قارىياغاچ

قارىياغاچ

قارىياغاچ يەنە ئاق قارىياغاچ، ئۆي قارىياغىچى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قارىياغاچ ئائىلىسىگە كىرىدىغان، يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. 25 مېتىرغىچە ئېگىز ئۆسەلەيدۇ. غولى تىك، دەرەخ باراقسىنى يوغان. يوپۇرمىقى ئېللىپس شەكىللىك، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، يوپۇرمىقىنىڭ تۈۋى قىسمى قىيپاش.

ئۇيغۇرچە ئىسمى قارىياغاچ
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۈسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى قارىياغاچ ئائىلىسى
خەنزۇچە ئىسمى 榆树
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۈسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى چاققاق تۈركىمى
ئۇرۇقداشلىرى قارىياغاچ ئۇرۇقدىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قارىياغاچقارىياغاچ يەنە ئاق قارىياغاچ، ئۆي قارىياغىچى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قارىياغاچ ئائىلىسىگە كىرىدىغان، يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. 25 مېتىرغىچە ئېگىز ئۆسەلەيدۇ. غولى تىك، دەرەخ باراقسىنى يوغان. يوپۇرمىقى ئېللىپس شەكىللىك، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، يوپۇرمىقىنىڭ تۈۋى قىسمى قىيپاش. قارىياغاچ ئاۋۋال چېچەكلەپ كېيىن يوپۇرماق چىقىرىدۇ، باش باھار مەزگىلىدە، كونا دەرەخنىڭ يوپۇرماق قولتۇقلىرىدىن توپ-توپ چەكلىك كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى ئۆسۈپ چىقىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەيلا يۇمىلاق قاناتلىق مېۋىلىرى پىشىدۇ. ئۇرۇقى قانىتىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، سىرتقى شەكلى جۇڭگونىڭ قەدىمكى مىس پۇللىرى(داچەن، تەڭگە پۇل) غا ئوخشايدۇ. قارىياغاچ مېۋىسى ئادەتتە «قارىياغاچ پوستىكى» دەپ ئاتىلىدۇ. قارىياغاچ پوستەكلىرى شاخلاردا تىزىق-تىزىق ئېسىلىپ تۇرىدۇ، پىشقاندىن كېيىن شامالدا لەيلەپ ئۇچىدۇ. قارىياغاچ پوستىكىنىڭ ئۆمرى ناھايىتى قىسقا، پىشقاندىن كېيىن بىر ئاي ئەتراپىدىلا بىخلىنىش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ.

قارىياغاچنىڭ تارقىلىشى ناھايىتى كەڭ. مەملىكىتىمىزنىڭ شەرقىي شىمالىدىن غەربىي شىمالىغىچە بولغان تۈزلەڭلىكلەردە بىرقەدەر كۆپ، چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ. 

قارىياغاچقارىياغاچنىڭ ھاۋادىكى چاڭ-توزانلارنى سۈزۈش (فىلتىرلەش) رولى بار. ئۆلچەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ يوپۇرمىقىنىڭ چاڭ-توزانلارنى تۇتۇپ قېلىش مىقدارى ھەر كۋادرات مېتىر يوپۇرماق يۈزىدە 27.12 گرام بولۇپ، بۇلغىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان توققۇز تۈردىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ «چاڭ-توزان سۈزگۈچ» دېگەن نامى بار. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاتموسفېرادىكى گۈڭگۈرت(Ⅳ) ئوكسىد قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلارغا نىسبەتەنمۇ بەلگىلىك قارشىچانلىققا ئىگە.ئۇنىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، يورۇقلۇقنى ياخشى كۆرىدۇ، سوغۇققا چىداملىق، يىلتىز سىستېمىسى ناھايىتى چوڭقۇر، كۈچلۈك بورانغا قارشى تۇرالايدۇ؛ قۇرغاقچىلىق ۋە شورغا چىداملىق، شۇڭا شامالدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇشتىكى ياخشى دەرەخ تۈرى ھېسابلىنىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#