پىرلۇئىجى كېلىنا

كېلىنا

پىرلۇئىجى كېلىنا 1960-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى ئىتالىيە دە تۇغۇلغان،بوي ئىگىزلىكى 188 سانتىمىتېر، بەدەن ئېغىرلىقى 74 كىلوگرام، قائىدە-قانۇن ئىجرا قىلىدىغان ئىتالىيە پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رېپىرى بۇلۇپ، ئىتالىيە تىلى، ئىسپانىيە تىلى،فرانسىيە تىلى، ئېنگىلىز تىلى قاتارلىق كۆپ تىللارنى بىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى پىرلۇئىجى كېلىنا
باشقا نامى Pierluigi Collina
يۇرتى بولونىيە (ئىتالىيە)
بوي ئېگىزلىكى 188 سانتىمېتىر
كەسپى پۇتبول رېپىرى
خەنزۇچە ئىسمى 皮埃路易吉•科利纳
دۆلەت تەۋەلىكى ئىتالىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1960-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى
بەدەن ئېغىرلىقى 75 كىلوگىرام
تەنھەرىكەت تۈرى پۇتبول

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پىرلۇئىجى كېلىنا 1960-يىلى ئىتالىيە دە تۇغۇلغان بۇلۇپ، ئاتىسى مەمۇرى خادىم، ئانىسى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى. 1984-يىلى ئۇ بولونىيە ئۇنۋىرسىتىتى سودا-ئىقتىساد ئىنىستوتىنىڭ باكىلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن، 1991 يىلىدىن باشلاپ لومادىكى بانكىدا پۇل-مۇئامىلە مەسلەھەتچىلىك خىزمىتىنى قىلغان، شۇ ۋاقىتلاردا ئۆز ئائىلىسىنى قۇرغان، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتتا تېرىنېرلىق قىلىپ، پۇتبول تېرنېرىغا ئايلانغان، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ قىزىقىشى پۇتبول ئەمەس، ئەكسىنچە ۋاسكىتبول بۇلۇپ، بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى قىزىقارلىق ھىس قىلدۇرىدۇ، ئۇ بولونىيە ۋاسكىتبول ئەترىتىنىڭ سادىق توپ مەستانىسى.

پىرلۇئىجى كېلىنانىڭ بالىلىق ۋاقىتلىرى ئىتالىيە باللىرىغا ئوخشاش بۇلۇپ،بالىلىق ئەسلىمىلىرى پۇتبول ۋە توپ مەيدانىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئۇ ئەينى ۋاقىتىتا ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىكى توپ ئەترىتى Don Orione توپ ئەترىتىگە كىرگەن، ئەپسۇسنارلىقى كۆپىنچە ۋاقىتلاردا پەقەت ئورنىغا ئالماشتۇرىدىغان توپچى بولغان، 15 ياش ۋاقتىغا كەلگەندە Pallavicini توپ ئەترىتىگە كىرىپ ئوتتۇرا ۋە ئارقا تەرەپنى قوغداشتا ئىككى پەسىللىك مۇسابىقىدە ئۇزۇن مەزگىل ۋەزىپە ئۆتىگەن، ئەمما ئۇ دائىم قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلىق سەۋەبىدىن تېرنېر ئۇنى ئالماشتۇرۋەتكەن، توپچىلىق ھاياتى كۈڭۈلدىكىدەك بولمىغان، 17 ياش ۋاقتىدا كېلىنانىڭ يارلىنىش تەسىرىدىن توپ مەيدانىدا باش كۆتىرىش پۇرسىتى بولمىغان، شۇنىڭ بىلەن تېرنېر ئۇنى مەشىق مەيدانىدا رېپىرلىق خىزمىتىنى قىلىشنى تەلەپ قىلغان، مەيداندىكى مۇسابىقە ئەزاسى Fausto Capuano كېلىنانىڭ ناھايىتى ياخشى بولغان قائىدە-قانۇننى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلىپ، ئۇنىڭغا رېپىرلىق مەشىق سىنىپىغا كىرىپ تەربىيلىنىش تەكلىپىنى بەرگەن، كېلىنا مۇشۇنداق قىلىپ رېپىرلىق يولىغا ماڭغان.

كېلىنا رېپىرلىق مەشىق دەرىسلىرىنى تاماملىغاندىن كىيىن، رەسمى ھالدا رېپىرغا ئايلانغان، قىسقىغىنە ئۈچ يىل ئىچىدە ئاشۇ رايۇندىكى ئەڭ ياخشى رېپىرغا ئايلانغان، ئىتالىيە باش ئەتىرىتى ئۇنى مۇھىم مۇسابىقىگە رېپىرلىق قىلىدىغانغا ئىزدىگەن، كېلىنانىڭ رېپىرلىق ھاياتىدا كىرزىسلارمۇ كۆرۈلگەن، دەسلىپىدە رېپىر بولغاندا سەرىپ قىلغان ۋاقىت كۆپ، مۇئاشى ھازىرقى رېپىرلارنىڭ مائاشىدەك يۇقىرى ئەمەس، شۇڭلاشقا ئۇ ئىقتىسادى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان، شۇنداق بولسىمۇ ئۇ چىشىنى چىشلەپ داۋاملىق ئالدىغا قاراپ ماڭغان، 1983-يىلى كېلىنا ئىتالىيەنىڭ ئىشتىن سىرت مۇسابىقىلىرىدە قائىدە-قانۇنلارنى  يۈرگۈزۈش خىزمىتىنى قىلغان. بەش يىل ئارىسىدا ئۇ ئىتالىيە بىڭ 1  كوماندىسى بىلەن ئىتالىيە بىڭ 2 كوماندىسى نىڭ رېپىرى بولغان. تېخىمۇ ئىلگىرلەش ئۈچۈن، ئۇ يەنە بىر قېتىم رېپىر تەربىيىلەش دەرىسلىكىنى قۇبۇل قىلىپ، ئىتالىيە يى  كوماندىسى بىلەن ئىتالىيە جىيا كوماندىسىنىڭ رېپىرلىق خىزمىتىگە تەييارلىق قىلغان. دەرىسنى تاماملاپ، ئۇ پەقەت يى گورۇپپىغا بەش مەيدان رېپىرلىق قىلىپ، كىيىن ئىتالىيە جىيا كوماندىسىغا رېپىرلىق قىلىشغا ئۆستۈرۈلگەن، ئىتالىيە جىيا كوماندىسى بولسا چوڭ بىر سەھنە بۇلۇپ، ئۇ تۇنجى قېتىم رېپىرلىق قىلغان ئىتالىيە جىيا كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسى بولسا ۋېرونا باش مەيدانىنىڭ ئاكسولىغا جەڭ قىلىشى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#