بۇغداي دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. بۇغداي (خام دورا)
  2. بۇغداي (ئاشلىق ،زىرائەت)
  3. بۇغداي (ئۆلچەم بىرلىكى)
خام دورا
بۇغداي

بۇغداي باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، ئارپا باشقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، بەدەننى سەمرىتىش، چىراينى پارقىرىتىش، ماددىلارنى تارقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى بۇغداي
تەبىئىتى بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 小麦

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇغدايبۇغداي باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، ئارپا باشقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولى تىك ئۆسىدۇ، غولىنىڭ ئوتتۇرىسى كاۋاك، يوپۇرمىقى كەڭ تاسمىسىمان كېلىدۇ؛ دېنى ئېللىپس شەكلىدە بولۇپ، قورساق تەرىپىدە ئېرىقچىسى بولىدۇ.

بەدەننى سەمرىتىش، چىراينى پارقىرىتىش، ماددىلارنى تارقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

دورىلىق قىسمى

بۇغداينىڭ دېنى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

تەبىئىتى

بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.

ئىشلىتىش مىقدارى

ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.

بۇغداي ئۆسۈملۈكنى ياز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، خاماندا تېپىپ دېنىنى ئايرىپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

بۇغدايبۇغداي ئۇنىنى بادام مېغىزى بىلەن قوشۇپ ئاتلا ئېتىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك يۆتەل، دەم سىقىلىش، ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلىقى، داغ ۋە سەپكۈنگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

20 گرام بۇغداينى سەككىز گرام چاكاندا يىلتىزى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆزلۈكىدىن تەرلەش ۋە ئوغرى تەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 

بۇغدايدىن 35 گرام، خام ئەگرىسۇنادىن 51 گرام، خام لوڭگۇدىن 20 گرام، ئالقات يىلتىزى پوستىدىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە سىلى ۋە ئۆزلۈكىدىن تەرلەشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. 

مۇۋاپىق مىقداردىكى بۇغداي ئۇنىنى نەرگىس گۈلى ۋە ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، تىكەن ۋە ۋاشاق ئوقىنى ( ئوقيا ئوقىنى) چىقىرىپ، پەيلەردىكى ئىششىقلارنى تارقىتىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#