ سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيەت، مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن بۇ قانۇن تۈزۈلدى.

2 - ماددا ئاھالە كومىتېتلىرى ئاھالىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرىدىغان، ئۆزىنى ئۆزى تەربىيىلەيدىغان، ئۆزىگە ئۆزى خىزمەت قىلىدىغان ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئاپتونومىيە تەشكىلىدۇر.

رايون تەسىس قىلىنمىغان شەھەر، شەھەرگە بىۋاسىتە قاراشلىق رايونلارنىڭ خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى ئۇلارنىڭ ۋاكالەت ئورگانلىرى ئاھالە كومىتېتلىرىنىڭ خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ئۇنى قوللايدۇ ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ. ئاھالە كومىتېتلىرى رايون تەسىس قىلىنمىغان شەھەر ۋە شەھەرگە بىۋاسىتە قاراشلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى ئۇلارنىڭ ۋاكالەت ئورگانلىرىغا ياردەملىشىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ.

3 - ماددا ئاھالە كومىتېتلىرىنىڭ ۋەزىپىسى.

(1) ئاساسىي قانۇن، قانۇن، نىزام ۋە دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، ئاھالىلەرگە قانۇن بويىچە ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىدۇ، جامائەت مال - مۈلكىنى ئاسراش، كۆپ خىل شەكىلدىكى سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ؛

(2) ئۆزى تۇرۇشلۇق رايونلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ جامائەت ئىشلىرى ۋە جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىنى بېجىرىدۇ؛

(3) خەلق ئارىسىدىكى ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىدۇ؛

(4) جامائەت ئامانلىقىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ؛

(5) خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۇلارنىڭ ۋاكالەت ئورگانلىرىغا ياردەملىشىپ، ئاھالىلەرنىڭ مەنپەئىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئاممىۋى تازىلىق، پىلانلىق تۇغۇت، نامراتلارنى يۆلەش، ياش - ئۆسمۈرلەرنى تەربىيىلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيدۇ؛

(6) خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۇلارنىڭ ۋاكالەت ئورگانلىرىغا ئاھالىلەرنىڭ پىكىر - تەلەپ ۋە تەكلىپلىرىنى ئىنكاس قىلىدۇ.

4 - ماددا ئاھالە كومىتېتلىرى خەلققە پايدا - مەنپەئەت كەلتۈرىدىغان ئىجتىمائىي رايون مۇلازىمەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك، مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەت ئىشلىرىنى يولغا قويسىمۇ بولىدۇ.

ئاھالە كومىتېتى ئۆزىنىڭ مال - مۈلكىنى باشقۇرىدۇ، ھەرقانداق تارماق ياكى ئورگاننىڭ ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئۆز مال - مۈلكىگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىشىغا بولمايدۇ.

5 - ماددا كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى ئاھالە كومىتېتلىرى ئاھالىلەرگە ئۆزئارا ياردەملىشىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىشى كېرەك.

6 - ماددا ئاھالە كومىتېتلىرى ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئاھالىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇشىغا قۇلاي بولۇش پرىنسىپى بويىچە ئادەتتە 100 ئائىلىلىكتىن 700 ئائىلىلىككىچە بولغان دائىرە ئىچىدە تەسىس قىلىنىدۇ.

ئاھالە كومىتېتلىرىنى تەسىس قىلىش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش كۆلىمىنى تەڭشەشنى تەۋەسىدە رايون تەسىس قىلىنمىغان شەھەرلىك ھۆكۈمەت ياكى شەھەرلەرگە بىۋاسىتە قاراشلىق رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلەيدۇ.

7 - ماددا ئاھالە كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى ۋە ئەزالىرى بەش ياكى توققۇز كىشىدىن تەركىب تاپىدۇ. كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى ئاھالە كومىتېتلىرىدا ئادەم سانى بىرقەدەر ئاز بولغان مىللەتلەرنىڭ ئەزالىرى بولۇشى كېرەك.

8 - ماددا ئاھالە كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى ۋە ئەزالىرىنى شۇ ئولتۇراق رايوندىكى سايلاش ھوقۇقىغا ئىگە بارلىق ئاھالىلەر ياكى ھەربىر ئائىلە ۋەكىل ئەۋەتىپ سايلاپ ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ ياكى ئاھالىلەرنىڭ پىكرىگە ئاساسەن، ھەربىرئاھالە گۇرۇپپىسى ئىككىدىن ئۈچكىچە ۋەكىل سايلاپ ۋۇجۇدقا كەلتۈرسىمۇ بولىدۇ. ئاھالە كومىتېتلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى ئۈچ يىل بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەزالىرى داۋاملىق سايلىنىپ ۋەزىپە ئۆتىسە بولىدۇ.

