سۇناي

سۇناي ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پۈۋلەپ چېلىنىدىغان چالغۇسى، مۇزىكا ياكى ناخشا-ئۇسسۇللاردا تەڭكەش قىلىنىدۇ، مول مىللىي تۈسكە ۋە مول ئىپادىلەش كۈچىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى سۇناي
باشىا نامى ياغاچ سۇناي، سۇرناي
پىنيىنچە يېزىلىشى sū nǎi yī
خەنزۇچە نامى 苏乃依
خەنزۇچە باشقا نامى 唢呐
تۈرى چالغۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سۇنايشىنجاڭ نىڭ جەنۇبىدا بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ، بۇ مۇقامدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئۇزۇنلۇقى 34.6 سانتىمېتىردىن 40 سانتىمېتىرغىچە، يەنە ياغاچ سۇناي دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ھازىر يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ھەر خىل ئەل ئىچى مۇزىكىلىرىنى ئورۇنداشتا ئىشلىتىلىدۇ، سۇناي ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پۈۋلەپ چېلىنىدىغان چالغۇسى، مۇزىكا ياكى ناخشا-ئۇسسۇللاردا تەڭكەش قىلىنىدۇ، مول مىللىي تۈسكە ۋە مول ئىپادىلەش كۈچىگە ئىگە.

 ئىككى جىن (265-420) مەزگىلىدە شىنجاڭ باي دىكى قىزىل مىڭ ئۆيى ئىچىدە ئۇ ئارقىلىق ئورۇنلىغان مۇزىكا سۈرىتى قېزىلغان، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە «مۇسۇلمانلار مۇزىكا» تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن، سۇرناي دەپمۇ ئاتالغان.

ئۇيغۇرلار چالغۇ-ئەسۋابقا باي مىللەت. ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ پەيدا بولۇپ، يۈكسىلىش ۋە تەرەققىي قىلىش تارىخى مۇزىكىنىڭ پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش تارىخى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە، ئۇ خەلقنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى بىلەن زىچ بىرىككەن بولۇپ، ئەنئەنىۋى مىللىي، ماددىي ۋە مەنىۋى سەنئەت بايلىقىنىڭ بىر قىسمى.

ئۇيغۇر چالغۇ-ئەسۋابلىرى ئىچىدىكى سۇنايمۇ ئۆز ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۇيغۇر چالغۇلىرى ئىچىدە خېلى زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ. سۇناي ئاپتونوم رايونىمىزدا بارلىققا كېلىپ ئېلىمىزغا كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى قىممەتلىك ئەڭگۈشتەرلەرنىڭ بىرى.

سۇناي دەۋر تەرەققىياتى داۋامىدا زاماننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، قايتا-قايتا ئىسلاھ قىلىنىپ، ئىلمىي يەكۈنلىنىش بىلەن ئۆزىنىڭ مۇزىكىلىق تۈسى، ئاۋازى، مېلودىيەلىك ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ كەلگەن.

سۇناينىڭ ياڭراق، جاراڭلىق ئاۋاز ئالاھىدىلىكى ئۇيغۇر مىللىي چالغۇلىرى ئىچىدە بىرلىشىپ مۇزىكا ئورۇنداش جەھەتتە ئورۇندىماقچى بولغان مۇزىكىنىڭ تەلىپىنى تولۇق قاندۇرۇپلا قالماي، شۇ مۇزىكىدا ئىپادىلىمەكچى بولغان مۇزىكا ھېسسىياتىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. سۇناينىڭ تۆۋەن ئاۋاز باسقۇچىنىڭ ئاۋاز تۈسى جاراڭلىق ۋە ياڭراق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن مۇزىكا ھېسسىياتىنى ناھايىتى مۇكەممەل ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

سۇناينىڭ ئاۋاز پەدە ئارىلىقىنىڭ يېقىن بولۇشى تېز سۈرئەتتە ئورۇندىلىنىدىغان مۇزىكىلارنى ئورۇنداشقا قولايلىق بولۇپلا قالماي، ھەرخىل يېرىم ئاۋازلىق مۇزىكىلارنىمۇ ئورۇنداشتا ماسلىشىش ئالاھىدىلىككە ئىگە.

سۇناينىڭ پەدە ئالاھىدىلىكى بولسا سۇناي مۇزىكىنىڭ ھەرخىل ئۇدار تەلەپلىرىنى تولۇق ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىنىپلا قالماي، ئورۇندالماقچى بولغان مۇزىكىنىڭ شېۋە ئالاھىدىلىكى، تاۋۇش ئالاھىدىلىكى ئارقىلىق ھەرقايسى قېرىنداش مىللەت مۇزىكىلىرىنى ئۆز ئالاھىدىلىكلىرى بويىچە ئورۇنداشقا ماسلىشالايدۇ.

