قىزىل مارشال

قىزىل مارشال

قىزىل مارشال ئالمىنىڭ  بىر خىل سورت تۈرى بۇلۇپ، بۇ خىل سورت يەنە قىزىل بانان ئالما دەپمۇ ئاتىلىدۇ .

قىزىل مارشال
ئۇيغۇرچە نامى قىزىل مارشال
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى ئازغان ئائىلىسى
كەنجى تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر كەنجى تىپى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 红元帅
تىپى ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى ئازغان تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى ئالما ئۇرۇقدىشى
لاتىنچە نامى Malus domestica

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قىزىل مارشال ئالمىنىڭ  بىر خىل سورت تۈرى بۇلۇپ، بۇ خىل سورت يەنە قىزىل بانان ئالما دەپمۇ ئاتىلىدۇ . دەرىخىنىڭ رەڭگى قارا بېغىررەڭ ، مېۋە شاخچىلىرى قېلىنراق ، كۆپرەك كېڭىيىدۇ . نوتىلىرى كۈچلۈك راۋاجلىنىدۇ ، 7-8 يىلدا مېۋىگە كىرىدۇ ، 9-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا پىشىدۇ . 

بۇ خىل سورت ساقلاشقا ، توشۇشقا چىداملىق ، دانىسى يوغان ، چىڭ بولۇپ ، سۇغۇققا چىدامچانلىقى يۇقىرى . 

مېۋىنىڭ شەكلى 

قىزىل مارشالمېۋىسىنىڭ تۇمشۇقى بەش بۇرجەك شەكلىدە ، ساپاق تەرىپى چوڭراق ، تۇمشۇق تەرىپى يېغىنچاق ، ئېغىرلىقى 230 گرام ئەتراپىدا پوستى قېلىنراق ، رەڭگى قىزىل ، رەڭلىك سىزىقچىلىرى بار.

تەمى

 ئېتىنىڭ رەڭگى ئاق سېرىق ، چۈرۈك ، تاتلىق ، سۇلۇق ، شىرنىلىك ، خۇشبۇي ، سۈپىتى ياخشى . 

قىزىل مارشال مېدىتسىنا ئىلمىدە ئالما سۈيى ئارقىلىق ئۇسسۇزلۇقىنى بېسىش، ئۆپكە ۋە تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ ئاشقازاننى ياخشىلاش ، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، ئىچ سۈرۈشىنى توختىتىش، مەستلىكنى يېشىش قاتارلىق ئۈنۈمى بار. تەركىبىدىكى ماددىلار بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتلشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە پايدىلىق . ئالما تەركىبىدىكى سىنك بالىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش پايدىلىق. 

قىزىل مارشال ئالما تەركىبىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى دورىلار باشقا سورتلۇق ئالمىلارغا قارىغاندا بىر قەدەر يۇقىرى . ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى دورا ، مىۋە - چىۋە ۋە كۆكتاتلار ئىچىدە بەزىلىرى ئادەم بەدىنىنىڭ سوغۇققا قارشى تۇرشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالما قانچە قىزىل بولغانچە تەركىبىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى دورا ئادەتتىكى سۇس رەڭلىك ئالما تەركىبىدىكىدىن يۇقىرى بولدىكەن. 

جۇڭگونىڭ بوخەي قولتۇقى، غەربىي شىمال سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكى، خۇاڭخې دەريا بويلىرى ۋە غەربىي جەنۇب سوغۇق ئېگىزلىك تەرەپلىرى.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#