گانا خەلقئارا كىنو فېستىۋالى
گانا خەلقئارالىق كىنو-فىلىم بايرىمى (Cannes International Film Festival) يەنە كەنجۇت شەھىرى خەلقئارالىق كىنو-فىلىم بايرىمى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، فرانسىيەنىڭ گانا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ بايرام 1939-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى ئەڭ تەسىر كۈچگە ئىگە، ئەڭ يۇقىرى ئورۇندىكى خەلقئارالىق كىنو-فىلىم بايرىمىدۇر.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
گانا خەلقئارالىق كىنو-فىلىم بايرىمى (Cannes International Film Festival) يەنە كەنجۇت شەھىرى خەلقئارالىق كىنو-فىلىم بايرىمى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، فرانسىيەنىڭ گانا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ بايرام 1939-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى ئەڭ تەسىر كۈچگە ئىگە، ئەڭ يۇقىرى ئورۇندىكى خەلقئارالىق كىنو-فىلىم بايرىمىدۇر.
بۇ بايرام ۋېنتسىيە خەلقئارالىق كىنو-فىلىم بايرىمى، بېرلىن خەلقئارالىق كىنو-فىلىم بايرىمى بىلەن بىرلىكتە ياۋروپادىكى ئۈچ چوڭ خەلقئارالىق كىنو-فىلىم بايرىمى دەپ ئاتىلىدۇ، ئەڭ ئالىي مۇكاپاتى «ئالتۇن پالما مۇكاپاتى» دۇر. نۆۋەتتىكى گانا كىنو-فىلىم بايرىمى ھەر يىلى 5-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ، مۇددىتى 12 كۈن ئەتراپىدا، ئادەتتە چارشەنبە كۈنى باشلىنىپ، كېلەر ھەپتىنىڭ يەكشەنبە كۈنىدە ئاخىرلىشىدۇ. بۇ مەزگىلدە كىنو-فىلىم رىقابىتىدىن باشقا يەنە، بازار كۆرىكى تەڭلا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بايرام ئالتە بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ ئۇلار، «رەسمىي رىقابەت»، «رېژىسسورلار قوش ھەپتىلىكى»، «بىر تۈرلۈك نەزەر»، «فىلىم تەقرىزچىسى ھەپتىلىكى»، «فرانسىيە كىنو-فىلىمى يېڭى قىياپىتى»، ۋە «يىغىلىش سىرتىدىكى بازار كۆرىكى» قاتارلىقلاردۇر.
گانا خەلقئارالىق كىنو-فىلىم بايرىمى يەنە يەنە كەنجۇت شەھىرى خەلقئارالىق كىنو-فىلىم بايرىمى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ مۇھىم كىنو-فىلىم بايراملارنىڭ بىرى. 1939-يىلى فرانسىيە ئەينى ۋاقىتتىكى ئىتالىيە فاشىستلىرىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۇچرىغان ۋېنتسىيە خەلقئارالىق كىنو-فىلىم بايرىمىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، فرانسىيە ئۆز ئالدىغا خەلقئارالىق كىنو-فىلىم بايرىمى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا تەييارلىق خىزمەتلىرى بىر مەزگىل توختاپ قالغان. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 1946-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى فرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى گانادا تۇنجى قېتىملىق كىنو-فىلىم بايرىمى ئۆتكۈزۈلگەن. تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، 1948-يىلى ۋە 1950-يىلى توختىتىپ قويۇلغان، 1968-يىلى ئوتتۇرىدا توختىتىپ قويۇلغاندىن باشقا، ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنىۋاتىدۇ، مۇددىتى ئىككى ھەپتە ئەتراپىدا. ئەسلىدە ھەر يىلى 9-ئايدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنىۋاتقان بولۇپ، 1951-يىلىدىن باشلاپ، ۋېنتسىيە كىنو-فىلىم بايرىمىدىن بالدۇر ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، 5-ئايدا ئۆتكۈزۈلۈشكە ئۆزگەرتىلگەن. 1956-يىلى ئەڭ ئالىي مۇكاپات «ئالتۇن ئۆردەك مۇكاپاتى» بولۇپ، 1957-يىلى «ئالتۇن پالما مۇكاپات» غا ئۆزگەرتىلگەن. ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئەڭ نادىر ھېكايە فىلىم، ھۆججەتلىك فىلىم، ئىلمىي تەربىيىۋى فىلىم، سەنئەتلىك فىلىم قاتارلىقلارغا بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يىللاردىن بۇيان ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ مۇھەببەت پسىخىكا فىلىمى، تەۋەككۈلچىلىك فىلىملىرى، مۇزىكا فىلىمى، بىئوگرافىيە فىلىمى، تاماشا فىلىمى، تۇنجى ئەسەر، رېژىسسور، ئەر-ئايال رولچى، سىنارىست، فوتوگرافىيە، مونتاژ قاتارلىق مۇكاپاتلار تارقىتىلغان.
بايرام ئالتە بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ ئۇلار، «رەسمىي رىقابەت»، «رېژىسسورلار قوش ھەپتىلىكى»، «بىر تۈرلۈك نەزەر»، «فىلىم تەقرىزچىسى ھەپتىلىكى»، «فرانسىيە كىنو-فىلىمى يېڭى قىياپىتى»، ۋە «يىغىلىش سىرتىدىكى بازار كۆرىكى» قاتارلىقلاردۇر. ئىككى گۇرۇپپا باھالاش ھەيئىتى ئەزالىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۇزۇن فىلىم ۋە كالتە فىلىملەرنى باھالايدۇ، «رەسمىي رىقابەت» قىسمى ھەرقايسى دۆلەت كىنو-فىلىم مەدەنىيەت ساھەسىدىكى كىشىلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، نامزاتلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك داڭلىق رېژىسسور، رولچى، سىنارىست كىنو-فىلىم تەقرىزچىلىرى، مۇزىكا ئىشلىگۈچىلەر قاتارلىقلاردۇر، ھەمدە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەن رەئىسلىكنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. رىقابەت بولمىغان قىسمىدا يېڭى كىشىلەرنى تاللاش ئاساس قىلىنىدىغان بولۇپ، ئىچىدىكى «رېژىسسورلار قوش ھەپتىلىكى» ھەمدە «بىر تۈرلۈك نەزەر» بۆلىكىدە ئاز بولمىغان يوشۇرۇن كۈچى بار ياكى نەتىجىسى بار بولغان رېژىسسورلار قېزىپ چىقىرىلىدۇ.
ئالتۇن پالما مۇكاپاتى، باھالاش ئۆمىكى مۇكاپاتى، ئەڭ نادىر رېژىسسور مۇكاپاتى، ئەڭ نادىر سېنارىيە مۇكاپاتى، ئەڭ نادىر ئەر-ئايال رولچى مۇكاپاتى، بىر تۈرلۈك نەزەر مۇكاپاتى، كىنو-فىلىم فوندى مۇكاپاتى قاتارلىقلار بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.