قەدىمكى كىشىلەر بىر يىل ئىچىدىكى كىلماتنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، بىر يىلنى باھار، ياز، كۈز، قىشتىن ئىبارەت تۆت پەسىلگە بۆلگەن. 

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قەدىمكى كىشىلەر بىر يىل ئىچىدىكى كىلماتنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، بىر يىلنى باھار، ياز، كۈز، قىشتىن ئىبارەت تۆت پەسىلگە بۆلگەن. بىر پەسىل ئۈچ ئاي بولۇپ، ئادەتتە 11-، 12-، 1-ئايلار قىش پەسلىگە؛ 2-، 3-، 4-ئايلار باھار پەسلىگە؛ 5-، 6-، 7-ئايلار ياز پەسلىگە؛ 8-، 9-، 10-ئايلار كۈز پەسلىگە تەۋە بولىدۇ.

خەرىتىگە ئاساسەن جۇغراپىيلىك شەيئىلەرگە ، ھادىسلەرگە ۋە قانۇنىيەتلەرگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى ئالىي مەكتەپ ئىمتھانى ، خۇلاسە ئىمتھانى ۋە تۈرلۈك سىناق ، تەكشۈرۈشلەرنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ قالماقتا. شۇڭا ، دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ۋە باشقا تۈرلۈك ئەمەلىي پائالىيەتلەر جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەمەلىي ئىقتىدارلىرىنى يىتلدۈرۈش_ جۇغراپىيە ئوقۇتۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ۋە مەزمۇنى قىلنىشى كېرەك . پەسىللەرگە ھۆكۈم قىلىش _ « يەر شارىنىڭ ھەرىكىتى » دەرسىدىكى ئەڭ ئاساسلىق مەزمۇن . يەر شارىنىڭ قۇياش ئەتراپىدا توختىماستىن ئايلىنىشى نەتىجىسىدە ، يەر شارىدا تۆت پەسىل شەكىللەنگەن ، شۇنداقلا پەسىللەر توختىماستىن ئالمىشىپ تۇرىدۇ. پەسىللەرنىڭ ئالمىشى نەتىجىسىدە يەر شارىدىكى ئىقلىم ، تۇپراق ، كېچە - كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشى ، ئۆسۈملۈك يىپىنچىلىرى ، كۈن چىقىش، كۈن پېتىش يۆنىلىشى قاتارلىقلاردىمۇ ماس ھالدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. شۇڭا ، يۇقىرىقى جۇغراپىيلىك ھادىسلەردىكى ئۆزگىرىش ئالامەتلىرىگە ۋە ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن يەر شاردىكى پەسىللەرگە ۋە مەلۇم بىر جاينىڭ قايسى پەسىلدە تۇرغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ .

ئىقلىم ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ھۆكۈم قىلىش 

يەر شارىدىكى نۇرغۇن ئىقلىم تىپلىرى پەسىل ئالاھىدىلىكىنى روشەن كۆرستىپ بېرەلەيدۇ . مەسىلەن ، ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمى ، تروپىك بەلۋاغ ئوتلاق ئىقلىمى ، مۇسسۇن ئىقلىمى قاتارلىق ئىقلىم تىپلىرىنىڭ پەسىللىك ئۆزگىرىشى روشەن بولۇپ ، پەسىل ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىپ بېرەلەيدۇ. مەسىلەن ، رىم ، لوس - ئانژىلس ، سان فرانسېسكو ، ئافىنا ، تورۇنتۇ ، مارسېل قاتارلىق شەھەرلەردە قاتتىق ئىسسىق ، قۇرغاق بولغاندا ، ياكى پېرت ، كاپ توۋن ، ئۈمىد تۇمشۇقى ، سانتىياگو قاتارلىق جايلاردا كۆپ يامغۇرلۇق بولغاندا ، ياكى جەنۇبى ئاسىيادا غەربى جەنۇپ مۇسسۇن شامىلى ئەۋج ئالسا، نېل دەرياسىدا كەلكۈن مەزگىلى بولسا ، زامېزى دەرياسىدا ئېقىن ئۈزۈلۈپ قالسا ، بۇ - شىمالىي يېرىم شارنىڭ ياز پەسلى بولىدۇ، ئەكسىچە بولسا ، قىش پەسلى بولىدۇ.

