قىيمىلىق پولۇ

قىيمىلىق پولۇ بولسا گۈرۈچ ، سۇڭپىياز ، ئەبجەش ياغ ، ئاقمۇچ ، باش پىياز ، پۇرچاق ئۇنى ، لوق گۆش ، سوققان زىرە ، سەۋزە ، تۇز قاتارلىق ماتىرياللاردىن تەييارلىنىدىغان پولۇنىڭ بىر تۈرى .

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لازىملىق ماتىرياللارگۈرۈچ بىر كىلوگرام، سۇڭپىياز ئىككى تال، ئەبجەش ياغ 500 گرام، ئاقمۇچ مۇۋاپىق، باش پىياز 105 گرام، پۇرچاق ئۇنى 70 گرام، لوق گۆش بىر كىلوگرام، سوققان زىرە مۇۋاپىق، سەۋزە بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. 

1. گۆش گۆش توغراش ماشىنىسىدىن ئۆتكۈزۇلىدۇ ياكى ئۇششاق چانىلىدۇ. پىياز ئۇششاق توغرىلىدۇ. ئاق قارىمۇچ، زىرىلەر ھاۋانچىدا سوقۇلىدۇ، پۇرچاق ئۇنىنى سۇغا چىلاپ، سەۋزە قەلەمچە، پىياز يالپاق توغرىلىدۇ. 

2. يۇقىرىقى خۇرۇچلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قىيما قىلىپ ياڭاقتەك كۇمىلاچ(ۋەنزە) قىلىنىدۇ. 

3. قازانغا ياغ قۇيۇپ 6-5 دەرىجە قىزىتىپ، كۇمىلاچلارنى سېلىپ، سىرتى قىزارغىچە قورۇپ سۈزۈۋېلىنىدۇ. 

4. ياغنىڭ قىزىقلىقىنى 8-7 دەرىجىگە كۆتۈرۈپ، سۇڭپىيازنى سېلىپ قورۇپ، ئارقىدىن سەۋزىنى سېلىپ يەنە قورۇپ، «گۆشلۈك پولۇ» نى ئېتىش ئۇسۇلى بويىچە پولۇ ئېتىلىدۇ .

5. كۇمىلاچلار تولۇق پىشقان بولسا، پولۇنى دەملەش ۋاقتىدا ئۇلار گۈرۈچنىڭ ئۈستىگە بېسىلىدۇ. يېرىم پىشقان بولسا، خۇرۇچلار قايناۋاتقاندا سېلىپ ئۈستىدىن گۈرۈچ سېلىنىدۇ. پولۇ دەم يېگەندىن كېيىن قىيما كۇمىلاچلارنى باشقا قاچىغا ئېلىۋېلىپ، پولۇ ئۇسقاندا ئۇلار پولۇنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#