ﮬﻪﺷﻘﯩﭙﯩﭽﻪك ﺋﯘرۇﻗﻰ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ﮬﻪﺷﻘﯩﭙﯩﭽﻪك ﺋﯘرۇﻗﻰ ﮬﻪﺷﻘﯩﭙﯩﭽﻪك ﺋﯘرۇﻗﻰ بولسا ﻳﯚﮔﻪﻳﻠﻪر ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﭼﯩﺮﻣﯩﺸﯩﭗ ﺋﯚﺳﯩﺪﯨﻐﺎن ﺳﺎﻣﺎن ﻏﻮﻟﻠﯘق ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻨﯩﯔ ﺋﯘرۇﻗﻰ بۇلۇپ، ﺗﯘﺧﯘم ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻚ، ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﻛﯚرۈﻧﯜﺷﻰ ﻛﯜل رەﯕﮕﻪ ﻣﺎﻳﯩﻞ ﻗﺎرا رەﯕﻠﯩﻚ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯘس ﺳﺎرﻏﯘچ ﺋﺎق رەﯕﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.ﺋﯘرۇق ﭘﻮﺳﺘﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ، ﭘﯘراﻗﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. تەمى ﺳﻪل ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ، شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدىن چىقىدۇ.
ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺳﻪۋدا، ﺑﻪﻟﻐﻪم ﺧﯩﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﯜزۈپ، ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘـلارﻧﻰ ﺋﯧﭽﯩﺶ، ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺧﯩﻠﯩﺘـلارﻧﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪش، ﺗﯧﺮﯨﮕﻪ ﺟﯘلا ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﺗﻪرەﺗﻨﻰ ﻳﯘﻣﺸﯩﺘﯩﺶ.
فارماكولوگىيلىك تەسىرى
1 . ئىچىنى ﺳﯜرۈش ﺗﻪﺳﯩﺮى : ﺋﯘرۇﻗﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﭙﯩﺮت ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯘدﯨﻜﻰ ﭼﯩـلاﻧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﮬﻪر ﻛﯩﻠﻮﮔﺮام ﺋﯜﭼﯜن 1.5~ 3 ﮔﺮاﻣﺪﯨﻦ ﮬﯧﺴﺎﺑـلاپ ﺋﺎﺷﻘﺎزاﻧﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜزۈﻟﺴﻪ، ﻛﯩﭽﯩﻚ ﭼﺎﺷﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺴﻰ ﺳﯜرﯨﺪۇ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻗﺎﻳﻨﺎﺗﺴﺎ ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﯩﭽﻨﻰ ﺳﯜرۈش ﺗﻪﺳﯩﺮى ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ.
2. ﺳﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺗﻪﺳﯩﺮى: ﺗﻪرﻛﯩﺒﯩﺪە ﺗﯘﺗﻘﺎن رﯨﺰﯨﻨﺎﻧﯩﯔ ﻧﯚﻟﺪە ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﻠﯩﻚ ﻗﻮﻳﯘﻗﻠﯘﻗﻰ ﺋﯚي ﺗﻮﺷﻘﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﭼﻪي ﻳﻮﻟﻠﯩﺮى ۋە ﺑﺎﻟﯩﻴﺎﺗﻘﯘﺳﯩﻨﻰ ﻗﻮزﻏﯩﺘﯩﺪۇ. ﮬﻪﺑﺒﯘﻟﻨﯩﻞ ﮔﻠﯘﻛﻮزﯨﺪﻧﯩﯔ ﺧﯩﻤﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﻰ ﭼﯚل ﻛﺎۋﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘ ﻛﯜﭼﻠﯜك ﺋﯩﭻ ﺳﯜرۈش ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ.
3. ﻗﯘرت ﭼﯜﺷﯜرۈش ﺗﻪﺳﯩﺮى: ﺑﻪدەن ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺴﯩﺪە ﻗﺎرا ۋە ﺋﺎق رەﯕﻠﯩﻚ ﮬﻪﺑﯩﺒﯘﻟﻨﯩﻞ ﭼﻮﺷﻘﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎزاڭ ﻣﻪددﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜرﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘـلاﻧﻐﺎن.
4. زەﮬﻪرﻟﯩﻚ ﺗﻪﺳﯩﺮى: ﻓﺎرﺑﯧﺘﯩﻨﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن زەﮬﻪرﻟﯩﻚ ﺗﻪﺳﯩﺮى ﺑﺎر. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﭼﻮڭ ﺋﻪﻣﻪس، ﭼﻮڭ دوزﯨﺴﻰ ﺋﺎﺷﻘﺎزان ﺋﯜﭼﻪﻳﻨﻰ ﺑﯩﯟاﺳﯩﺘﻪ ﻏﯩﺪﯨﻘـلاپ، ﻗﯘﺳﺘﯘرﻏﺎﻧﺪﯨﻦ، ﻗﻮرﺳﺎﻗﻨﻰ ﺋﺎﻏﺮىتقاندىن ،ﺋﯩﭽﻨﻰ ﺳﯜرۈپ ﺷﯩﻠﯩﻤﺸﯩﻖ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪرەت ﻛﻪﻟﺘﯜرﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯚرەﻛﻨﻰ ﻏﯩﺪﯨﻘـلاپ، ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﺳﯜﻳﺪۈك ﻛﻪﻟﺘﯜرﯨﺪۇ، ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪا ﻧﯧﺮۋا ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯘزۇپ ﺳﯚزﻟﻪﺷﻨﻰ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﻏﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﺶ، ﮬﯘﺷﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﻪﮬﯟاﻟـلارﻧﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈپ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪۇ.
