قاغا ئۇرۇقدىشى

قاغا ئۇرۇقدىشى قۇشلار سىنىپى، قاغا ئائىلىسىدىكى قۇشلار تۈرىگە تەۋە بۇلۇپ، جەمئىي 41 خىل تۈرى بار. ئۇ تۈرلەر ئىچىدىكى بەزىلىرى قۇشقاچسىمانلار ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ شەكىلى، ئادەتتە ئوتتۇرا ھال چوڭلۇقتابولىدۇ. كۈچلۈك پۇتى ۋە پۇت بارمىقى بار. ئاغزى قاتتىق ھەم بىر قەدەر يوغان، قۇيرۇقى ئادەتتە ئوتتۇرا ھال ئۇزۇن، ئەمما بەزىلىرنىڭ قىسقا ياكى سەل ئۇزۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپۈنگۈ قۇيرۇق. 

ئۇيغۇرچە نامى قاغا ئۇرۇقدىشى
ئىنگلىزچە نامى Ravens
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى قۇشقاچسىمانلار تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى قاغا ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 鸦属
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى قۇشلار سىنىپى
ئائىلىسى قاغا ئائىلىسى
تۈرى 41 خىل

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قاغا ئۇرۇقدىشى قۇشلار سىنىپى، قاغا ئائىلىسىدىكى قۇشلار تۈرىگە تەۋە بۇلۇپ، جەمئىي 41 خىل تۈرى بار. ئۇ تۈرلەر ئىچىدىكى بەزىلىرى قۇشقاچسىمانلار ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ شەكىلى، ئادەتتە ئوتتۇرا ھال چوڭلۇقتابولىدۇ. كۈچلۈك پۇتى ۋە پۇت بارمىقى بار. ئاغزى قاتتىق ھەم بىر قەدەر يوغان، قۇيرۇقى ئادەتتە ئوتتۇرا ھال ئۇزۇن، ئەمما بەزىلىرنىڭ قىسقا ياكى سەل ئۇزۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپۈنگۈ قۇيرۇق. قاغا ئۇرۇقدىشى تېنىنىڭ رەڭگى قارا، بەزىلىرنىڭ ئاق ۋە قارا رەڭ،يەنە بەزىلىرىنىڭ قارا ۋە كۈل رەڭ، يەنە بەزىلىرنىڭ چىرايلىق بىنەپشە رەڭ ۋە كۆك رەڭ يېشىل، ياكى كۈمۈش رەڭ پارقىراق بولىدۇ. 

قاغا ئۇرۇقدىشى جەمئىي 41 خىل، قاغا ئائىلىسى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ بىر ئۇرۇقداش ھېساپلىنىدۇ، شۇنداقلا قۇشقاچسىمانلار ئەترىتىدىكى قۇشلار ئىچىدە تېنى ئەڭ چوڭ بولغان بىر تۈر، تەن ئۇزۇنلۇقى 400 ~ 490 مىللىمېتىر؛ پەيلىرىنىڭ كۆپىنچىسى قارا ياكى قارا، ئاق رەڭ ئارىلاش بولىدۇ، قارا رەڭ پەيلىرىدە سۆسۈن كۆك رەڭ بولۇپ پارقىرايدۇ؛ قانات، قۇيرۇقلىرى ئۇزۇن؛ ئېغىز، پاچاق ۋە پۇتى ساپ قارا رەڭلىك بولىدۇ؛ پېشانىسى، بۇرۇن تۆشۈكى ئارىلىقى تەخمىنەن 1/3 قىسمىنى ئىگەلەيدۇ. تۇمشۇقى ئۇزۇن، بۇرۇن قىسمى قاتتىق ھەم تۈز، ئېغىزى ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان.

قاغا ئۇرۇقدىشى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى، يېڭى زېلاندىيە ۋە ئانتىراكتىكادىن باشقا، پۈتۈن دۇنياغا دېگۈدەك تارقالغان. 

