ئاسما كۆۋرۈك

ئاسما كۆۋرۈك

ئاسما كۆۋرۈك يەنە ئارقان(ئىككى نۇقتا ئارىسىغا تارتىلغان ئارقان) كۆۋرۈك دەپمۇ ئاتىلىدۇ . ئارقان ، ئاسما بىلەك، كۆۋرۈك مۇنارى ،ئانكىر (锚锭) ، لىم چىڭىتمىسى ، كۆۋرۈك يۈزى ماتېرىياللىرى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئاسما كۆۋرۈك
ئىنگلىزچە نامى suspension bridge
خەنزۇچە نامى 吊桥
پىنيىنچە يىزىلىشى diao qiao

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاسما كۆۋرۈكئاسما كۆۋرۈك خېلىلا ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدە بامبۇك، تال چىۋىقلاردىن توقۇپ ياسالغان ئاسما كۆۋرۈكلەر بار ئىدى. مىڭ سۇلالىسىگە كەلگەندە، ئېلىمىزدە تۆمۈر زەنجىردىن ياسالغان ئاسما كۆۋرۈكلەر بارلىققا كەلگەن. ئېلىمىزنىڭ غەربىي رايونىدىكى نىسبەتەن تار، چوڭقۇر جىلغا ۋە دەريا ئېقىنلىرىنىڭ ئۈستىدە بامبۇك، تال چىۋىقلاردىن توقۇپ ياسالغان ئاسما كۆۋرۈكلەرنى ھازىرمۇ كۆرگىلى بولىدۇ.

ئاسما كۆۋرۈك كۆۋرۈكنىڭ ئىككى بېشىغا مۇنار قوپۇرۇلۇپ، كۆۋرۈك گەۋدىسى خۇددى دادۇخې دەرياسىدىكى زەنجىر كۆۋرۈككە ئوخشاش ئىككى تال سىم ئارقانغا ئېسىپ ياسىلىدىغان كۆۋرۈكتۇر. ئارقانلار تەمبۈر تارىدىن سەل تومراق نەچچە مىڭ تال پولات سىمدىن ئېشىپ ياسىلىدۇ، بىر ئۇچىنى مۇنار كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، يەنە بىر ئۇچى قىرغاقتىكى چىڭ يەرگە مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ. 

ئاسما كۆۋرۈكنى ناھايىتى ئۇزۇن ياسىغىلى بولىدۇ.  ئاسما كۆۋرۈكنىڭ پۇختا بولۇشى ئۈچۈن، قۇرۇلۇش جەھەتتە بەزى ئالاھىدە قۇرۇلمىلار قوللىنىلىدۇ، ئاندىن كۆۋرۈك ھەرىكەتچان بىلەك ئارقىلىق ئارقانغا ئېسىلىدۇ.

ئاسما كۆۋرۈكھازىرقى ئاسما كۆۋرۈكلەر مۇنار تىرىكى، ئارقان، ئاسما بىلەك، لەڭگەر قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدۇ. دەسلەپكى مۇنار تىرىكى تاشتىن ياسىلاتتى، ھازىرقى مۇنار تىرىكى پولات-تۆمۈر ياكى پولات چىۋىقلىق بېتوندىن ياسالغان بولۇپ، مۇنارنىڭ ئاساسىي كۆۋرۈكىنىڭ ئاستىغا مۇقىملاشتۇرلغان بولىدۇ. ھازىرقى ئاسما كۆۋرۈكلەرنىڭ ئارقىنى يۇقىرى چىدامچانلىققا ئىگە بولغان پولات سىمدىن ياسىلىدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكىنىڭ سان فىرانسىسكو چوڭ چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ ئوزۇقىنىڭ 1280 مېتىر،  كۆۋرۈك ئۈستىدىكى ئادەم ۋە ماشىنىلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاساسەن ئىككى پولات ئارقان كۆتۈرىدۇ،پولات مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى 227 مېتىر بولۇپ، ئارقاننىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى تەخمىنەن 11 مىڭ توننا. بۇنداق ئېغىرلىقتىكى ئارقاننى توقۇپ چېقىلغاندىن كېيىن، 200 مېتىردىن ئارتۇق ئېگىزلىكتىكى بوشلۇققا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، ئەمما «بوشلۇقتا ئارقان توقۇش ئۇسۇلى» نى قوللىنىپ شۇ جايدىلا ياسالغاندا، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. توم، ئېغىر ئاسما تىرەك پولات مۇنارنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان بولۇپ، مۇقىم نۇقتىسى كۆۋرۈكنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى يەر يۈزىگە ئورنىتىلىدۇ. كۆۋرۈكنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تاغ جىنسى قاتلىمىدا ئورا ياكى تونېل قېزىلىپ ئارقاننى مۇقىملاشتۇرغۇچى زاپچاسلار-لەڭگەر قوزىقى قاتارلىق نەرسىلەر ئىچىگە بېتون بىلەن قاتۇرۇپ مۇستەھكەملىنىدۇ؛ ئەگەر كۆۋرۈكنىڭ ئىككى تەرىپىدە تاغ جىنسى قاتلىمى بولمىسا، غايەت زور چوڭلۇقتىكى بېتون ياسىلىپ، ئارقاننىڭ مۇقىملاشتۇرغۇچىسى قىلىنىدۇ.ھازىرقى ئاسما كۆۋرۈكلەر قاتناش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە ئىنتايىن چىرايلىق قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ.

