بايناق
بايناق ئېلىمىز جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولۇپ، لىن ئەن ناھىيىسى يۈچيەن رايونىدىن چىقىدىغىنى «يۈچيەن باينىقى» دېيىلىدۇ. ھازىر بازارلاردا سېتىلىۋاتقىنى سۈنئىي ئۆستۈرۈلگەن1 −2 يىللىق بايناقلاردىن ئىبارەت. ياۋا ئۆسكەن تاغ باينىقى ئىنتايىن قىممەت بولۇپ ئاسان تېپىلمايدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بايناق ئېلىمىز جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولۇپ، لىن ئەن ناھىيىسى يۈچيەن رايونىدىن چىقىدىغىنى «يۈچيەن باينىقى» دېيىلىدۇ. ھازىر بازارلاردا سېتىلىۋاتقىنى سۈنئىي ئۆستۈرۈلگەن1 −2 يىللىق بايناقلاردىن ئىبارەت. ياۋا ئۆسكەن تاغ باينىقى ئىنتايىن قىممەت بولۇپ ئاسان تېپىلمايدۇ. 

بايناق كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە كىرىدۇ. كۈزدە چېچەكلەيدۇ، گۈل تاجىسى سۆسۈن رەڭدە بولىدۇ. مېۋىسى ئورۇق مېۋە بولۇپ، مېۋىسىنىڭ ئۈستۈنكى ئۇچىدا بىر قاتار ئايلانما پەيسىمان تاجى تۈكچىلىرى بولىدۇ. بايناقنىڭ يىلتىزسىمان غولى سېمىز مۇشتقا ئوخشايدۇ. دورا ماتېرىيالى قىلىشتا تيەن مۇسەن تېغى ئەتراپىدىن چىقىدىغان بايناق ئەڭ ئەتىۋالىقى ھېسابلىنىدۇ. 

بايناقنىڭ تەبىئىتى بىرئاز ئىسسىققا مايىل بولۇپ، تەمى قېرىقراق، تەركىبىدە ئۇچۇچان مايلار بولغاچقا خۇشبۇي پۇرايدۇ. ئادەتتە ئۇنىڭ تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ تەننى قۇۋۋەتلەش، ھۆللۈكنى تارقىتىپ سۇلارنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار. تال ۋە ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان دورا بايناقنى توغرامچە قىلىپ گۈرۈچ بىلەن قورۇش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ؛ ئۆپكە سىلى(ئۆپكە تۇبېركۇليوزى) كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغان بىمارلارنى قۇۋۋەتلەندۈرۈشتە ئۇن بىلەن قورۇش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ؛ ئىچ سۈرۈشنى توختىتىشتا بولسا سۈت بىلەن قورۇلىدۇ. بايناق توغرامچىلىرىنى ھاراققا چىلاپ دورا قىلىشقا ياكى قايناقسۇدا دەملەپ چاي ئورنىدا ئىچىپ قۇۋۋەت دورىسى قىلىشقىمۇ بولىدۇ. 

ھازىرقى زامان تەتقىقاتىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، بايناق يەنە ئاشقازان ۋە ئۈچەيلەرنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن، سۈيدۈك راۋانلاشتۇرۇش رولى روشەن ھەم ئۇزۇنغىچە داۋام قىلىدىكەن، قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدىكەن ۋە جىگەرنى ئاسرايدىكەن. ھايۋانلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىلەرنىڭ ئىسپاتلىشىچە، تەركىبىدە بايناق بولغان دورىلارنى داۋاملىق ئىچىپ بەرگەندە، بەدەن ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇش ۋە مۇسكۇللارنىڭ كېرىلىش كۈچىنى كۈچەيتىش رولى بولىدىكەن. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#