مېتېئورىت

مېتېئورىت تاش

مېتېئورىت تاش (meteorite) -يەر شارىدىن باشقا كۆيۈپ بولمىغان ئالەمدىكى ئاقار يۇلتۇز ئەسلىدىكى ھەرىكەت ئوربىتىسىدىن ئايرىلىپ ياكى سوقۇلۇشتىن ھاسىل بولغان پارچىلارنىڭ ئۇچقاندەك ھالدا يەر شارى ۋە باشقا سەييارىلەرنىڭ سىرتقى يۈزىگە چۈشكەن تاش، تۆمۈر ياكى تاش-تۆمۈر تەركىبلىك ئارىلاشما ماددا بولۇپ، «مېتېئورىت» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى مېتېئورىت
ئىنگلىزچە نامى stony meteorite
خەنزۇچە نامى 陨石

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مېتېئورىت تاشمېتېئورىت تاش (stony meteorite) -يەر شارىدىن باشقا كۆيۈپ بولمىغان ئالەمدىكى ئاقار يۇلتۇز ئەسلىدىكى ھەرىكەت ئوربىتىسىدىن ئايرىلىپ ياكى سوقۇلۇشتىن ھاسىل بولغان پارچىلارنىڭ ئۇچقاندەك ھالدا يەر شارى ۋە باشقا سەييارىلەرنىڭ سىرتقى يۈزىگە چۈشكەن تاش، تۆمۈر ياكى تاش-تۆمۈر تەركىبلىك ئارىلاشما ماددا بولۇپ، «مېتېئورىت» (meteorite) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كۆپ ساندىكى مېتېئورىت مارس بىلەن يوپىتېر ئارلىقىدىكى كىچىك سەييارىلەردىن كەلگەن بولۇپ، ئاز بىر قىسمى ئاي شارى ۋە مارستىن كەلگەن.

مېتېئورىتنى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇنداق ئۈچ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ: تاش ماددىلىق مېتېئورىت، تۆمۈر مېتېئورىت، تاش-تۆمۈر ئارىلاش مېتېئورىت. ھەر خىل مېتېئورىتنىڭ يەنە باشقا تارماق تۈرلىرى بار. 

ئاي مېتېئورىتى يانار تاغ جىنسى بىلەن چۆكۈندى جىنس دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ، ئاي بازالىتى بولسا ئاي شارىنى ھاسىل قىلغان ئاساسلىق تاغ جىنسلىرىنىڭ بىرى. مېتېئورىت ئىلگىرى بىر خىل تەبىئەتتىن ھالقىغان ھادىسە دەپ قارالغان. 

ئەڭ كۈچلۈك مېتېئورىت چۈشۈش

مېتېئورىتنىڭ يەر شارىدا كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاپەت كۆپ ئۇچرىمايدۇ. 1908-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى، بىر مېتېئورىت يەر يۈزىگە چۈشۈپ كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە پارتلاپ كەتكەن، بۇنىڭ سەۋەبىدىن ئىككى مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان ئىپتىدائىي ئورمانلىق ۋەيران بولغان. بۇ ئىنسانلاردا خاتىرىلەنگەن ئەڭ كۈچلۈك بىر قېتىملىق مېتېئورىت چۈشۈش. 

 ئەڭ چوڭ مېتېئورىت ئازگىلى

مېتېئورىت تاشئىنسانلار بايقىغان ئەڭ چوڭ مېتېئورىت ئازگىلى بولغان ئامېرىكا ئارىزونا مېتېئورىت ئازگىلىنىڭ دىئامېتىرى تەخمىنەن 1240 مېتر، چوڭقۇرلۇقى 170 مېتىردىن كۆپرەك، تەكشۈرۈش تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، بۇ مېتېئورىت ئازگىلى تەخمىنەن 20 مىڭ يىل ئىلگىرى بىر تال دىئامېتىرى 60 مېتىر، ئېغىرلىقى نەچچە ئون مىڭ توننا كېلىدىغان تۆمۈر مېتېئورىتىنىڭ يەر شارىغا سوقۇلىشىدىن شەكىللەنگەن.



stony meteorite

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

قانۇن سالونى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#