دېڭىز-قۇرۇقلۇقىتىكى ھاۋا بېسىمىنىڭ جايلىشىش ئەھۋالىغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلىش 

ئوخشاش بىر كەڭلىكتە ، ياز پەسىلىدە ، قۇرۇقلۇقنىڭ ھاۋا تېمپۇراتۇرسى دېڭىز - ئوكياننىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ، ھاۋا يۇقىرى ئۆرلەپ تۆۋەن بېسىمنى شەكىللەندۈرىدۇ ؛ قىش پەسىلىدە ، قۇرۇقلۇقنىڭ ھاۋا تېپمۇراتۇرىسى تۆۋەن بولىدۇ، ھاۋا تۆۋەنگە ئولتۇرۇشۇپ يۇقىرى بېسىمنى شەكىللەندۈرىدۇ. ھاۋاي يۇقىرى بېسىمى ، ئازۇر يۇقىرى بېسىمى ۋە ئاسىيا تۆۋەن بېسىمى كۈچلۈك ئەۋج ئالغاندا ، شىمالىي يېرىم شارنىڭ ياز پەسلى بولىدۇ . ئاسىيا ( مۇڭغۇلىيە - سىبىرىيە ) يۇقىرى بېسىمى ، گرېنلاندىيە تۆۋەن بېسىمى ۋە ئالياسكا تۆۋەن بېسىمى كۈچلۈك ئەۋج ئالسا ، بۇ - شىمالىي يېرىم شارنىڭ قىش پەسلى بولىدۇ.

دېڭىز-قۇرۇقلۇقتىكى ئېزوتېرما سىزىقلىرىنىڭ ئىگىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلىش

دېڭىز - قۇرۇقلۇقنىڭ تېرمودىنامىكىلىق پەرقنىڭ تەسىرىدە ، دېڭىز - قۇرۇقلۇقتىكى ئىزوتېرما ( تەڭ تېمپۇراتۇرا ) سىزىقلىرىدا ئىگىلىش يۈز بېرىدۇ . يانۋاردا قۇرۇقلۇقتىكى ئىزوتېرما سىزىقلىرى جەنۇبقا قاراپ چوقچىيىپ چىقىدۇ ، دېڭىز - ئوكياندا شىمالغا قاراپ چوقچىيىپ چىقىدۇ. ئىيۇلدا دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ.

دەريالارنىڭ سۇ رايى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ھۆكۈم قىلىش

