بارىن يېزىسى

بارىن يېزىسى

بارىن يېزىسى ___ جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە مەشھۇر «جۇڭگو بارىن ئۆرۈكى» ئىشلەپچىقىرىلغان جاي. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان بولۇپ، پامىر ئېگىزلىكى، ئاقتۇ ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى بارىن يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 1087 كۋادرات كىلومېتىر
جۇغراپىيەلىك ئورنى شىنجاڭ تەكلىماكان قۇملۇقى چېتىگە جايلاشقان
خەنزۇچە ئاتىلىشى 巴仁乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسى
نوپۇسى 28 مىڭ 500 ئادەم
تېلېفون رايون نومۇرى 0908

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بارىن يېزىسىبارىن يېزىسى ____ جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە مەشھۇر «جۇڭگو بارىن ئۆرۈكى» ئىشلەپچىقىرىلغان جاي. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان بولۇپ، پامىر ئېگىزلىكى، ئاقتۇ ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى، يېڭىسار ناھىيەسى، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ پىلال يېزىسى، ئۈجمە يېزىسى، ئويتاغ بازىرى، قىزىلتو يېزىسى، بۇلۇڭكۆل يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. كۆلىمى 1087 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. جۇغراپىيەلىك كوردىناتى شەرقىي مېردىئا  ′52°75 __ ′27°75، شىمالىي پاراللىل ′36°30 __ ′08°30 ئارىلىقىدا بولىدۇ. يېزىنىڭ شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 24 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 66 كىلومېتىر. يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئۇدۇل ئارىلىقى 15 كىلومېتىر كېلىدۇ. ھازىر بارىن يېزىسىدا 13 كەنتتە ئاسفالىت يولدىن 55 كىلومېتىر.

بارىن يېزىسىۋاكالەت نومۇرى: 653126207. بارىن يېزىسىغا قاراشلىق ئون كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار: بارىن تاغارچى ئېرىق كەنتى، تۆگمەنبېشى كەنتى، ئاياغ تاغارچىئېرىق كەنتى، دەپتەر كەنتى، كۆلئېرىق كەنتى، چىلەكيار كەنتى، باش بارىن كەنتىى، ئاياغ بارىن كەنتى، ئاچا ئېرىق كەنتى، ئالاسايفان كەنتى قاتارلىقلار.

بارىن يېزىسىبارىن يېزىسىغا قاراشلىق ئون كەنت ئاھالە كومىتېتى، 114 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، بىر يېزىغا بىۋاستە قاراشلىق دېھقانچىلىق مەيدانى، يىلنىڭ ئاخىرى، 2006-يىلى ئومۇمىي نوپۇسى 28 مىڭ 500 ئادەم، يېزا نوپۇسى 26 مىڭ 300 ئادەم، نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى %17.5. يېزىنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 2940 گېكتار، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 2170 گېكتار، ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىلغۇ كۆلىمى 350 گېكتار، ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن: كۆممىقوناق، بۇغداي، كېۋەز، ئۆي ھايۋانلىرى، مېۋىلىك باغ قاتارلىقلار.

يېزا تەۋەسىدە گەز دەرياسى، كۈسەن دەرياسى بار. بوز ئۇلار، تىيىن، موڭغۇل جەرىنى، قوتاز قاتارلىق كۆپ خىل قىممەتلىك ياۋايى ھايۋانلار ۋە كۈمۈش ئۆرۈك قاتارلىق كۆپ خىل قىممەتلىك ياۋا ئۆسۈملۈكلەر بار. 

2006-يىلى  6000 ئادەم (قېتىم) ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئەمگەك-مۇلازىمەت كىرىمى

 3 مىليون 780 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. پۈتۈن يېزا بويىچە ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى51 مىليون 176 مىڭ 200 يۈەن، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %5.7 ئېشىپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 1195 يۈەن بولغان، يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتنىشىش نىسبىتى %95 كە يەتكەن.