يانتۇ تارتىلغان ئاسما كۆۋرۈكيانتۇ تارتىلغان كۆۋرۈك يانتۇ تارتىلغان ئاسما كۆۋرۈك دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئاساسەن كۆۋرۈك گەۋدىسى، پولات ئارقان ۋە كۆۋرۈك گۇندىسى ئۈستىدىكى مۇنار تىرىكىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ. كۆۋرۈك گەۋدىسىنى كۆۋرۈك گۇندىسى كۆتۈرۈپ تۇرغاندىن باشقا، يەنە پولات ئارقان تارتىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، كۆۋرۈكتە ماشىنا ماڭغاندا، ئۇنىڭ كۆۋرۈككە چۈشۈرىدىغان بېسىمى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ. پولات ئارقاننىڭ مۆلچەردىكى تارتىش كۈچىنى تەڭشەش ئارقىلىق، كۆۋرۈككە چۈشىدىغان بېسىمنى تارقاقلاشتۇرغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۆۋرۈكنىڭ ئېگىزلىكىنى تۆۋەنلەتكىلى، كۆۋرۈكنىڭ ئۆز ئېغىرلىقىنى كېمەيتكىلى بولىدۇ.

يانتۇ تارتىلغان كۆۋرۈكنىڭ يۇقىرىغا تارتىلغان قىيپاش ئارقانلىرى نۇر چېچىلىش(رادىئاتسىيە) شەكىللىك، يەلپۈگۈچ شەكىللىك، چىلتار(خارپ) شەكىللىك، يۇلتۇز شەكىللىك قاتارلىق ھەر خىل شەكىللەردە بولىدۇ. 

 2 -دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، گېرمانىيە ئۇرۇشتا ۋەيران بولغان نۇرغۇن كۆۋرۈكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، بىرقەدەر ئاددىي ۋە تېجەشلىك كۆۋرۈك شەكلىگە ئېھتىياجلىق بولۇپ، ئاسما كۆۋرۈك ئاساسىدا يېڭى شەكىلدىكى يانتۇ تارتىلغان كۆۋرۈكنى راۋاجلاندۇردى. 

تۇنجى يانتۇ تارتىلغان كۆۋرۈك

تۇنجى يانتۇ تارتىلغان كۆۋرۈك گېرمانىيىلىكلەر لايىھىلىگەن شۋېتسىيە ستروم دېڭىز بوغۇزى كۆۋرۈكىدۇر، كۆۋرۈكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 26.18 مېتىر. ئېلىمىز 1993-يىلى شاڭخەيدە ئالدىن كۈچىنىشچان قۇرۇلمىلىق ياڭفۇ كۆۋرۈكىنى سالدى، كۆۋرۈكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 602 مېتىر بولۇپ، دۇنيادا ئەڭ ئۇزۇن يانتۇ تارتىلغان كۆۋرۈكلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

جالانتۇن ئاسما كۆۋرۈكى

جالانتۇن ئاسما كۆۋرۈكىجالانتۇن ئاسما كۆۋرۈكى (扎兰屯吊桥)، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 68 مىڭ گېكتار،1905 - يىلى قۇرۇلۇشقا باشلىغان . ئىچكى موڭغۇلنىڭ خۇلۇنبېي شەھىرى جالەندۈن شەھەر رايونىنىڭ شىمالىي (内蒙古呼伦贝市扎兰屯市区北部绿树浓荫之中) قىسمىغا جايلاشقان .[1]

