سۆڭەك ئۆسۈپ قىلىش

سۆڭەك ئۆسۈپ قىلىش

بۇ كېسەللىك، ئومۇرتقا تەخسىلىرى ۋە چوڭ بوغۇملار ھەمدە تاپان قاتارلىق ئورۇنلاردا ناھايىتى كىچىك كۆمۈرچەكسىمان سۆڭەك ئۆسۈپ چىقىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ نېرۋىلارنىڭ بېسىلىشى تۈپەيلىدىن ئوخشاشمىغان دەرىجىدىكى ئىزچىل ئاغرىق ۋە ھەرىكەتنىڭ قىيىنلىشىشى قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر.

غەرب تېبابىتى نامى سۆڭەك ئۆسۈپ قىلىش
ئاساسلىق ئالامىتى نېرۋىلارنىڭ بېسىلىشى تۈپەيلىدىن ئوخشاشمىغان دەرىجىدىكى ئىزچىل ئاغرىش

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سۆڭەك ئۆسۈپ قىلىشسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ئومۇرتقا تەخسىلىرى ۋە چوڭ بوغۇملار ھەمدە تاپان قاتارلىق ئورۇنلاردا ناھايىتى كىچىك كۆمۈرچەكسىمان سۆڭەك ئۆسۈپ چىقىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: نېرۋىلارنىڭ بېسىلىشى تۈپەيلىدىن ئوخشاشمىغان دەرىجىدىكى ئىزچىل ئاغرىق ۋە ھەرىكەتنىڭ قىيىنلىشىشى قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: سېرىق ھېلىلە پوستى، سەبرە سۇقۇترى، سۆرۈنجان مىسىرى 20 گىرامدىن، پوستى ئاقلانغان تاتلىق بادام مېغىزى 32 گىرام، سانا، مەستىكى رۇمى، زەپەر تۆت گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئەرەقى بەدىيان بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 9 تالدىن ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

سۆڭەك ئۆسۈپ قىلىشنى داۋالاشتەركىبى: سۆرۈنجان، گۈلى بىنەپشە، بىستىپايەج، سېرىق ئوت، بادرەنجى بۇ، ئىتئۈزۈمى، شاھتەررە، قىزىلگۈل 15 گىرامدىن، بوزىدان، رۇم بەدىيان، دۇرۇنەج ئەقرەبى سەككىز گىرامدىن، گۈلقەنت 100 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى قايناق سۇغا مەلۇم ۋاقىت چىلاپ، ئاندىن سۈزۈپ، تىرىپلىرىنى ئېلىۋېتىپ قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 60 مىللىلىتىردىن ئىچىلىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: سۆرۈنجان، گۈل بىنەپشە، بىستىپايەج، سېرىق ئوت، بادرەنجى بۇ، ئىتئۈزۈمى، شاھتەررە، قىزىلگۈلنىڭ ھەربىرىدىن سەككىز گىرامدىن، گۈلقەنتتىن 60 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى مەلۇم ۋاقىت قايناق سۇغا چىلاپ قويۇپ، ئاندىن قاينىتىپ، سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 60 مىللىلىتىردىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#