بېنگال مۈشۈكى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بېنگال مۈشۈكىنىڭ ئەجدادى ئەسلى ئامېرىكا قاپلان مۈشۈكى ۋە ئادەتتىكى ئۆي مۈشۈكىنىڭ ئارىلاشما قانلىق ئەۋلادى، ئەڭ بۇرۇن كۆپەيگەن ئۈچ ئەۋلادى، كىشىلەر تەرىپىدىن ياۋايى ۋە ھۇجۇم قىلىدۇ، ئائىلىدە بېقىشقا ماس كەلمەيدۇ دەپ قارالغان، تاكى 1984-يىلدىن باشلاپ، قانداشلىقى مۇقىم 4-ئەۋلادىغا كەلگەندە، ئاندىن ئامېرىكا خەلقئارا مۈشۈك جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان.
نەقىشى
داغ ۋە مەرمەر گۈللۈك شەكىلدىكى يوللۇق داغلىرى بار. ئەگەر داغسىمان تۈرىگە تەۋە بولسا، بەدىنىدىكى داغ تەرەپ-تەرەپكە تارقاق ياكى توغرا يۆنىلىشتە ئۆسكەن بولسا، ئەتىرگۈل شەكلىدە بولسا ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك.
مەرمەر گۈللۈك داغلىرى ئىرسىيەت ئامىلى تەرىپىدىن كەلگەن بولۇپ، ھەر تەرەپكە چېچىلغان، خۇددى مەرمەر گۈل كەبى. ئۈچ خىل ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق رەڭ دەرىجىسى ناھايىتى كۆڭۈلدىكىدەك، يەنى ئاساسىي رەڭگى بار، داغ رەڭگى ۋە سىرتقى داغ رەڭگى بىر قەدەر چوڭقۇر. قورساق قىسىمىدا ئۇزۇن داغ بار.
رەڭگى
1. قەھۋە چىپار رەڭلىك: يۇڭ رەڭگى سېرىق، ئاق سېرىق، سارغۇچ قوڭۇر، سېرىق ياكى قىزغۇچ سېرىق رەڭدە. داغلىرى قارا، قەھۋە رەڭ ۋە قوڭۇر رەڭدە. تاپىنى ۋە قۇيرۇقى قارا رەڭدە.
2. تاغ دېڭىز يىلپىزى رەڭلىك: يۇڭ رەڭگى ئاق رەڭلىكتىن سۇس سېرىق رەڭگىچە. تيۇلېنىڭكىدەك ئازراق قېنىق قەھۋە رەڭدە، سۇس قەھۋە رەڭدە، سارغۇچ قوڭۇر ياكى سۇس سېرىق رەڭدە بولىدۇ. قۇيرۇق ئۇچى جىگەر رەڭ، چوڭقۇر دېڭىز يىلپىزى قەھۋە رەڭدە، كۆزى كۆك رەڭلىك.
3. تۇتۇق قوڭۇر رەڭلىك چىپار تيۇلېن رەڭلىك: رەڭگى ئاق، سۇس سېرىق ياكى سۇس سارغۇچ قوڭۇر رەڭدە، داغلىرى ئېنىق، قارامتۇل قوڭۇر رەڭ چىپار تيۇلېن رەڭگىدىن چوڭقۇر قوڭۇر رەڭ چىپار تيۇلېن رەڭگىگىچە ئوخشىمىغان رەڭ دەرىجىسى بولىدۇ. قۇيرۇق ئۇچى تۇتۇق قوڭۇر رەڭلىك چىپار تيۇلېن رەڭگىدىكى چىپار داغلىق.
4. چىپار تيۇلېن رەڭلىك: رەڭگى ئاق، سۇس سېرىق ياكى سۇس سارغۇچ قوڭۇر رەڭدە، ئۇنىڭ ئۈستىگە رەڭگى چىپار چوڭقۇر دېڭىز يىلپىزى رەڭگىدىن چىپار تيۇلېن رەڭگى قاتارلىق ئوخشىمىغان رەڭ دەرىجىسى بار. قۇيرۇق ئۇچى چوڭقۇر دېڭىز يىلپىزى رەڭگىدىكى چىپار داغلار بىلەن قاپلانغان.
