گورى شەھىرى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
گرۇزىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ئەڭ قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ بىرى. 7-ئەسىردىن بۇيان بۇ شەھەر تارىخقا يېزىلغان. 1801-يىلى شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان، شەھەر نامى گرۇزىنچە بولۇپ، ئېدىرلىق، ئېگىزلىك دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ نام شەھەرنىڭ جايلاشقان ئورنىغا قاراپ قويۇلغان، بۇ جايدا سوۋېت خەلقىنىڭ ئاتاقلىق رەھبىرى ستالىن 1879-يىلى دۇنياغا كەلگەن. بۇ شەھەر گرۇزىيە پايتەختى تىبلىس شەھىرىنىڭ 76 كىلومېتىر شەرقىي شىمال تەرىپىگە جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 56 مىڭدىن ئاشىدۇ، شەھەردە توقۇمىچىلىق، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەردە ستالىن ئۆز ۋاقتىدا تۇرغان جايى، مىللىي قەھرىمانلار خاتىرە سارىيى قاتارلىق تارىخىي ئورۇنلار بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.