دۈمداپ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
دۈمداپ قەدىمكى زامان كۇچا مۇزىكا ئوركېستىرلىرىدىكى مۇھىم سوقما چالغۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، جاللانىڭ يېقىن قېرىندىشى.
دۈمداپدۈمداپ، مىستىن دۈگىلەك، يوغان، قىرلىق پەتنۇس شەكلىدە ياسىلىدۇ، بىر قولدا چېتىدىن باغلانغان يىپتىن كۆتۈرۈپ، يەنە بىر قولدا ئۇچىغا لاتا يۆگەپ ياغاچ توقماق بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدۇ، ھەمدە ئاجايىپ جاراڭلىق ئاۋاز ئارقىلىق مۇزىكىنىڭ كۈچلۈك ئۇدارلىرىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇنىڭ چوڭ – كىچىك، خىلمۇخىل نۇسخىلىرى بولۇپ، ئاۋازىنىڭ كۈچى ۋە يۇقىرىلىقىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئۇلار خىلمۇ-خىل مۇزىكا رېتىملىرىدا بىر – بىرىگە ئۆز ئارا تەڭكەش قىلىپ چېلىنىش ئارقىلىق كەيپىياتنى جانلاندۇرۇش رولىنى ئوينىغان.
دۈمداپ قەدىمكى دەۋرلەردە ئۇيغۇر ئوركېستىرىنىڭ « شىر – يولۋاس ئويۇنى » ۋە « نىقابلىق ئۇسسۇل »لارغا تەڭكەش قىلىشتا جاللا بىلەن بىرگە قوللىنىدىغان ئاساسلىق سوقما چالغۇدۇر.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.