خارمۇدۇن بازىرى

خارمۇدۇن بازىرى

خارمۇدۇن بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى گە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان تۈز سىزىق ئارىلىقى 30 كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1192 مېتىر.

ئۇيغۇرچە نامى خارمۇدۇن بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 3733 كۋادرات كىلومېتىر
جۇغراپىيەلىك ئورنى خېجىڭ ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان
خەنزۇچە ئاتىلىشى 哈尔莫墩镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى
نوپۇسى 20968 ئادەم
دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1192 مېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خارمۇدۇن بازىرىخارمۇدۇن بازىرى خېجىڭ ناھىيەسى گە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، ئۇمۇمىي كۆلىمى 3733 كۋادرات كىلومېتىر، پۈتۈن بازاردىكى شەرق تىن غەرب كە ئەڭ ئۇزۇن 112 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئەڭ كەڭلىكى 47 كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر 60 مىڭ مو، ئورمان 34 مىڭ 300 مو، تاغلىق رايون ۋە تۈزلەڭلىك 477 مىڭ 770 مو تەبىئىي يايلاق، 36 مىڭ 100 مو سۈنئىي يايلاق. جەمئىي  نوپۇسى 5782 ئائىلە، 20968 ئادەم، بۇلار ئىچىدە يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 19544 ئادەم. ناھىيە تەۋەسىدە تاغ ئېغىزى ئېلېكتر ئىستانسىسى، شىنتيەن خەلقئارا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىشلەپچىقارغان خام ئەشيا بازىسى، مۇخۇر چاغانچېكە نامراتلارنى يۆلەش، دېھقانچىلىق مەيدانى قاتارلىق ئورۇنلار  بار، 2001-يىلى 10-ئايدا يېزا ئەمەلدىن قالدۇرۇپ بازار تەسىس قىلىنغان.

خارمۇدۇن بازىرىخارمۇدۇن بازىرىغا قاراشلىق ئىككى مەھەللە، 7 كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى: مەدەنىيەت يولى ئاھالە كومىتېتى، ئىتتىپاق يولى ئاھالە كومىتېتى مەھەللىسى، خارمودۇن كەنتى، ئۇلانغاجار كەنتى ، شارمۇدۇن كەنتى، چاچا كەنتى، جۆلۈن تۆرگىن كەنتى، سالا كەنتى، ئۇلاستاي كەنتى قاتارلىق 9 مەمۇرىي كەنىت كومتېتى ۋە 31 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار. 

خارمۇدۇن بازىرى مول ساياھەت بايلىقىغا ئىگە، قايدۇ دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى بويلاپ، يېزا تاغلىق رايونىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق يەرلىرىنىڭ مۇھىتى، مەنزىرىسى گۈزەل بۇلۇپ، چائۇخۇ جىلغىسى قەدىمكى تارىخىي مەدەنىيەت، ساياھەت، كىچىك تاغ تەبىئىي مەنزىرىسى ساياھىتى، چاغانچېكە شىخۇ كىچىك تىپتىكى ئوۋچىلىق ساياھىتى، كىچىك كېپىنەك ئارىلى سەيلە-ساياھەت قاتارلىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى بار.

پۈتۈن بازارنىڭ ھازىرقى مەكتىپى توققۇز، دېھقان-چارۋىچىلار تېخنىكا مەكتىپى بىر، شۆبە مەكتىپى 6، بازار دەرىجىلىك مەدەنىيەت پونكىتى بىر، كەنت دەرىجىلىك مەدەنىيەت ئۆيى يەتتە، گۇرۇپپا دەرىجىلىك مەدەنىيەت ئۆيى 29. پۈتۈن بازاردا ھازىر خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ئىككى خىل تىل قانىلى چاستوتىسى تەڭشىلىدىغان رادىيو ئاڭلىتىلدىغان بۇلۇپ، قاپلاش نىسبىتى %98 كە يەتكەن؛ سىملىق تېلېۋىزىيە ئۇلانغان قاناللاردىن 18 ى بار بۇلۇپ، قاپلاش نىسبىتى 85% كە يەتكەن.

خارمۇدۇن بازىرىخارمۇدۇن بازىرى، بازار بويىچە جەمئىي تېرىلغۇ كۆلىمى 74 مىڭ مو، بۇنىڭ ئىچىدە ئاشلىق كۆلىمى 31037 مو بولۇپ، يىلىدىكىدىن 16364.3 مو؛ ئىقتىسادىي زىرائەت كۆلىمى 42633 مو، يىلدىكىدىن 18398.2 مو، ئىقتىسادىي زىرائەت كۆلىمى ئاساسلىقى: قىزىلمۇچ، سانائەت پەمىدۇرى، كېۋەز، گازىر تاۋۇز قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان (كېۋەز كۆلىمى 4252 مو، قىزىلمۇچ كۆلىمى 25020 مو، ياڭيۇ كۆلىمى 2694 مو، پەمىدۇر كۆلىمى 1145 مو، گازىر تاۋۇز كۆلىمى 6801 مو)، بېدە 250 مو، ئاشلىق ئىقتىسادىي زىرائەت نىسبىتى 33:57:10. ھازىر 20 مىڭ مودىن ئارتۇق كۆلەمدە پىگمېنتلىق چوڭ قىزىلمۇچ بازىسى، 5 مىڭ مولۇق زىيانسىز بالدۇر پىشىدىغان ياڭيۇ بىلەن تەمىنلەش بازىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەن تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، تېرىقچىلىقتا  دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 499 يۈەنگە يەتكەن.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#