لوندون ئاسما كۆۋرۈكى

لوندون ئاسما كۆۋرۈكىلوندون ئاسما كۆۋرۈكى (伦敦塔桥) ، ئىنگلىزچە نامى : Tower Bridge  ، جۇغراپىيەلىك كوئوردېناتى : 51°30'18''N,0°04'32''W ، ياسىغان ۋاقتى : 1886- يىلى ، 1894- يىلى پۈتۈپ قاتناش مېڭىشقا باشلىغان . [1]

 

تاكوما دېڭىز بوغۇزى ئاسما كۆۋرۈكى

تاكومان دېڭىز بوغۇزى ئاسما كۆۋرۈكتاكومان دېڭىز بوغۇزى ئاسما كۆۋرۈك (塔科马海峡吊桥) ، ئىنگلىزچە نامى : TacomaNarrowsBridge ، جايلاشقان ئورنى : ئامېرىكا ۋاشنگتون ئىشتاتىنىڭ تاكوما (美国华盛顿州塔塔科马) .[1]

نېي ۋەن ئاسما كۆۋرۈكى

نېي ۋەن ئاسما كۆۋرۈكىنېي ۋەن ئاسما كۆۋرۈكى (内湾吊桥) ، ئاسما كۆۋرۈكنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 147 مېتىر ، كەڭلىكى تەخمىنەن 2.6 مېتىر بولۇپ ، ئادەم ۋە  قاتناش يۈرۈشكە بولىدۇ .[1]

جيۇخۇاشەن ئاسما كۆۋرۈكى

جيۇخۇاشەن ئاسما كۆۋرۈكىجيۇخۇاشەن ئاسما كۆۋرۈكى (九华山吊桥) ، جيۇخۇاشەن تېغى ئاسما كۆۋرۈكى بولسا بەن شەن  (半山)ئىبادەتخانىسىنىڭ كونا ئاتىلىشى . « مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى » دا كۆيۈپ كەتكەن .[1]

يۇڭشىڭ ئاسما كۆۋرۈكى

يۇڭشىڭ ئاسما كۆۋرۈكى (永兴吊桥) ، ئاسما كۆۋرۈك دەسلەپتە تۆمۈر سىم ۋە ياغاچتىن ياسالغان . 

ما خەي لى ئاسما كۆۋرۈكى

ما خەي لى ئاسما كۆۋرۈكىما خەي لى ئاسما كۆۋرۈكى (马海丽吊桥) ، كۆۋرۈكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 80 مېتىردىن ئاشىدۇ .

......

قاتارلىقلار بار .




ئاسما كۆۋرۈك بىلەن يانتۇ تارتىلغان كۆۋرۈكتە تىرەن سۇ ئاستىغا كۆۋرۈك گۇندىسى قوپۇرۇش قىيىنچىلىقى بولمايدۇ. ئاسما كۆۋرۈككە قارىغاندا، يانتۇ تارتىلغان كۆۋرۈكنىڭ ھالقىش ئىقتىدارى چوڭ، شامال ۋە سىلكىنىشكە قارشى مۇقىملىقى ياخشى، قۇرۇلۇش ئېگىزلىكى تۆۋەن، ئىش ۋە ماتېرىيال تېجەشلىك، پۈتۈش تەننەرخى تۆۋەن بولۇپ، ھازىرقى زاماندىكى ھالقىش ئارىلىقى چوڭ كۆۋرۈكلەرنىڭ مۇھىم قۇرۇلما شەكلى ھېسابلىنىدۇ. يانتۇ تارتىلغان كۆۋرۈكلەرنى ئاسما بىلەكلەرنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن سالسا، قاتناشقا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. شۇڭا ئۇ دەريا ئېغىزى، چوڭقۇر جىلغا ۋە دېڭىز بوغۇزلىرىغا سالسا بولىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك كۆۋرۈك ھېسابلىنىدۇ.










[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ما خەي لى ئاسما كۆۋرۈكى 

http://baike.baidu.com/item/%E5%90%8A%E6%A1%A5/2479526

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

2.

ما خەي لى ئاسما كۆۋرۈكى

http://baike.baidu.com/item/%E5%90%8A%E6%A1%A5/2479526

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#