سۇناي ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولۇپ، مۇزىكا ئورۇنداشتا قولايلىق. سۇناي مەيلى ئۇيغۇر مۇقاملىرى، مەشرەپلىرى ۋە ياكى خەلق ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئۇيغۇر مىللىي چالغۇلىرى ۋە ئوركېستىردا ئورۇنداشتا ئاۋاز بىرلىكى، ئاۋاز تۈسى ۋە خاس ئاۋاز ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۇيغۇر چالغۇلىرى بىلەن بىرىكىپ مۇزىكا قۇرۇلمىسىنى زىننەتلەپ، ئۇيغۇر مىللىي مۇزىكىسىنىڭ خاراكتېرىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

سۇناينى ئاسرىغاندا ئۇنىڭ يېرىلىپ ۋە بۇزۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. سۇناينى ياز كۈنلىرى سىرتتا ئىككى، ئۈچ سائەتلەپ چالغاندا، سۇناينىڭ ياغىچى پۈۋلىگەندە چىققان ئىسسىق ھاۋانىڭ ۋە كۈن نۇرى تەسىرىدە ئاسان يېرىلىپ كېتىدۇ. قىش كۈنلىرى سىرتتا چالغاندا، پۈۋلىگەندە چىققان ئىسسىق ھاۋا ئېقىمى سۇناي غولىدىن ئۆتۈپ مەلۇم نىسبەتتە سۇغا ئايلىنىدۇ ۋە سىرتقى ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە توڭلايدۇ. چېلىشنى توختىتىپ مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، سۇناي غولى يېرىلىپ كېتىدۇ. شۇڭا، سۇناينى قاپ ياساپ ساقلاش كېرەك.

يازنىڭ تومۇز كۈنلىرى ئۈستى ئوچۇق جايلاردا سۇناي چالغاندا، سۇناينىڭ ئىچىگە پات-پات سوغۇق سۇ قويۇپ تۇرۇش كېرەك. بۇنىڭمۇ سۇناينىڭ يېرىلىپ كەتمەسلىكىگە پايدىسى بار. ھاڭگى تېرەك ياغىچىدا ياسالغان سۇناي ئاسان يېرىلىپ كەتمەيدۇ. بىراق، بۇنداق سۇناينىڭ ئاۋازى كۆڭۈلدىكىدەك چىقمايدۇ. سۇناي يېرىلىپ كەتسە، يېرىلىپ كەتكەن جايىنىڭ ئىككى تەرىپىنى ۋە ئوتتۇرىنى سۇلياۋ تارا ياكى پەي تارىدا تېڭىش ۋە ياكى تۇچ ۋە مىستىن چەمبەر ياساپ بوغۇش كېرەك.

سۇناي چېلىشتا تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. سۇناي چېلىشتىن بۇرۇن ئېغىزنى پاكىز چايقىۋېتىپ چېلىش كېرەك، ئۇنداق قىلمىغاندا، ئېغىزدا قالغان تاماق قالدۇقلىرى سۇناي ئىچىگە كىرىپ، پۈۋلەش يولىنى توسۇۋىلىپ، سۇناينىڭ ئاۋازىغا تەسىر يېتىدۇ.

پېپىنى تازىلىغاندا، سەرەڭگە ياغىچى ياكى باشقا نەرسىلەر بىلەن قالايمىقان كولىماسلىق بەلكى كەپتەر پېيى ياكى توخۇ پېيىنى سوپۇن پاراشوكىغا چىلاپ يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن ئىشلىتىش، ئاندىن سوغۇق سۇدا پاكىز چايقىۋېتىش، سۇناي چالغاندا، ئېغىزدىن چىققان ئىسسىق ھاۋا بىلەن چاڭ-توزان بىرلىشىپ پەردە تۆشۈكچىلىرىگە يېپىشىۋالىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، تۆشۈكچىلەر كىچىكلەپ كېتىدۇ.

شۇڭا، چاڭ-توزانلارنى پاختا رەخت بىلەن تازىلاش، سۇناينى چېلىپ بولۇپ، پىپىنى چىقىرىپ سۇلياۋ ۋە تۆمۈر قۇتىغا ياكى سۇلياۋ خالتىغا سېلىپ چىڭ يۆگەش، يانچۇققا ياكى سومكىغا سالماسلىق كېرەك. چۈنكى، تۆمۈر قۇتا، سۇلياۋ قۇتا، سولياۋ خالتىلاردا ھاۋا ئالمىشىش بىر قەدەر ئاستا بولغاچقا، پېپى كۆكۈرۈپ قالىدۇ ياكى ئېغىزى ئېچىلىپ قالىدۇ.

ئېغىزى ئېچىلىپ قالسا پېپىنى پۈۋلەپ ئاۋاز چىقىرىش ئادەتتىكىگە قارىغاندا قىيىن بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پىپىنى ياغاچ قۇتىغا سالغان ياخشى. ياغاچ قۇتىدا ھاۋا ئالمىشىپ تۇرغاچقا، پېپىنىڭ ئېغىزى ئېچىلىپ قالىدىغان ياكى رەڭگى ئۆزگىرىپ قالىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرمەيدۇ.

ئەگەر پېپىنىڭ ئېغىزى ئىتىلىپ قالسا، ئاچىمەن دەپ ئىككى تەرەپتىن مىجىسا، پېپى يېرىلىپ كېتىدۇ، چېلىش توغرا كەلسە ئېغىزى ئىتىلىپ قالغان پېپىنى سۇدا ياكى ئېغىزنىڭ نېمىدا نەملىك ئۆتكۈزۈپ ئېچىش كېرەك.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سۇناينى ئۆگىنىش بىرقەدەر قىيىن بولۇش ۋە ئۇنىڭ ئوركېستىر ياكى ئانسامبىل ئىچىدىكى ئورنىنى تونۇپ يېتىشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى تۈپەيلىدىن، سۇناينى ئۆگىنىدىغانلار ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ. شۇڭا، كېيىنكى ئەۋلادلارغا سۇناينى ئۆگىنىشنى توغرا تەشۋىق قىلىپ، ئىلمىي ئۇسۇلدا تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇناينىڭ مىللىي ئوركېستىردىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇر مىللىي مۇزىكىلىرىنى تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىتىش ئۈچۈن، ئۈزلۈكسىز تىرىشىش كېرەك.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    100%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#