قاغا ئۇرۇقدىشى ئورمان بويلىرىدا ياكى تىك يار ئەتراپىدا ياشايدۇ. ئاساسلىقى تۆۋەن تاغ، تۈزلەڭلىك ۋە تاغلىق رايونلاردا، كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمان، يىڭنە-كەڭ يوپۇرماقلىق ئارىلاشما ئورمان، يوپۇرماقلىق ئورمان، ئىككىلەمچى ئارىلاش ئورمان، بەرپا قىلىنغان ئورمان قاتارلىق ھەر خىل ئورمانلىقلاردا، بولۇپمۇ شالاڭ ئورمان ۋە ئورمان ياقىسى بەلبېغى  قاتارلىق جايلاردا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ. ئورمان ئارىسىدىكى يول بويى، ۋادى، دېڭىز قىرغىقى، ئېتىز، سازلىق ۋە چىملىق قاتارلىق جايلار، ھەتتا بەزىدە تاغ چوققىسىدىكى چاتقاللىق ۋە ئېگىز تاغ تۇندرا بەلۋېغى قاتارلىق جايلارغىمۇ يېتىپ بارىدۇ. لېكىن، قىش پەسلىدە پەس تاغلىق، ئېدىرلىق ۋە تاغ ئېتىكىدىكى تۈزلەڭلىك بەلۋېغى جايلىرىغا كۆپ چۈشىدۇ، دائىم ئېتىز-ئېرىق، كەنت قاتارلىق ئىنسانلارنىڭ تۇرۇشلۇق جايلىرى ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلىدۇ، بەزىدە يەنە بازار باغچىسى ۋە شەھەر قاتارلىق جايلارغىمۇ كىرۋالىدۇ. 

 كۆپىيىش مەزگىلىدە جۈپ-جۈپ ھەرىكەتلىنىدىغان بولۇپ، باشقا پەسىللەردە 3 تىن 5 بەشكىچە، ياكى 10 نەچچە توپ بولۇپ ياشايدۇ، بەزىدە ئارىلاش گۇرۇپپا بۇلۇپ پائالىيەت قىلىدۇ. بەزىدە نەچچە ئون ھەتتا نەچچە توپ بۇلۇپ پائالىيەت قىلىدۇ. كۆپ ۋاقىتلاردا دەرەخ ئۈستىدە ياكى يەردە، يەنە بەزى ۋاقىتلاردا ئېلېكتر تۈۋرۈكى ۋە ئۆگۈز قاتارلىق جايلاردا ياشايدۇ. پايانسىز كەتكەن دالىلاردا يېمەكلىكلەرنى كولاپ چوقۇپ يەيدۇ، توپلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، بەزى ئازساندىكى تۈرلىرىدىن باشقا تۈرلىرى دائىم توپلىشىپ ئۇۋا سالىدۇ، كۈز، قىش پەسىللىرىدە چارۋىلار لاغايلاپ يۈرىدۇ. ھەرىكىتى مۇرەككەپ بولۇپ، ئىپادىسى بىر قەدەر كۈچلۈك، ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرنى كۆپىنچە ۋاقىتلاردا توپ بۇلۇپ ئېلىپ بارىدۇ. قۇشلارنىڭ سايرىغان ئاۋازى ئاددىي، قوپال، ئوزۇقلۇق تاللىمايدۇ، تۈرلىرى كۆپ، سېسىق گۆش يېيىشكە ئامراق، لېكىن كۆپىيىش مەزگىلىدە ئاساسلىق قىلىپ كىچىك ئۇمۇرتقىلىق ھايۋانلار، سېرىق چېكەتكە، موزايبېشى، ئالتۇن تاشپاقا قېپى ۋە پەرۋانە لىچىنكىسى، ياخشى چىرىگەن يېمەكلىك ۋە يېزا–ئىگىلىك ئەخلەتلىرى چوقۇلاپ يەيدۇ، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، مۇھىتنى ساپلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

قاغا ئۇرۇقدىشى كۆپىيىش مەزگىلىدە كۈيلەش بىر قەدەر مۇرەككەپ، يەنە سېرك شەكىللىك ئۇچالايدۇ. ئەركىكى بىلەن چىشىسى بىللە ئۇۋا باسىدۇ. ئۇۋا داس شەكىللىك بولۇپ، يەنى شاخلار بىلەن لاي ئارقىلىق ئۇۋا ياسايدۇ، ھەربىر ئۇۋىغا 7 ~ 5 گىچە تۇخۇم باسىدۇ. تۇخۇم بېسىش مەزگىلى 16 كۈندىن 20 كۈنگىچە بولىدۇ. چۆجە قۇش كېچىكىپرەك يېتىلىدۇ، ئانا قۇش بىر ئاي باققاندىن كېيىن چاڭگىسىدىن چىقىپ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىدۇ. 

قاغا ئۇرۇقدىشى «دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى» 2012-يىلى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەر قىزىل تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن. [0] 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#