مىسۋاك

مىسۋاك ئۇيغۇرلارنىڭ چىشنى تازىلايدىغان خوما، ياڭاق، ئۆرۈك، ئالما قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ياغىچىدىن ياسىلىدىغان ئەنئەنىۋى چىش چوتكىسى.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مىسۋاك ئۇيغۇرلارنىڭ چىشنى تازىلايدىغان خوما، ياڭاق، ئۆرۈك، ئالما قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ياغىچىدىن ياسىلىدىغان ئەنئەنىۋى چىش چوتكىسى. ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئۆزىگە خاس تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈرلۈك شەكىللەردىن پايدىلىنىپ سالامەتلىكىنى ئاسىراشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن مىللەت. جۈملىدىن ئادەم بەدىنىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەزاسىنىڭ بىرى بولغان چىشنى ھەركۈنى تاماقتىن كېيىن مىسۋاك بىلەن تازىلاپ ئاسىراشقا ئادەتلىنىپ كەلگەن.

مىسۋاك بولسا، ئادەتتە ئۇزۇنلىقى 10-12 سانتىمېتىر، توملىقى كۆرسەتكۈچ بارماقنىڭ چوڭلىقىدەك قىلىپ خوما، ياڭاق، ئۆرۈك، ئالما قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ياغىچىدىن ياسىلىدىغان بولۇپ، ئىلگىرى ئۇيغۇر ئەرلىرى ئۇنىڭغا كىچىك غىلاپ تىكىپ، پىچاقنىڭ غىلىپىغا يانداپ بەلۋاغ (پۇتا) باغلاپ ئېسىۋېلىپ، ئاياللار بولسا، يانچۇقى ياكى بوقچىسىدىن ئايرىماي ساقلاپ ئىشلىتەتتى. ئەجداتلىرىمىز بۇرۇندىن تارتىپ مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە ھەر كۈنى چىشىنى چوتكىلاپ ئاسىراشقا ئادەتلەنگەچكە، كۆپىنچە ھاللاردا يېشى 70-80 دىن ئاشقان، ھەتتا 100 ياشقا كىرگەنلەرنىڭمۇ چىشى چۈشۈپ كەتمىگەن، تاماقلارنى ھەزىم قىلىشى ياخشى بولغاچقا ئاشقازان، ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىق تۈرلۈك كېسەللىكلەردىن خالىي بولۇپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولغان. ئەپسۇسكى، ھازىرقى زامان چىش چوتكىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ بۇ خىل ئەنئەنىۋى چىش چوتكىسى مىسۋاك ھازىر بارا-بارا مودىدىن قالماقتا.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#