بۇيا ئۇرۇقى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
غولىنىڭ سىرتقى يۈزى كۈلرەڭگە مايىل يېشىل رەڭلىك ياكى ساغۇچ يېشىل رەڭلىك، قورۇلۇپ كەتكەن بولىدۇ. يوپۇرمىقى قاتتىقراق بولىدۇ. پوستى قىسمى ساغۇچ يېشىل رەڭلىك، ئوتتۇرىسى سۇس سېرىق رەڭلىك.
ۈتۈن چـۆپى ۋە ئۇرۇقى ئالـكالوئـىـدلارنـى تۇتىدۇ. بۇنـىڭ ئىـچـىدە، سـىتىـزىـن (Sytisine )، سـوپـوكـارىـپـىن (Sophocarpine )، مـاتـرىـن (Matrine )، سوپورىدىن (Sophoridine) قاتارلىق ماددىلار بار.
1. ھەر خىل ئۆسمىلەرنى تومۇزلايدۇ، كلىنىكىدا كۈزەتكەندە، راك كېسەللىكىگە قارىتا ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى، بۇنىڭ يىلتىزىدىن ئوكۇل تەييارلاپ ئىشلەتكەندە ئەكس تەسىرى بولمايدۇ. 2. بۇيا قاينىتىلمىسىنىڭ يۆتەل توختىتىش، بەلغەم بوشىتىشتىكى ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى. 3. بۇيا مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى تورمۇزلاش رولىغا ئىگە. 4. باكتېرىيىگە قارشى تەسىرى بار. 5. تەجرىبىلەرگە قارىغاندا، بۇيا ئۇرۇقىنى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچسە،قاندىكى شېكەرماددىسىنى تۆۋەنلىتىپ، دىئابېت كېسىلىنى داۋالايدۇ.
1. مۇۋاپىق مىقداردىكى بۇيا ئۇرۇقىنى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچسە،قاندىكى شېكەر ماددىسىنى تۆۋەنلىتىپ، دىئابېت كېسىلىنى داۋالايدۇ.
2. بۇيا ئۇرۇقىدىن 100 گرامغا 1000 مىللىلىتىر سۇ قۇيۇپ، 500 مىللىلىتىر قالغۇچە قاينىتىپ قۇيۇلدۇرۇپ، ھەر قېتىم 30 مىللىلىتىردىن، كۈنىگە 4 ~ 3 قېتىم ئىچسە، ھەر خىل تولغاققا پايدا قىلىدۇ.
3. بۇيا ئۇرۇقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سوقۇپ تالقانلاپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى گۈل يېغى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ مەلھەم تەييارلاپ، ھۆل تەمرەتكە،جاھىل قوتۇرلارغا سۈرسە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۆتكۈر ھەم سوزۇلما خاراكتېرلىك تولغاق، ئۈچەي يالـلۇغـى، كانات يالـلۇغى، ھۆل تەمرەتكە، جاھىل قوتۇر قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
بۇيا ئۇرۇقى يالغۇز ئىشلىتىلىدۇ، ئاساسلىقى ئۈچەي ياللۇغى، باكتېرىيىلىك تولغاقلارغا ئۈنۈمى ياخشى، ھەر قېتىم ئىككى – ئۈچ تال ئىشلىتىلىدۇ، كۆپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، بولمىسا زەھەرلەپ قويىدۇ. زەھەرلىك تەسىرى كۆرۈلگەندە، ئالكالوئىد بىلەن زەھەرلەنگەنلەرنى قۇتقۇزۇش ئۇسۇلى بويىچە قۇتقۇزۇلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.