ﮬﻪﺑﺒﯘﻧﻨﯩﻠﻨﯩﯔ ﺗﻪرﻛﯩﺒﯩﺪە ﮬﻪﺷﻘﯩﭙﯩﭽﻪك ﮔﻠﯘﻛﻮزﯨﺪى ﻓﺎرﺑﯩﺘﺒﯩﻦ (Pharbitin)، ﺋﺎﺗﺴﯩﺪۇم ﻧﯩﻠﯩﻜﯘم (Nilic) ۋە ﻣﻮزا ﻛﯩﺴـلاﺗﺎﺳﻰ، ﺋﺎﺗﺴﯩﺪۇم ﮔﺎﻟﻠﯩﻜﻮم (Gallc acid) ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘـلار ﺑﺎر. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ %11 ﻣﺎﻳﻠﯩﻖ ﻳﺎغ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﻪﻧﺖ ﺗﯜرﻟﯩﺮى ﺑﺎر، ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﻟﻜﺎﻟﻮﺋﯩﺪـلارﻣﯘ ﺑﺎر.
ﮬﻪﺷﻘﯩﭙﯩﭽﻪك ﺋﯘرۇﻗﻰ1. ﮬﻪﺷﻘﯩﭙﯩﭽﻪك ﺋﯘرۇﻗﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﻘﯩﻠﻐﺎن ﺳﯜﻳﯩﻨﻰ ﺋﯩﺮﺳﺎ ۋە ﮬﻪﺳﻪل ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮﺷﯘپ ﺑﯘرۇﻧﻐﺎ ﺗﯧﻤﯩﺘﺴﺎ، ﻛﻮﻧﺎ ﺑﺎش ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻟﺪۇرﯨﺪۇ.
2. ﮬﻪﺷﻘﯩﭙﯩﭽﻪك ﺋﯘرۇﻗﯩﻨﻰ ﻗﺎﺋﯩﺪە ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯧﺰﯨﭗ ﻳﻪرﻟﯩﻚ ﺋﻮرۇﻧﻐﺎ ﭼﺎﭘﺴﺎ، ﺑﻮﻏﯘﻣـلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﯩﺸﺸﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻮق ﻗﯩﻠﯩﺪۇ ۋە ﻏﻪﻟﯟﯨﺮەﻛﻨﻰ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﺎﻟﺪۇرﯨﺪۇ.
3. ﮬﻪﺷﻘﯩﭙﯩﭽﻪك ﺋﯘرۇﻗﯩﻨﻰ ﺳﻪﻧﺪەل ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮﺷﯘپ ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﺳﯘﻏﺎ ﭼﯩـلاپ ﻗﻮﻳﯘپ، ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺳﯜزۈپ ﺳﯜﻳﯩﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﭗ، ﺋﺎﺳﺘﯩﺪا ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺗﯩﺮﯨﭙﻨﻰ ﻳﻪرﻟﯩﻚ ﺋﻮرۇﻧﻐﺎ ﭼﺎﭘﺴﺎ، ﺑﻪرەﺳﻜﻪ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪت ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.
4. ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮔﺮام ﮬﻪﺷﻘﯩﭙﯩﭽﻪك ﺋﯘرۇﻗﻰ ﺳﯘﭘﯘﭘﻨﻰ ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﺋﯩﻠﯩﻤﺎن ﺳﯘ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮﺷﯘپ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎل ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﻣﻪددىنى ﭼﯜﺷﯜرﯨﺪۇ.
5. ﮬﻪﺷﻘﯩﭙﯩﭽﻪك ﺋﯘرۇﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﺎرﯨﺴﯩﻨﻰ زەﻳﺘﯘن ﻳﯧﻐﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮﺷﯘپ ﻗﯘلاﻗﻘﺎ ﺗﯧﻤﯩﺘﺴﺎ، ﻗﯘلاﻗﻨﯩﯔ ﻛﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎزﯨـلاﻳﺪۇ ۋە ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻨﻰ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﯩﺪۇ.
6. ﮬﻪﺷﻘﯩﭙﯩﭽﻪك ﺋﯘرۇﻗﯩﻨﻰ ﺧﯩﻴﺎرﺷﻪﻧﺒﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮﺷﯘپ ﺑﺎدام ﻳﯧﻐﯩﺪا ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﻪرﺳﻪ، ﺋﯜﭼﻪي ﺗﻮﺳﯘﻟﯘﺷﻘﺎ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪت ﻗﯩﻠﯩﺪۇئىترپىل دىيان، ھەبىبە مۇسەققىن.
ﺋﯜﭼﻪي ﻗﯘرﺗﻠﯩﺮى، ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﻮﻏﯘﻣـلار ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ، ﻳﯩﺮﯨﯖﻠﯩﻖ ﭼﺎﻗﯩـلار ۋە ﺑﻪرەس، ﺑﻪﮬﻪق ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘـلارﻏﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېباىتى خام دورىلار ئىلمى1 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى). [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.