سۇدا تېيىلىش

سۇدا تېيىلىش

سۇدا تېيىلىش «سۇ چاڭغىسى ھەرىكىتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تەنھەرىكەتچى پۇتىغا سۇ تېيىلغۇچ كىيىپ، ماتورلۇق قېيىقنىڭ سۆرىشى بىلەن سۇ يۈزىدە سىيرىلىدۇ ھەمدە ئايلىنىش، سەكرەشكە ئوخشاش ھەر خىل ھەرىكەتلەرنى ئىشلەيدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى سۇدا تېيىلىش
خەنزۇچە نامى 滑水

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سۇدا تېيىلىشسۇدا تېيىلىش ھەرىكىتى چاڭغا تېيىلىش ھەرىكىتىدىن بۆلۈنۈپ چىققان. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياۋروپادىكى قار تېيىلىش تەنھەرىكەتچىلىرى مەشىق جەريانىدا تاسادىپىيلا مۇز-قارلىرى ئېرىپ كەتكەن كىچىك ئېقىندىن تېيىلىپ ئۆتكەن، مانا بۇ سۇدا تېيىلىشنىڭ باشلىنىشىدۇر. 1921-يىلى فرانسىيىلىكلەر ماتورلۇق قېيىققا قار چانىسى بىلەن سۆرىلىپ سۇدا تېيىلىپ، كۆل ئۈستىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئويۇن كۆرسەتكەن، شۇ يىلى فرانسىيىدە تۇنجى بولۇپ سۇدا تېيىلىش گۇرۇپپىسى بارلىققا كەلگەن، بۇ پائالىيەت تەدرىجىي ھالدا ياۋروپا-ئامېرىكىغا كېڭەيگەن. 1949-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك ياشلار سۇ تېيىلىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن، 1981-يىلى ئولىمپىك تەنھەرىكەت تۈرىگە رەسمىي كىرگۈزۈلگەن.

سۇدا تېيىلىشسۇدا تېيىلىش − توسالغۇلۇق تېيىلىش، فىگۇرا چىقىرىپ تېيىلىش ۋە سەكرەپ تېيىلىش دەپ ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ.

توسالغۇلۇق تېيىلىشتا، تەنھەرىكەتچىنى سۆرىگۈچى قېيىقنىڭ سۈرئىتى، تانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە تەنھەرىكەتچى ئەگىگەن توسالغۇ بەلگىسىنىڭ سانى بويىچە ئومۇمىي نومۇر ھېسابلىنىدۇ. رەسمىي مۇسابىقىلەردىكى قېيىقنىڭ سۈرئىتى جەمئىي ئالتە دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ. ئەڭ تۆۋەن سۈرئەت سائىتىگە43 كىلومېتىر، ئەڭ يۇقىرى سۈرئەت سائىتىگە ئەرلەرنىڭ 58 كىلومېتىر، ئاياللارنىڭ 55 كىلومېتىر بولىدۇ. تەنھەرىكەتچىلەر ئىشلىتىدىغان سۆرىگۈچى تانىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ ئالتە دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ، ئەڭ ئۇزۇنى 25.18 مېتىر، ئەڭ قىسقىسى 25.11 مېتىر بولىدۇ. سۈرئىتى قانچە تېز، تانىسى قانچە قىسقا بولسا، تەنھەرىكەتچىنىڭ نەتىجىسى شۇنچە ياخشى بولىدۇ. تەنھەرىكەتچى ئالتە توسالغۇدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بىر تېيىلىش مۇساپىسىنى تۈگەتكەن بولىدۇ، ئاندىن سۈرئەتنى تەڭشەيدۇ ياكى تانىنى قىسقارتىپ تەتۈر يۆنىلىشتە تېيىلىدۇ. شۇ تەرىقىدە بېرىپ-كېلىپ، تاكى يىقىلىپ چۈشكۈچە داۋاملاشتۇرىدۇ.

فىگۇرا چىقىرىپ تېيىلىشتا تەنھەرىكەتچى20 سېكۇنتلۇق تېيىلىش مۇساپىسىدە ئالدىن رەتلىۋالغان بىر يۈرۈش فىگۇرا چىقىرىش ھەرىكىتىنى ئورۇنداپ، ئۇنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ۋە سۈپىتى بويىچە نومۇر ئالىدۇ. تەنھەرىكەتچى قېيىق سۈرئىتىنى ئۆزى بەلگىلىسە، ئوڭ-تەتۈر يۆنىلىشلەردە مۇسابىقە مەيدانىدىن ئىككى قېتىم ئۆتسە بولىدۇ، ئىككى قېتىملىق مۇسابىقە نەتىجىسى قوشۇلۇپ نومۇر ھېسابلىنىدۇ.

سەكرەپ تېيىلىشتا تەنھەرىكەتچى قېيىقنىڭ سۆرىشى بىلەن ئېگىز سۇپىغا تېيىلىپ چىقىپ بوشلۇققا ئۆرلەيدۇ. ئەرلەر سۇپىسىنىڭ ئېگىزلىكى60.1 −80.1 مېتىر، سۆرەش سۈرئىتى سائىتىگە57 كىلومېتىر، ئاياللار سۇپىسىنىڭ ئېگىزلىكى50.1 مېتىر، سۆرەش سۈرئىتى سائىتىگە51 كىلومېتىر بولىدۇ. تەنھەرىكەتچى ئۆرلەپ چىقىپ سۇغا چۈشكەندىن كېيىن، داۋاملاشتۇرۇپ100 مېتىرغا تېيىلسا ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ھېسابلىنىدۇ. ئىسىم تەرتىپى سەكرەش ئارىلىقىنىڭ يىراق-يېقىنلىقى بويىچە ببېكىتىلىدۇ.

سۇدا تېيىلىشدۇنيا سۇدا تېيىلىش مۇسابىقىسى ئىككى خىل بولۇپ، يىل ئاتلاپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. تاق يىلدا توپلىشىپ بىرلىكتە دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ، جۈپ يىلدا قىتئەلەر بويىچە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇسابىقىلىشىدۇ، جەنۇبىي، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى بىرىنچى گۇرۇپپا، ياۋروپا قىتئەسى ئىككىنچى گۇرۇپپا، ئاسىيا ۋە ئوكيانىيە ئۈچىنچى گۇرۇپپا بولىدۇ. نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرىسى ئامېرىكا بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن تىركىشەلەيدىغىنى ئاۋسترالىيىدۇر. 

1986-يىلى ئېلىمىز تۇنجى قېتىم ئۈچىنچى گۇرۇپپىنىڭ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ئاياللارنىڭ سەكرەپ تېيىلىشىدا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. 1988-يىلى ئىككىنچى قېتىم قاتنىشىپ، ئاياللارنىڭ فىگۇرا چىقىرىپ تېيىلىشىدا چېمپىيون ۋە باشقا ئۈچ تۈردە ئىككىنچى بولغان ھەم ئاسىيادا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن. ئايرىم يەككە تۈرلەردىمۇ ئادەتتىكى دۇنيا سەۋىيىسىگە يەتكەن.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#