بەدىنىدە چىپار يىلپىز نۇسخىلىق نەقىشلەر بار، بۇ نەقىشلەر بېنگالنىڭ مۈشۈكىدە ياۋايى تۇيغۇ پەيدا قىلغان. سىلىغاندا قول سېزىمى سۇ بۇلغۇنى كەبى، يۇڭى سىلىق ھەم يۇمشاق تېخىمۇ ئۆزگىچە، باشقا مۈشۈكلاردە بولمايدىغان بىر خىل ئالىيجاناب تۇيغۇسى بار.ياۋايى تاغ مۆشۈكىنىڭ قانداشلىقىغا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما مىجەزى ناھايىتى مۇلايىم، باشقىلار بىلەن چىقىشىشقا ماھىر ۋە باشقىلارنىڭ سىلاپ قويۇشىنى ياختۇرىدۇ. بۇ مۈشۈكنىڭ ئاۋازى چوڭ ئەمەس، لېكىن خوجايىن بىلەن گەپ قىلىشىشنى ھەم كىچىك بالىلار بىلەن ئويناشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ. ماسلىشىش ئىقتىدارى كۈچلۈك ۋە ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنىڭ تولۇپ تاشقانلىقى بېنگال مۈشۈكىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرى. قىسقا تۈكلۈكتىن تارتىپ ئوتتۇرا ئۇزۇن تۈككىچە تۈرى بار. بالا مۈشۈكنىڭ تۈكلىرى بىر قەدەر ئۇزۇن. سىلىغاندا قول سېزىمى يىپەك كەبى يۇمشاق، بەدىنىدە چىرايلىق داغلار بار. رەڭگى پارقىراق ئاپېلسىن رەڭگىدە قارا داغلىرى بار، توق قىزىل رەڭگىگە قارا داغ ۋە سۇس ئاپلىسىن رەڭگىگە قەھۋە رەڭلىك دېغى بار بولغان ئۈچ خىل بولىدۇ.
ئىشەنچلىك، ھوشيار، چاققان، ئەقىللىق، سەزگۈر، قىزىققاق ۋە ئاق كۆڭۈل ۋە دوستانە، ھۇجۇم قىلىش خۇسۇسىيىتى يوق. بېنگال مۈشۈكى ئەقىللىق ھەم زېرەك، ناھايىتى جانلىق، ئادەمگە چاپلاشقاق، مىجەزى مۇلايىم، بالىلار ياكى باشقا ئەرمەك ھايۋانلار بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ، بىراق ئەگەر ئۇ سىز بىلەن مۆكۈشمەك ئوينىماقچى بولسا، ئۇنى تاپماق بەك تەس.
بېنگال مۈشۈكى ئاسىيا تاغ مۈشۈكى بىلەن مىسىر ئۆي مۈشۈكىنى چېتىشتۇرۇش ئارقىلىق ھاسىل بولغان مۈشۈك نەسلى. كۆپەيتىش پىلانى 1963-يىلى باشلانغان، ئىرسىيەتشۇناس سەيگىدىيەن سىناق ئارقىلىق يېتىلدۈرگەندىن كېيىن، بىر داغسىمان بولغان چىشى مۈشۈك تۇغۇلغان. ئۇ 1981-يىلى يەنە بىر دوكتور بىلەن بېنگال مۈشۈك تۈرى سورتىنى ياخشىلىغان. بىراق ھازىر بۇ خىل چېتىشتۇرۇش پائالىيەتلىرى مەنئى قىلىنغان، شۇنىڭ ئۈچۈن سىرتقى كۆرۈنىشى كۆڭۈلدىكىدەك بېنگال مۈشۈك بارا-بارا ئازايغان. 1985-يىلى ئامېرىكا مۈشۈك كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمە قىلىنغان، ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشكەن. 1996-يىلىدىن باشلاپ شياڭگاڭغا كىرگۈزۈشكە باشلىغان.
بېنگال مۈشۈكى ياۋايىلىق يوشۇرۇنغان قان سېستىمىسى بولغاچقا، ئۇنى زورلاپ يىنىدا تۇرغۇزۇش ئۇنىڭدا بىزار بولۇش تۇيغۇسىنى كەلتۇرۈپ چىقىرىدۇ. چوقۇم ئۇنىڭغا بەلگىلىك ئەركىنلىك دەرىجىسى بىرىش كېرەك.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.