كۇچۇلا مۇدەپپەر

كۇچۇلا مۇدەپپەر پەي مۇسـكۇلـلارنـى چىـڭىتىـش، قـورۇش، تۇتـۇش، ئاغـرىق پەسەيتىش، نېرۋا، يۈرەكنى قوزغىتىش، باھنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى كۇچۇلا مۇدەپپەر
تەبىئىتى ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق
ئىنگلىزچە Nux vomical poisonnut
باشقا نامى ئازاراقى (ئە)،ئازاراق،جب الغراب(پ)، ازاراق .كچلا (ئو)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۇچۇلا ئائىلسىدكى ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈك كۇچۇلىنىڭ پىشقاندىن كېيىن قۇرۇتۇلغان ئۇرۇقى بولۇپ ، شەكلى ياپىلاق ، تۈكلەش ،ئىچكى قسىمىدا ئۈندۈرمىسى بولىدۇ .سىرتى قوڭۇر رەڭدە، ئىچى ئاق ، تەمى ئاچچىق ، پۇرىقى سۇس، قۇرۇتۇلغان ، پىششىق ، ئۇرۇقى تۈگمىسىمان يۇمىلاق ، ياپىلاق بولىدۇ.

چىقىش ئورنى

ھىندىستان ، مالايسىيا ، سىنگاپور ، تايلاند ، ۋېيتنام ، يۈننەن قاتارلىق جايلاردا چىقىدۇ .

ئۇرۇقـىـدا ھەرخىـل بىــئولـوگىـيىلـىك ئىـشقــارلار بـار .

 ئۇنـىڭدىـن باشـقـا سـىتـىـرىفـىـنــن (Strychnine)بـىـرۇسـىـن(brucine)، ئـىزوسـتـىـزئىـخـىـنـن (Isostrychnine) ، ئىزوبىرۇسىن (Isobrucine) ،-βكۇلۇبىرىن β-colubrine)) ۋومىسىن (vomicine) نوۋاسىن(novacine) قاتارلىقلارنى تۇتىدۇ.

پەي مۇسـكۇلـلارنـى چىـڭىتىـش، قـورۇش، تۇتـۇش، ئاغـرىق پەسەيتىش، نېرۋا، يۈرەكنى قوزغىتىش، باھنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتى بار.

ئورۇنباسارى

بالادۇر ، قارا پارپا.

ئەكىس تەسىرى

مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ئىستېمال قىلسا پەيلەر ۋە پۈتۈن بەدەننى تارتىشتۇرۇپ قويىدۇ ھەتتا ھاياتقا خەۋىپ يەتكۈزىدۇ .

تۈزەتكۈچىسى

بادام يېغى ، سۈت ، ناۋات.

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

مەجۈنى ئازاراقى، ھەببى ئازاراقى.

 1. مەركىزىي نېرۋا سستېمىسىنى غىدىقلاش تەسىرىگە ئىگە.

 2. ئاغرىق پەسەيتىش ، تىنچلاندۇرۇش تەسىرىگە ئىگە.

3. ئاشقازاننى ياخشىلاش ، ئاشقازان سۇيۇقلىقى ئاجرىتىپ چىقىرىشنى تېزلىتىش تەسىرىگە ئىگە .

 4. يۆتەل توختىتىش ، بەلغەم بوشىتىش تەسىرى بار يەنە مىكرو ئورگانىزىملارنى تورمۇزلاش رولىمۇ كۆرىنەرلىك. 

5. زەھەرلىك تەسىرى : كۇچۇلا مېغىزى كۈچلۈك زەھەرلىك ، ئادەم 5 مىللىيگرامدىن 10 مىللىيگىرامغىچە ئىستېمال قىلسا زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . 30 مىللىييگىرامغا يەتسە ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ .

نېرۋا ئاجىزلىقى ، پالەچ ، لەقۋا ، مۇپاسىل ، ئىستىرخا ، باھ ئاجىزلىقى ، بەل ئاغرىقى ، بوغۇم ئاغرىقى، يۈرەك ئاجىزلىقى ، پەي بوشۇشۇپ كېتىش، زىققا نەپەس، سىل، سۈيدۈك تۇتالماسلىق، ئاق خۇن كۆپ كېلىش، ھېيىز بىلەن قان كېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ .

كۈنجۈت يېغى بىلەن قاينىتىپ ياغ تەييارلاپ يەرلىك ئورۇنغا سۈرسە بوغۇم ئاغرىقى قاتارلىق كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ . باشقا دورىلار بىلەن قوشۇپ مەجۈن ياكى سوپۇپ تەييارلاپ ھەرخىل كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ .

مېۋىسى پىشقاندا پوستىنى ئېلىۋىتىپ قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ .

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار 

بۇ دورا زەھەرلىك ، زەھەرسىزلەندۈرمەي ئىشلىتىشكە بولمايدۇ ئىچىدىكى ئۇرۇقى پەقەت يېيىلمەيدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/izdesh.jsp?sandan=6

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#