ۋاسكېتبول

ۋاسكېتبول

ۋاسكېتبول ھەرىكىتى1891-يىلى باشلانغان بولۇپ، ئامېرىكا ئوقۇتقۇچىسى نېيىشمىس ئىجاد قىلغان. شۇ يىلى قىشتا نېيىشمىس سوغۇق كۈنلەردىمۇ ئوقۇغۇچىلارنى پايدىلىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللاندۇرۇش مەقسىتىدە، ئىككى سېۋەتنى بەدەن چېنىقتۇرۇش زالىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تامغا مىخلاپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، سېۋەتكە توپ تاشلاتقۇزغان ھەمدە چۈشۈرگەن توپنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بويىچە يېڭىش-يېڭىلىشنى بەلگىلىگەن. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ۋاسكېتبول
باشقا نامى basketball
خەنزۇچە ئىسمى 篮球

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋاسكېتبولۋاسكېتبول ھەرىكىتى 1891-يىلى باشلانغان بولۇپ، ئامېرىكا ئوقۇتقۇچىسى نېيىشمىس ئىجاد قىلغان. شۇ يىلى قىشتا نېيىشمىس سوغۇق كۈنلەردىمۇ ئوقۇغۇچىلارنى پايدىلىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللاندۇرۇش مەقسىتىدە، ئىككى سېۋەتنى بەدەن چېنىقتۇرۇش زالىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تامغا مىخلاپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، سېۋەتكە توپ تاشلاتقۇزغان ھەمدە چۈشۈرگەن توپنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بويىچە يېڭىش-يېڭىلىشنى بەلگىلىگەن. ئويلىمىغان يەردىن بۇ ئويۇن قىزغىن قارشى ئېلىنىپ، بىرقانچە ئۆزگەرتىشلەردىن كېيىن دۇنيادا كەڭ تارقالغان ۋە ۋاسكېتبول ھەرىكىتىگە ئايلانغان. 

ۋاسكېتبول ھەرىكىتى پەيدا بولغان چاغدا مۇسابىقە قائىدىسى بولمىغان. مەيدانغا چىقىدىغان ئادەم سانىمۇ چەكلەنمىگەن، ۋاقىتتىمۇ كونكرېت بەلگىلىمە بولمىغان. پەقەتلا قايسى تەرەپ بەلگىلەنگەن نومۇرغا ئاۋۋال يەتكەن بولسا شۇ تەرەپ غەلىبە قىلغان. 1892-يىلى توپ تالىشىشتىكى قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى چەكلەش ئۈچۈن، 13 ماددىلىق ئاددىي قائىدە تۈزۈلگەن. كېيىنكى بىر ئەسىر ئىچىدە 15 قېتىمدىن ئارتۇق چوڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىسىدا، بۈگۈنكى ۋاسكېتبول قائىدىسى شەكىللەنگەن. 1896 -يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ۋاسكېتبول ئويۇن كۆرسىتىش تۈرى قىلىنغان. 1932-يىلى خەلقئارا ئىشتىن سىرتقى ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى قۇرۇلغان. نۆۋەتتە بۇ ۋاسكېتبول بىرلەشمىسىگە 150 تىن ئارتۇق دۆلەت ئەزا بولدى. ستاتىستىكىلاشقا ئاساسلانغاندا، 154 دۆلەت ۋە رايوندا تەخمىنەن 140 مىليون ۋاسكېتبول تەنھەرىكەتچىسى بار ئىكەن. 

ۋاسكېتبولبۈگۈنكى دۇنيادا ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قىتئەلىرى ۋاسكېتبول ھەرىكىتىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئېلىمىز ئەرلەر كوماندىسىنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىسى دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە توققۇزىنچى بولغانلىقى. ئاياللار كوماندىسى 1992-يىلى بارسېلونا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن. 

ئۆسمۈر-بالىلار ئارىسىدا ۋاسكېتبول ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ماسلىشىش ئۈچۈن، ئېلىمىز 50-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ بىر قىسىم شەھەرلەردە كىچىك ۋاسكېتبول ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان. كىچىك ۋاسكېتبولنىڭ مەيدانى، توپى، گار چەمبىرى چوڭلارنىڭكىدىن كىچىك، يەڭگىل، پاكار بولىدۇ. كىچىك ۋاسكېتبول  1948-يىلىدىن باشلاپ خەلقئارادا گۈللەنگەن. ھازىر مۇناسىپ تۈردىكى مۇسابىقە قائىدىسى ۋە دۇنياۋى مۇسابىقىلىرى بار. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    66.7%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    33.3%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#