كارىز

بوستانلىقنىڭ قان تومۇرى __ كارىز دېھقانلار ئىجاد قىلغان يەر ئاستى سۈيىنى پايدىلىنىش قۇرۇلمىسى، يەنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە يۆنەلگەن بىر تۈز سىزىق ئۈستىدە كولانغان ۋە ئاستى بەلگىلىك ئۆلچەمدە بىر–بىرىگە تەشمىلەر ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلغان قۇدۇقلار. ھەممە قۇدۇقلارنىڭ سۈيى يىغىلغاندا ئايىغىدا يەر ئۈستىگە ئېقىپ چىقىدۇ. بۇ ئاساسەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۇرپان ۋىلايىتىدە كەڭ ئومۇملاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى كارىز
چەتئەلچە نامى Karez
خەنزۇچە نامى 坎儿井
جايلاشقان ئورنى شىنجاڭ تۇرپان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كارىزشىنجاڭ تۇرپان شەھىرى دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ ئىسسىق جاي، شۇنداقلا مەملىكىتىمىز قۇرۇقلۇقىدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ تۆۋەن رايون. سەددىچىن سېپىلى، چوڭ قانال بىلەن بىرلىكتە «جۇڭگو قەدىمىي قۇرۇلۇش تارىخىدىكى ئۈچ چوڭ قۇرۇلۇش» دەپ ئاتالغان يەر ئاستى سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشى ــ كارىز بۇ مۇنبەت بوستانلىقنىڭ تېگىدە سوزۇلۇپ ياتىدۇ. كارىزلاردا ئېقىۋاتقان زۇمرەتتەك سۇلار بۇ مۇنبەت زېمىننى باقىدۇ ۋە ئەۋلادمۇ ئەۋلاد بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلقنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرىدۇ.

كارىزكارىز دۆلىتىمىزدە شىنجاڭنىڭ تۇرپان ۋىلايىتىگە مەركەزلەشكەن، ئۇنىڭ بارلىققا كېلىش تارىخىنى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ئۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدىكى ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرىدۇر. قەدىمكى زاماندىكى كارىزلار بىر قانچە تىك قۇدۇق، يېپىق ئۆستەڭ، ئوچۇق ئۆستەڭ ۋە «لاي توغان» دىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، يەرلىكتىكى پۇقرالار يانتۇلۇقلاردىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ، تىك قۇدۇقلارنى قېزىپ، يېپىق ئۆستەڭ ياسىغان، تاغ باغرىلىرىدىكى تاقىر ئېدىر-سايلىقلاردا، سۇ ئاۋۋال يېپىق ئۆستەڭ ئارقىلىق بوستانلىقلارغا يېتىپ بېرىپ، ئاندىن ئوچۇق ئۆستەڭگە قۇيۇلۇپ، پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى ۋە ئېتىز-ئېرىقلارنى مول سۇ بايلىقى بىلەن تەمىنلىگەن. يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى20 مىللىمېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان تۇرپان ئويمانلىقىدا يەرلىك ئامما ھەر يىلى قىشتىكى دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ كارىزنىڭ لايلىرىنى تارتىپ، كېلەر يىلدىكى سۇغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

كارىزيىپەك يولىدىكى ئانچە كۆپ بولمىغان ھازىرمۇ ئىشلىتىلىۋاتقان «تىرىك مەدەنىيەت مىراسى» ــ كارىز ھازىرغا قەدەر ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە، شۇنداقلا غايەت زور كىرىزىسقا دۇچ كەلمەكتە. 2009-يىلى 3-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغاندا، تۇرپان ۋىلايىتىدىكى 1108 كارىزدىن پەقەت 278 ىدىلا سۇ قالغانلىقى مەلۇم بولغان. بۇ «يەر ئاستى سەددىچىن سېپىلى» نى قوغداش ئۈچۈن 2009-يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ قوللىشى ئاستىدا شىنجاڭ كارىزلارنى رېمونت قىلىش قۇرۇلۇشى ئالدى بىلەن تۇرپان ۋىلايىتىدە باشلاندى. ھازىرغا قەدەر، تۇرپان ۋىلايىتىدىكى كارىزلارنى قوغداش-مۇستەھكەملەش قۇرۇلۇشى جەمئىي تۆت قارار تاماملاندى، 45 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، 108 كارىز، 18 كىلومېتىر يېپىق ئۆستەڭ رېمونت قىلىنىپ مۇستەھكەملەندى، 600 كىلومېتىر ئۆستەڭنىڭ لاي-لاتقىسى تازىلاندى، 10 مىڭدىن ئارتۇق قۇدۇق ئاغزى مۇستەھكەملەندى، خارابىلىكلەرنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ياخشى ساقلاپ قېلىندى، كارىزلارنىڭ يوقىلىش سۈرئىتى ئەڭ زور چەكتە كونترول قىلىنىپ، ئۇلارنى ئۈنۈملۈك ساقلاپ قېلىشقا كاپالەتلىك قىلىندى. نۆۋەتتە، تۇرپان زېمىنىدا تەك ئېچىش (قىشتا توپىغا كۆمۈلگەن ئۈزۈم تاللىرىنى باھاردا قايتىدىن توپىدىن چىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ) خىزمىتى ئەمدىلا ئاياغلاشقان بولۇپ، يەنە بىر قانچە ئايدىن كېيىن بۇ كەڭ زېمىن يەنە بىر قېتىم يېشىللىققا پۈركەنگەندە قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە تولغان كارىزلاردىن شىلدىرلاپ ئېقىپ چىققان ھاياتلىق چەشمىلىرى ئۈزۈمزارلىقلارغا «قان بېرىدۇ». «ئاتەش ماكان» نىڭ تۆت پەسلىدە كارىزلار ئۆزىنىڭ سۈزۈك، تاتلىق سۇلىرى بىلەن بۇ زېمىننى باقىدۇ، بۇ زېمىندىكى جان-جانىۋارلارنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرىدۇ. 

شىنجاڭ ئۇيغۇر تىلى

شىنجاڭ ئۇيغۇر تىلىدا «كارىز»  دەپ ئاتىلىدۇ.

ئىران پارس تىلى

ئىران پارس تىلىدا «كاناز» دەپ ئاتىلىدۇ . 

شىنجاڭ خەنزۇتىلى تىلى

جۇڭگو شىنجاڭ خەنزۇ تىلىدا «كارىز قۇدۇقى» يەنى قىسقارتىلىپ «كارىز» دەپ ئاتالغان.

ئىچكى ئۆلكىلەر

جۇڭگونىڭھەر قايسى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئاتىلىشى ئوخشاش ئەمەس. مەسىلەن ، شەنشىدە « قۇدۇق-ئۆستەڭ» دەپ ئاتىلىدۇ. سەنشى ئۆلكىسىدە «سۇ كوچىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. گەنسۇدا « يۈز كۆزلۈك قۇدۇق» دەپ ئاتىلىدۇ ، يەنە بەزى جايلار «يەر ئاستى ئېرىق» دەپ ئاتىلىدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#