ئوتتۇرا-ئۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرۈش

ئوتتۇرا-ئۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرۈش

ئوتتۇرا-ئۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرۈش ھەرىكىتى ئەڭ ئاۋۋال قەدىمكي گرېتسىيىدە پەيدا بولغان ۋە گۈللەنگەن. 2500 يىل ئىلگىرىلا قەدىمكي گرېتسىيىنىڭ قىيالىقىغا مۇنداق ئۈچ جۈملە سۆز ئويۇلغان: «ئەگەر قاۋۇل بولىمەن دېسەڭ، يۈگۈر! ئەگەر گۈزەل بولىمەن دېسەڭ، يۈگۈر! ئەگەر ئەقىللىق بولىمەن دېسەڭ، يۈگۈر! » 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئوتتۇرا-ئۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرۈش
خەنزۇچە ئىسمى 中长跑

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئوتتۇرائۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرۈشئوتتۇرا-ئۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرۈش ھەرىكىتى ئەڭ ئاۋۋال قەدىمكي گرېتسىيىدە پەيدا بولغان ۋە گۈللەنگەن. 2500 يىل ئىلگىرىلا قەدىمكي گرېتسىيىنىڭ قىيالىقىغا مۇنداق ئۈچ جۈملە سۆز ئويۇلغان: «ئەگەر قاۋۇل بولىمەن دېسەڭ، يۈگۈر! ئەگەر گۈزەل بولىمەن دېسەڭ، يۈگۈر! ئەگەر ئەقىللىق بولىمەن دېسەڭ، يۈگۈر! » 

مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 776-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك قەدىمكى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا يۈگۈرۈش مۇساپىسى 27.192 مېتىر بولغان. كېيىن مۇسابىقە ئارىلىقى ھەسسىلەپ ئۇزارتىلىپ، تەدرىجىي ھالدا ئوتتۇرا-ئۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرۈش كېلىپ چىققان. يېقىنقى زامان ئوتتۇرا-ئۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرۈش ھەرىكىتى ئەنگلىيىدە بارلىققا كەلگەن. 18-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگلىيىدىكى بىر قىسىم كەمبەغەللەر پۇل تېپىپ جان بېقىش ئۈچۈن، ھەر دائىم بەزى چوڭ بايرام كۈنلىرى كۆرۈرمەنلەرگە يۈگۈرۈشتە مۇسابىقىلىشىپ ئويۇن كۆرسەتكەن، ئارىلىقى قانچە ئۇزۇن بولسا، تاپاۋىتىمۇ شۇنچە كۆپ بولغان، بۇ خىل كەسىپ خاراكتېرىنى ئالغان ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش ھەرىكىتى كۆپچىلىكنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان، كېيىن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر پۇل تېپىشنى كۆزلىمەيلا ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش سېپىگە قوشۇلغان. 1896-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئوتتۇرا-ئۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرۈش رەسمىي مۇسابىقە تۈرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. ئوتتۇرا-ئۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرۈش − ئوتتۇرا ئارىلىققا يۈگۈرۈش بىلەن ئۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرۈشنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشىدۇر. 800 مېتىر بىلەن 1500 مېتىرغا يۈگۈرۈش ئوتتۇرا ئارىلىق بولۇپ، 3000 مېتىردىن 10 مىڭ مېتىرغا يۈگۈرۈش ئۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرۈش ھېسابلىنىدۇ. 

ۋاڭ جۈنشيايېقىنقى 100 يىلدىن بۇيان، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە نۇرغۇنلىغان ئاتاقلىق ئوتتۇرا-ئۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرۈش تەنھەرىكەتچىلىرى مەيدانغا چىقتى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن فىنلاندىيىلىك لومى ئىسىملىك بىر ياش تەنھەرىكەتچى 20 ياش ۋاقتىدا 1500 مېتىر، 3000 مېتىر، 5000 مېتىر ۋە 10 مىڭ مېتىرلارغا يۈگۈرۈشتە بارلىق دۇنيا رېكورتلىرىنى يېڭىلىغان. 1924-يىلى پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن 8-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا لومى 1500 مېتىر ۋە 5000 مېتىرغا يۈگۈرۈشتە ئىككى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. ھازىرغىچە فىنلاندىيىنىڭ پايتەختى خېلىسنكىدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مەيدانى سىرتىدا ئۇنىڭ ھەيكىلى قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا. 50-يىللاردا چېخوسلوۋاكىيىنىڭ داڭلىق ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش ماھىرى زاتوبېك ھەر خىل ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش تۈرلىرىدە17 قېتىم دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، كىشىنى تاڭ قالدۇرىدىغان نەتىجە ياراتقان. 60-يىللاردىن باشلاپ، ئافرىقا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرا-ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش ھەرىكىتى ئۇشتۇمتۇت كۆتۈرۈلۈپ چىقتى. 1978-يىلى كېنىيە ماھىرى لورو 3000 مېتىر، 5000 مېتىر، 10 مىڭ مېتىر ۋە 3000 مېتىرلىق توسالغۇلۇق يۈگۈرۈش قاتارلىق تۆت تۈرنىڭ دۇنيا رېكورتىنى يېڭىلىغان. 1993-يىلى ماجۈنرېن مەشقاۋۇللۇقىدىكى جۇڭگو ئاياللار ئوتتۇرا-ئۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرۈش ماھىرلىرى − «ما ئائىلىسى قوشۇنى» دۇنيا يېنىك ئاتلېتىكا سەھنىسىدە ئۇشتۇمتۇت كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ، شۇ يىلى 9-ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئاياللار 10 مىڭ مېتىر، 1500 مېتىر ۋە 3000 مېتىرغا يۈگۈرۈشتىكى دۇنيا رېكورتىنى يېڭىلىغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ۋاڭ جۈنشيا 10 مىڭ مېتىرغا يۈگۈرۈشتە دۇنيا رېكورتىنى ئاز كەم 42 سېكۇنت يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاياللارنىڭ ئوتتۇرا-ئۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرۈش سەۋىيىسىنى يېڭى بىر بالداققا كۆتۈرگەن. 

ئوتتۇرا-ئۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرۈشتە بەش تۈر بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 800 مېتىرنىڭ دۇنيا رېكورتى: ئەرلەرنىڭ بىر مىنۇت 41 سېكۇنت 3.7 دەقىقە، ئاياللارنىڭ بىر مىنۇت 53 سېكۇنت 8.2 دەقىقە؛ 10 مىڭ مېتىرنىڭ دۇنيا رېكورتى: ئەرلەرنىڭ 26 مىنۇت 58 سېكۇنت 8.3 دەقىقە، ئاياللارنىڭ 29 مىنۇت 31 سېكۇنت 8.7 دەقىقە. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#