18 ياشقا توشقان، شۇ رايوندا ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەرنىڭ مىللىتى، ئىرقى، جىنسى، كەسپى، ئائىلە كېلىپ چىقىشى، دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيەت سەۋىيىسى، مال - مۈلۈك ئەھۋالى، ئولتۇراقلىشىش ۋاقتى ئايرىلمايدۇ. ھەممىسىنىڭ سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقى بولىدۇ؛ لېكىن قانۇن بويىچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلار بۇنىڭ سىرتىدا.

9 - ماددا ئاھالىلەر يىغىنى 18 ياشتىن يۇقىرى ئاھالىلەردىن تەركىب تاپىدۇ.

ئاھالىلەر يىغىنىغا 18 ياشتىن يۇقىرى بارلىق ئاھالىلەر ياكى ھەربىر ئائىلە ۋەكىل ئەۋەتىپ قاتناشتۇرسا بولىدۇ، ھەربىر ئاھالە گۇرۇپپىسى ئىككىدىن ئۈچكىچە ۋەكىل سايلاپ قاتناشتۇرسىمۇ بولىدۇ.

 ئاھالىلەر يىغىنىنى چوقۇم 18 ياشتىن ئاشقان بارلىق ئاھالىلەر، ئائىلىلەر ۋەكىللىرى ياكى ئاھالە گۇرۇپپىلىرى سايلاپ چىققان ۋەكىللەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى قاتناشقاندىلا، ئاندىن ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ. يىغىننىڭ قارارلىرىنى يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ماقۇللىشى كېرەك.

10 - ماددا ئاھالە كومىتېتلىرى ئاھالە يىغىنىغا مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ.

ئاھالە يىغىنلىرىنى ئاھالە كومىتېتلىرى چاقىرىدۇ ۋە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. بەشتىن بىر قىسمىدىن يۇقىرى 18 ياشتىن ئاشقان ئاھالىلەر، بەشتىن بىر قىسمىدىن  يۇقىرى ئائىلىلەر ياكى ئۈچتىن بىر قىسمىدىن يۇقىرى ئاھالە گۇرۇپپىلىرى تەكلىپ بەرسە، ئاھالىلەرنىڭ يىغىنىنى ئېچىش كېرەك. پۈتۈن ئاھالىلەرنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇھىم مەسىلىلەرنى ئاھالە كومىتېتلىرى چوقۇم ئاھالىلەر يىغىنىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشىغا سۇنۇشى كېرەك.

ئاھالىلەر يىغىنى ئاھالە كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تولۇقلاپ سايلاشقا ھوقۇقلۇق.

11 - ماددا  ئاھالە كومىتېتلىرى مەسىلىلەر توغرىسىدا قارار چىقىرىشتا، ئاز سانلىقلار كۆپ سانلىقلارغا بويسۇنۇش پرىنسىپى قوللىنىدۇ.

 ئاھالە كومىتېتلىرى خىزمەت ئىشلەشتە دېموكراتىك ئۇسۇلنى قوللىنىشى كېرەك، مەجبۇرىي بۇيرۇق چۈشۈرۈشكە بولمايدۇ.

12 - ماددا  ئاھالە كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى ئاساسىي قانۇن، قانۇن، نىزام ۋە دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىگە رىئايە قىلىشى، ئىشلارنى ئادىل بېجىرىشى، ئاھالىلەرگە قىزغىنلىق بىلەن خىزمەت قىلىشى كېرەك.

13 - ماددا  ئاھالە كومىتېتلىرى ئېھتىياجغا ئاساسەن، خەلق مۇرەسسەسى، ئامانلىق ساقلاش ۋە قوغداش، ئاممىۋى تازىلىق قاتارلىق ھەيئەتلەرنى قۇرسا بولىدۇ ۋە ئاھالە كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى بۇ ھەيئەتلەرنىڭ ئەزالىقىنى قوشۇمچە ئۆتىسە بولىدۇ. ئاھالىسى بىرقەدەر ئاز بولغان ئاھالە كومىتېتلىرى ئۆز قارىمىقىدا ھەيئەت تەسىس قىلمىسىمۇ بولىدۇ، ئاھالە كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى ئالاقىدار خىزمەتلەرگە ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ مەسئۇل بولىدۇ.

14 - ماددا  ئاھالە كومىتېتلىرى بىرقانچە ئاھالە گۇرۇپپىلىرىنى قۇرسا بولىدۇ، گۇرۇپپا باشلىقىنى ئاھالە گۇرۇپپىسى سايلاپ چىقىدۇ.

15 - ماددا  ئاھالىلەر ئەھدىنامىسى ئاھالىلەر يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ تۈزۈپ چىقىلىپ، تەۋەسىدە رايون تەسىس قىلىنمىغان شەھەرلىك ھۆكۈمەت ياكى شەھەرلەرگە بىۋاسىتە قاراشلىق رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى ئۇلارنىڭ ۋاكالەت ئورگانلىرىغا يوللاپ ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ، ئاھالە كومىتېتلىرى ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى نازارەت قىلىدۇ. ئاھالىلەر يىغىنىنىڭ قارارى ۋە ئاھالىلەر ئەھدىنامىسىگە رىئايە قىلىنىشى كېرەك.