بارىن يېزىسى كىلىماتى تىپىك مۆتىدىل بەلباغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتىغا كىرىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.2 گىرادۇس، بىر يىلدا كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 2862.8 سائەت، قىروسىز مەزگىلى 224 كۈن، يورۇقلۇق مەنبەسى بىر قەدەر يېتەرلىك ، كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن , تېمپېراتۇرا پەرقى بىر قەدەر چوڭ ، يىللىق قۇياش نۇرى چۈشكەن سائەت سانى 2862.8 سائەت. يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 61.8 مىللىمېتىر، يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2465.7 مىللىمېتىر، ئىسسىقلىق بايلىقى مول، كىلىماتى تىپىك مۆتىدىل بەلباغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتىغا كىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزگىچە جۇغراپىيىلىك ئورنى ۋە ھاۋارايى بارىن يېزىسى مېۋە-چېۋە ئالاھىدە مەھسۇلاتى - بارىن ئۆرۈكى.

بارىن يېزىسىبارىن ئۆرۈكى ئادەتتە سۇخىياق ئۆرۈك دەپمۇ ئاتىلدىغان ئارىدا پىشىدىغان سورت، ھەر يىلى 3-ئاينىڭ باشلىرىدا چېچەكلەپ، 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىردا پىشىدۇ. بارىن يېزىسى ئۇزاق ئۆستۈرۈش تارىخىغا ئىگە. تېرىلغۇ كۆلىمى 42 مىڭ مو، مېۋىلەش نىسبىتى %50 تىن يۇقىرى، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 15 مىڭ توننا، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۈلە 2500 توننا. ياز پەسلىدە يۇقىرى تېمپېراتۇرا بولغاچقا يېرىم قۇرغاق كىلىماتىغا كىرىدۇ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭبۇلۇپ، مېۋە-چېۋىلەر تەركىبىدىكى شېكەر مىقدارى بىرىكمىلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە توپلاپ، بۇ ئالاھىدە تەبىئىي مۇھىتتا شەكىللەنگەن بارىن ئۆرۈكى ئۆزگىچە تەمگە ئىگە. بارىن ئۆرۈكى تۇخۇم شەكىللىك، مېۋىسى چوڭ (يەككە مېۋىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 30 گرام)، مېۋە ئېتى قېلىن، يۇمرا ، مېۋە پوستى پارقىراپ، رەڭگى چىرايلىق، تەركىبىدە قەنت مىقدارى يۇقىرى، تاتلىق چۈچۈمەل تەملىك ساپ تەبىئىي يېشىل يېمەكلىك بۇلۇپ، تەركىبىدە ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان مىكرو ئېلمىنتلار ۋە كۆپ خىل ۋىتامىن قاتارلىق ئۇزۇقلۇق ماددىلىرى بىلەن داڭلىق بۇلۇپلا قالماي يەنە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتى ھەمدە غەربىي ئاسىياغا شىنجاڭنىڭ ئۇزاقتىن بېرى داڭقى مەشھۇر داڭلىق مەھسۇلاتى. مېۋە-چېۋە، ئۆرۈك قېقى، ئۆرۈك خۇرمىسى  ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ بازىرى كەڭ بۇلۇپ، بەزىدە  ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالماي قالدۇ. 2000-يىلى ئاقتۇ ناھىيەسى مەملىكەت بويىچە پەن- تېخنىكا مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى تەرىپىدىن «جۇڭگو بارىن ئۆرۈكى يۇرتى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. 2002-يىلى رەسمىي «بارىن ئۆرۈكى» تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغان.

بارىن ئۆرۈكى ياخشى بولغان مەھسۇلات ئېچىش قىممىتىگە ۋە كەڭ بازار تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە. پىشقان بارىن ئۆرۈكى سوغۇق ۋە ئاپتاپقا بولغان ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ، ھەر ئۈچ كىلوگرام ئۆرۈكنى ئاپتاپقا سالسا بىر كىلوگرام ئۆرۈك قېقى تەييار بولىدۇ. تەمى ناھايىتى مەززىلىك بۇلۇپ، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئۆرۈك خورمىسىنىڭ رەڭگى كۆركەم، تەمى تاتلىق.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#