سەنچىڭشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
سەنچىڭشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − جياڭشى ئۆلكىسى يۈشيەن، دېشىڭ ناھىيىلىرىنىڭ چېگرىسى ئىچىدە بولۇپ، شىخۇاتەي، سەنچىڭگۇڭ، يۈجىڭفېڭ، سەندۇڭكۇ، تىيۈنلىڭ، يۈلىڭگۇەن، شىگۇلىڭ قاتارلىق يەتتە مەنزىرىلىك رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سەنچىڭشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − جياڭشى ئۆلكىسى يۈشيەن، دېشىڭ ناھىيىلىرىنىڭ چېگرىسى ئىچىدە بولۇپ، شىخۇاتەي، سەنچىڭگۇڭ، يۈجىڭفېڭ، سەندۇڭكۇ، تىيۈنلىڭ، يۈلىڭگۇەن، شىگۇلىڭ قاتارلىق يەتتە مەنزىرىلىك رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كۆلىمى تەخمىنەن220 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاساسلىق چوققا يۈجىڭفېڭ چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن1800 نەچچە مېتىر ئېگىز. مەنزىرىلىك رايوندا ئاجايىپ چوققىلار، غەلىتە تاشلار، بۇلاق، شارقىراتما، ئۆڭكۈرلەر، بۇلۇتلار دېڭىزى، قىممەتلىك ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەر، 4-دەۋرلىك مۇزلۇقنىڭ ئىزى قاتارلىقلار بىرىكىپ مول تەبىئىي مەنزىرىلەرنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، «خۇاڭشەن تېغى بىلەن ئاچا-سىڭىل» دەپ نام ئالغان. بۇنىڭ ئىچىدە «جۈماڭ چۇڭشەن» (زور يىلاننىڭ تاغدىن چىقىشى) ، «نۈيشېنفېڭ» (ئايال ئىلاھ چوققىسى) ، «گۇەنيىن تىڭپىپا» (بۇدساتۋانىڭ چارتا) بەرباپ(ئاڭلىشى) قاتارلىقلار ئۈچ چوڭ ئاجايىپ مەنزىرە ھېسابلىنىدۇ.
مەنزىرىلىك رايوندا يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تارقىلىشى ناھايىتى روشەن بولۇپ، 1000 خىلدىن ئارتۇق ئۆسۈملۈك بار، بۇنىڭ ئىچىدە قىممەتلىك، ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈكلەردىن خۇاڭشەن قارىغىيى، شەرقىي جۇڭگو سېرىق شەمشادى، شەرقىي جۇڭگو قارا شەمشادى قاتارلىقلار بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.