دەريالارنىڭ كەلكۈن مەزگىلى دەريالارنىڭ سۇ مەنبەسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. يامغۇر سۈيىنىڭ تولۇقلىشىنى ئاساس قىلىدىغان دەريالارنىڭ كەلكۈن مەزگىلى مەزكۇر دەريالارنىڭ ھەۋزىسىنىڭ « يامغۇر پەسلى » گە توغرا كېلىدۇ، مەسىلەن : جەنۇبىي يېرىم شاردىكى لاپلاتا دەرياسى ئاساسەن تىروپىك بەلباغ ئوتلاقلىرى ۋە سۇبتروپىك بەلۋاغ نەم رايونىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ ، زامبىزى دەرياسى تروپىك بەلۋاغ ئوتلاق ئىقلىم رايونىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ، كۆپ يامغۇرلۇق مەزگىلى بىلەن كەلكۈن مەزگىلى جەنۇبىي يېرىم شاردا ياز پەسلىگە ، شىمالىي يېرىم شاردا قىش پەسلىگە توغرا كېلىدۇ . نېل دەرياسىنىڭ سۈيى ئاساسەن شىمالىي يېرىم شارنىڭ تروپىك بەلۋاغ ئوتلاق ئىقلىم رايونىدىن كېلىدۇ. كەلكۈن مەزگىلى 6 - ئاي بىلەن 10 - ئاينىڭ ئارىلىقلىرىغا توغرا كېلىدۇ؛ تارىم دەرياسى ئېگىز تاغلاردىكى قار - مۇزلارنىڭ ئېرىگەن سۇلىرى ئارقىلىق تولۇقلىنىشنى ئاساس قىلىدۇ ، كەلكۈن مەزگىلى ياز پەسلىگە توغرا كېلىدۇ، قۇرغاق مەزگىلى قىش پەسلىگە توغرا كېلىدۇ . دۆلتىمىزنىڭ شەرقىي شىمال رايونىدىكى دەريالارنىڭ ئىككى كەلكۈن مەزگىلى بولىدۇ. ئالدىنقى كەلكۈن مەزگىلى _ ئەتىياز پەسىلى ( پەسىل خاراكتېرلىك قار - مۇزلارنىڭ ئېرىگەن سۇلىرى ئارقىلىق تولۇقلىنىدىغان ) ، كېيىنكى كەلكۈن مەزگىلى _ ياز پەسلى ( يامغۇر سۈيى ئارقىلىق تولۇقلىنىدىغان ) دىن ئىبارەت . دېمەك ، دەريالارنىڭ خاراكتېرىنى ، تولۇقلىنىش تىپىنى بىلۋالساقلا ، شۇ دەريانىڭ قايسى پەسلىدە تۇرغانلىقىغا توغرا ھۆكۈم قىلالايمىز.

ھاۋا بېسىم بەلۋېغى ۋە شامال بەلۋېغىنىڭ يۆتكىلىشىگە ئاساسەن ھۆكۈم قىلىش

يەر شارىدىكى ھاۋا بېسىم بەلۋاغلىرى ۋە شامال بەلۋاغلىرىنىڭ ئورنى قۇياش نۇرى تىك چۈشىدىغان نۇقتىنىڭ پەسللىك يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ يۆتكىلىپ تۇرىدۇ. شىمالىي يېرىم شارنى مىسالغا ئالساق ، ياز پەسىلدە شىمالغا يۆتكىلىدۇ، قىش پەسلىدە جەنۇبقا يۆتكىلىدۇ . ئوتتۇرا دېڭىز رايونى سوپتروپىك بەلۋاغ يۇقىرى بېسىم بەلۋېغىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۇچىرىغاندا ، ئېكىۋاتور تۆۋەن بېسىم بەلۋېغى ئېكۋاتورنىڭ شىمالىدا تۇرغاندا ، شىمالىي يېرىم شاردا ياز پەسلى بولىدۇ.

كېچە-كۈندۈزنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلىش

يەر شارىدىكى تۆت پەسلىنىڭ ئالمىشىشىغا ئەگىشىپ ، كېچە - كۈندۈزنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقىمۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. شىمالىي يېرىم شاردا كۈندۈز ئۇزۇن ، كېچە قىسقا بولغاندا ، شىمالىي قۇتۇپ ئەتىراپىدا قۇتۇپ كۈندۈزى كۆرۈلگەندە ، بۇ - شىمالىي يېرىم شارنىڭ يازلىق يېرىم يىلى بولىدۇ. يازلىق يېرىم يىلىدا كۈن سائەت 6 ( شۇ جاينىڭ يەرلىك ۋاقتى ) دىن بۇرۇن چىقىپ ، سائەت 18 دىن كېيىن پاتىدۇ، قىشلىق يېرىم يىلدا كۈن سائەت 5 دىن كېيىن چىقىپ ، سائەت 18 دىن بۇرۇن پاتىدۇ.

