شاپتۇل دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. شاپتۇل (خام دورا)
  2. شاپتۇل (مېۋە)
خام دورا
شاپتۇل


شاپتۇل نىڭ مېۋىسى سەل-پەل شار شەكلىدە بولۇپ، يۈزىدە قىسقا تۈكلىرى بولىدۇ، تەمى تاتلىق، سورتى كۆپ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقان مېۋىسى، مېغىزى ۋە يېلىمى ئىشلىتىلىدۇ.


دورا نامى شاپتۇل
ئەكىس تەسىرى يوق
تەسىرى تەبىئەتنى يۇمشىتىش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، مېڭىنى سوۋۇتۇش، تەپلەرنى پەسەيتىش، قان ۋە سەپرانىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى پەسەيتىش، باھ، ئاشقازان ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق
خەنزۇچە ئاتىلىشى
رېتسېپلىقمۇ رېتسېپسىز
ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شاپتۇل ئازغان ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق ياغاچ غوللۇق يوپۇرماق تاشلايدىغان مېۋىلىك دەرەخ بولۇپ، شاخلىرى سىلىق، يوپۇرمىقى ئۇزۇن ھەم ئېللىپس شەكلىدە، گۈلى ھال رەڭ ۋە تاق ھالەتتە ئۆسىدۇ. مېۋىسى سەل-پەل شار شەكلىدە بولۇپ، يۈزىدە قىسقا تۈكلىرى بولىدۇ، تەمى تاتلىق، سورتى كۆپ.

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقان مېۋىسى، مېغىزى ۋە يېلىمى ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يازدا مېۋىسى پىشقاندا مېۋىسى ۋە مېغىزىنى يىغىۋېلىپ مېۋىسىنى قۇرۇتۇپ، ئۈچكىسىنى چېقىپ مېغىزىنى ئايرىپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.

ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق.

تەبىئەتنى يۇمشىتىش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، مېڭىنى سوۋۇتۇش، تەپلەرنى پەسەيتىش، قان ۋە سەپرانىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى پەسەيتىش، باھ، ئاشقازان ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.

شاپتۇلنىڭ ئوبدان پىشقىنىنى ئېلىپ، سىقىپ سۈيىنى بىر كېچە قويۇپ، دۇغى تېگىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئەتىگەندە 200 گرامنى شېكەر ياكى تەرەنجىبىن بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، غەيرىي تەبىئىي سەپرانى ھەيدەيدۇ.

شاپتۇلنىڭ پىشقان مېۋىسىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلسا، مېڭىنى سوۋۇتۇپ، مىجەزنى ھۆللەشتۈرىدۇ؛ غەيرىي تەبىئىي سەپرا ۋە تەپلەرنى پەسەيتىپ، ئېغىزنىڭ سېسىقلىقىنى يوقىتىدۇ.

شاپتۇل مېغىزى، كىرەش، قىزىل چۇغلۇق، زاراڭزا قاتارلىقلاردىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ. تۆت گرام شاپتۇل مېغىزىنى بەش گرام كەتمەن قوڭغۇزى، 12 گرام كىرەش، ئالتە گرام يېكەن سېرىقى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يىقىلىش-ئۇرۇلۇشتىن بولغان زەخىمگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

12 گرام شاپتۇل مېغىزىنى 10 گرام پىيزەك، 12 گرام قانتېپە، 35 گرام كىرەش، 30 گرام خام كەتىرا، سەككىز گرام رەۋەن، سۇلۇك ئالتە گرام، 5.2 خام كۆكۈيۈن بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بالىياتقۇ راكىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

شاپتۇل يېلىمىدىن 12 گرام ئېلىپ ئازراق ئاق شېكەر قوشۇپ قاچىغا سېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئاقسىل سىيىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. شاپتۇل چېچىكىدىن تۆت گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر گرام تالقاننى قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، قورساققا سۇ چۈشۈش ۋە سۈيدۈك تۇتۇلۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. شاپتۇل يوپۇرمىقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قاينىتىپ باشنى يۇيۇپ بەرسە، باشنىڭ پىتىنى يوقىتىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#