سۆگەت يېزىسى

سۆگەت يېزىسى

سۆگەت يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيەسىگە جايلاشقان بۇلۇپ، ناھىيە بىلەن بولغان ئارلىقى 23 كىلومېتىر كېلىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى سۆگەت يېزىسى
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيەسى
ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 25 مىليون 327 مىڭ 400 يۈەن
ماشىنا كودى يېڭى Q
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
نوپۇسى 19 مىڭ 600 ئادەم
تېلېفون رايون نومۇرى تېلېفون رايون نومۇرى 0998

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سۆگەت يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيەسىگە جايلاشقان بۇلۇپ، ناھىيە بىلەن بولغان ئارلىقى 23 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئومۇمىي نوپۇسى 19 مىڭ 600 ئادەم، تېرىلغۇ يەر 29 مىڭ 400 مو، يېزىلىق پارتكومنىڭ قارىمىقىدا 29 ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكىسى، 679 نەپەر پارتىيە ئەزالىرى بار. كىلىماتى تىپىك تېرىقچىلىق، چارۋىچىلىق، باغۋەنچىلىكنى ئاساس قىلغان يېزا ئىگىلىك. 

سۆگەت يېزىسىسۆگەت يېزىسىغا قاراشلىق سېرگىلا كەنتى، يۇقىرىقى تېتىر كەنتى، يېڭى يەر كەنتى، دامشىن كەنتى، لايبۇلاق كەنتى، پىلىز كەنتى، ئاچمائېرىق كەنتى، يۇقىرىقى كەنتئېرىق كەنتى، كەنئېرىق كەنتى، تۇرقۇي كەنتى، تىگەن كەنتى، تۇغچى كەنتى، تۆۋەن تېتىر كەنتى، بىنام كەنتى قاتارلىق 14 مەمۇرىي كەنت كومتېتى بار. 

سۆگەت يېزىسىسۆگەت يېزىسى بىر قانچە يىلدىن بۇيان سۆگەت يېزىسى پارتكوم ھۆكۈمەت «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ، تەرەققىياتتىن ئىبارەت بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، مەركەزنىڭ غەربىي رايوننى ئېچىش ۋە ئاپتونوم رايونلۇق جەنۇبىي شىنجاڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ چوڭ ياخشى پۇرسىتىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، يېزا تەرەققىياتىغا پايدىسىز ئامىللارنى بىر تەرەپ قىلغان. «ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، سۈپەتلىك پاختا، باغ، چارۋا  ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرگەن. 2003-يىلى يېزا بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 25 مىليون 327 مىڭ 400 يۈەن، بۇنىڭ ئىچىدە 1-كەسىپنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 22 مىليون 398 مىڭ 500يۈەن، 2-، 3-كەسىپنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 572 مىڭ 600 يۈەن، تېرىقچىلىق كىرىمى 15 مىليون 557 مىڭ 800 يۈەن، باغۋەنچىلىك كىرىمى 4 مىليون 66 مىڭ 500 يۈەن، چارۋىچىلىق كىرىمى 2 مىليون 794 مىڭ 700 يۈەن، ئەمگەك-مۇلازىمەت چىقىرىش كىرىمى 2 مىليون 230 مىڭ 800 يۈەن.

سۆگەت يېزىسىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلگەن بۇلۇپ، يېقىندىن بېرى يېزا ئىگىلىك ئۇل ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سېلىش 17 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. 60 مىڭ مو تۆۋەن ھوسۇللۇق ئېتىزلارغا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، 52 كىلومېتىر سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇردقغان ماشىنلاشقان قۇدۇقتىن 39، يەنە بىر تۇرۇبا سۈيى زاۋۇتى ياسالغان. ئىلگىرى-كىيىن بۇلۇپ 50 كىلومېتىرلىق تۇرۇبا سۈيى يوللىرىغا تۇرۇبا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغان. پۈتۈن يېزىدىكى %80 تىن ئارتۇق دېھقان تۇرۇبا سۈيى بىلەن تەمىنلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كەنت كادىرلىرى نامرات بالىلارنىڭ ئوقۇش پارچە خىراجىتىنى كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى تۈزۈش ۋە كېمەيتىپ-كەچۈرۈم قىلىش، دېھقانلارنىڭ يىللىق سېلىقىنى يەڭگىللىتىش 57 مىڭ 400 يۈەن كېمەيتىلگەن.

سۆگەت يېزىسىسۆگەت يېزىسى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە بىرىنچىدىن «4211» خىزمەت مېخانىزمى پائال يولغا قويۇپ، يېزا-كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىك ئۇسۇلى ۋە خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىپ، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، كەڭ كادىرلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىنى قوزغاش؛ 

ئىككىنچىدىن «ئۆگىنىش تەشۋىقات كۈنى»، «دېموكراتىيە كۈنى» پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقان پارتىيە ئەزالىرى «ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتى» نى ئۈچ تۈرلۈك تۈزۈم بويىچە ئېلىپ برىپ، پارتىيە بىلەن ئامما، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى قويۇق بولۇش. مۇقىملىق ۋەزىيىتى تېخىمۇ مۇستەھكەم بولغان يېزىلىق پارتكوم، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسى مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ ۋە ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئامما ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش مېخانىزمىنى تۈزۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ جەمئىيەتنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ياخشى بولغان مۇھىت يارىتىپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش؛

سۆگەت يېزىسىسۆگەت يېزىسىدا يېزا بويىچە تەسىس قىلىنغان يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ بىرى بار، ئۇنىڭدىن باشقا 11 كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى، جەمئىي 35640 نەپەر ئوقۇغۇچى بار بۇلۇپ، ئۆرلەپ ئوقۇش ۋە مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى % 100 كە يەتكەن. يېزا بويىچە شەكىللەنگەن ياخشى بولغان تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش، مەدەنىي بولۇش كەيپىياتى، قالايمىقانچىلىق-مالىمانچىلىقنى پەرق ئىتىشنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش، ھەممە كىشى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بەربا قىلىپ، باغۋەنچىلىك ۋە چارۋىچىلىقنى يېتەكچى كەسىپ قىلغان ئاساستا ئىلمىي پىلانلاپ، كۆلەملەشتۈرۈپ تېرىپ، كونا مېۋىلىك باغلارنى ئۆزگەرتىش تەدرىجىي ھالدا ئۈنۈم ياراتقان. بۇلتۇر يېزىدىكىلەرنىڭ 3100 مو يەرگە 160 مىڭ تۈپ كۆچەت تىكىلگەن. كونا سورتلارغا نىسبەتەن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، مېۋىلىك دەرەخ تۈرىدە ئاساسىي جەھەتتىن ياخشىلىنىش بولغان. چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە، سۆگەت يېزىسى مول بولغان يايلاق كۆلىمى 4000 مو بۇلۇپ، يېقىن ئەتراپتىكى بىر قانچە يېزىسىدىكى دېھقانلارنى چارۋىچىلىق ئوت-چۆپى بىلەن تەمىنلەيدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#