كۈن چىقىش ، كۈن پېتىش يۆلىنىشىگە ئاساسەن ھۆكۈم قىلىش 

قۇياش شەرقىي شىمالىدىن كۆتۈرۈلۈپ غەربىي شىمالىغا پاتسا ، شىمالىي يېرىم شارنىڭ يازلىق يېرىم يىلى بولىدۇ ؛ قۇياش شەرقىي جەنۇبتىن چىقىپ غەربىي جەنۇبقا پاتسا ، شىمالى يېرىم شارنىڭ قىلشىق يېرىم يىلى بولىدۇ.

ئۆسۈملۈك يېپىنچىلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە پەسىل قۇشلىرىنىڭ يۆتكىلىشىگە ئاساسەن ھۆكۈم قىلىش

ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشى ۋە ھايۋاناتلارنىڭ پائالىيتى پەسىل ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ . بىرازىلىيە ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمى ۋە شەرقىي ئافىرىقا ئېگىزلىكىدىكى دەل - دەرەخلەر سارغىيشقا باشلىغان بولسا ، بۇ جاي قىش پەسلىگە كىرگەن بولىدۇ ، ئالياسكىدىكى بۇغىلار شىمالىدىكى توندىرا بەلۋېغىغا قاراپ يۆتكەلگەن بولسا ، شىمالىي يېرىم شاردا ياز پەسلى بولىدۇ ؛ چىڭخەي كۆلىدىكى پەسىل قۇشلىرى 4- ئايدىن 6- ئايغىچە توپلىشىدۇ.

يېزا-ئىگىلىك ، ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىگە ئاساسەن ھۆكۈم قىلىش

يېزا ئىگىلىك ، ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرى پەسىل خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە . شىمالىي جوڭگۇ تۈزلەڭلىكىدە بۇغداي 6- ئاينىڭ بېشىدا يىغۋېلىنىدۇ، تېرىش ۋاقتى 9- ئاينىڭ ئاخىرى بولىدۇ ؛ ئاۋستىرالىينىڭ بۇغداي تېرىش ۋاقتى شىمالىي يېرىم شارنىڭ ئەتىياز پەسلىگە توغرا كېلىدۇ. چاڭجىياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى ئېدىرلىقلاردا ئەتىياز پەسلىدە يېڭى چاي يېغۋېلىندۇ ؛ جۇشەن بېلىقچلىق مەيدانىدىكى تاسما بېلىق كەلكۈنى قىش پەسلىدە ، سىياھ بېلىق كەلكۈنى ياز پەسلىدە يۈز بېرىدۇ.

مۇسسۇن ئايلانما ئېقىمىنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيتىگە ئاساسەن ھۆكۈم قىلىش 

شەرقىي ئاسىيادا ئاساسلىقى تروپىك بەلۋاغ ۋە مۆتىدىل بەلۋاغ مۇسسۇن ئىقلىمى بولۇپ ، شەرقىي جەنۇب مۇسسۇنى ئەۋج ئالسا ياز پەسلى ، غەربىي جەنۇب مۇسسۇنى ئەۋج ئالسا قىش پەسلى بولىدۇ. جەنۇبىي ئاسىيادا تروپىك بەلۋاغ مۇسسۇنى ئاساس بولۇپ ، غەربىي جەنۇب مۇسسۇنى ئەۋج ئالسا قىش پەسلى بولىدۇ . ئاۋستىرالىينىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدا غەربىي شىمال مۇسسۇنى ئەۋج ئالسا ، بۇ جاي ياز پەسىلىدە تۇرغان بولىدۇ، شىمالىي يېرىم شارنىڭ قىش پەسلى بولىدۇ ، شەرقىي جەنۇب مۇسسۇنى ئەۋج ئالسا ، بۇ جاي قىش پەسلىدە تۇرغان بولىدۇ، شىمالىي يېرىم شارنىڭ ياز پەسلى بولىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#