ئاھالىلەر ئەھدىنامىسىنىڭ مەزمۇنى ئاساسىي قانۇن، قانۇن، نىزام ۋە دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىگە زىت بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.

16 - ماددا  ئاھالە كومىتېتلىرى شۇ ئولتۇراق رايوننىڭ جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىغا كېرەكلىك بولغان خىراجەتنى ھەل قىلىشتا، يىغىننىڭ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. ئىختىيار قىلىش پرىنسىپى بويىچە ئاھالىلەردىن توپلىسىمۇ، شۇ ئولتۇراق رايوندىكى مەنپەئەتدار ئورۇنلاردىن توپلىسىمۇ بولىدۇ. لېكىن مەنپەئەتدار ئورۇنلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش، كىرىم - چىقىم ھېساباتىنى ئۆز ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش كېرەك.

17 - ماددا  ئاھالە كومىتېتلىرىنىڭ خىزمەت راسخوتى ۋە كېلىش مەنبەسى، ئاھالە كومىتېتلىرى ئەزالىرىنىڭ تۇرمۇش قوشۇمچە ياردەم پۇلىنىڭ دائىرىسى، ئۆلچىمى ۋە كېلىش مەنبەسىنى تەۋەسىدە رايون تەسىس قىلىنمىغان شەھەرلىك ھۆكۈمەت ياكى شەھەرلەرگە بىۋاسىتە قاراشلىق رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلەر ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەيدۇ ۋە ئاجرىتىپ بېرىدۇ؛ ئاھالىلەر يىغىنىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى ئىچىدىن مۇۋاپىق قۇتقۇزۇش بېرىشكە بولىدۇ.

ئاھالە كومىتېتلىرىنىڭ ئىش بېجىرىشى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئۆيلەرنى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىر تۇتاش ھەل قىلىپ بېرىدۇ.

18 - ماددا  قانۇن بويىچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان كىشىلەرنى ئاھالە گۇرۇپپىسىغا كىرگۈزگەندە، ئاھالە كومىتېتلىرى ئۇلارنى نازارەت قىلىشى ۋە تەربىيىلىشى كېرەك.

19 - ماددا  ئىدارە، ئاممىۋى تەشكىلات، قىسىم ۋە كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ئاھالە كومىتېتىغا قاتناشمايدۇ، لېكىن ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ئاھالە كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىنى قوللىشى كېرەك. ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ئاھالە كومىتېتلىرى ئۇلارنى مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلماقچى بولۇپ، ئۇلارنى يىغىنغا قاتناشتۇرۇشنى زۆرۈر تاپسا، ئۇلار ۋەكىل قاتناشتۇرۇشى ھەمدە ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قارارلىرى ۋە ئاھالىلەر ئەھدىنامىسىگە رىئايە قىلىشى كېرەك.

ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان ئورۇنلارنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلىرى ۋە ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى، ھەربىيلەر ۋە ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى ئولتۇرۇشلۇق رايوندىكى ئاھالە كومىتېتلىرىغا قاتنىشىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلار مۇستەقىل ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى كومىتېتى قۇرۇپ، ئاھالە كومىتېتلىرىنىڭ خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، رايون تەسىس قىلىنمىغان شەھەرلىك ھۆكۈمەت ياكى شەھەرلەرگە بىۋاسىتە قاراشلىق رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ياكى ئۇلارنىڭ ۋاكالەت ئورگانلىرى ۋە ئۆز ئورنىنىڭ يېتەكچىلىكىدە خىزمەت ئىشلىسە بولىدۇ. ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى كومىتېتلىرىنىڭ خىزمەت خىراجىتى ۋە ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ تۇرمۇش قوشۇمچە ياردەم پۇلى، ئىش بېجىرىش بىناسى قاتارلىقلارنى ئۆزلىرى قاراشلىق ئورۇنلار ھەل قىلىپ بېرىدۇ.

20 - ماددا  شەھەرلىك ۋە شەھەرلەرگە بىۋاسىتە قاراشلىق رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئاھالە كومىتېتلىرى ياكى ئۇنىڭغا قاراشلىق كومىتېتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ خىزمەت ئىشلىمەكچى بولسا، شەھەرلىك ۋە شەھەرگە بىۋاسىتە قاراشلىق رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۇلارنىڭ ۋاكالەت ئورگانلىرىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ۋە بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك. شەھەرلىك ۋە شەھەرگە بىۋاسىتە قاراشلىق رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئاھالە كومىتېتلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆزىگە قاراشلىق كومىتېتلارغا كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

21 - ماددا  بۇ قانۇن يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردا تەسىس قىلىنغان ئاھالە كومىتېتلىرىغا باب كېلىدۇ.

22 - ماددا  ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى بۇ قانۇنغا ئاساسەن يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.

23 - ماددا  بۇ قانۇن 1990 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1954 - يىل 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ماقۇللىغان «شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرىنىڭ تەشكىلىي نىزامى» بىرلا ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/438573.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#