ئىستىرخا

ئىستىرخا

بۇ كېسەللىك، ئومۇمىي بەدەن ياكى مەلۇم بىر ئەزانىڭ سەزگۈ ۋە ھەرىكەت نېرۋىلىرىنىڭ خىزمىتى سۇسلىشىشتىن كېلىپ چىقىدىغان، ئوتتۇرا ياشلىق ۋە ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلۈش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللەنگەن جاينىڭ سېزىمى ساقلىنىپ قالسىمۇ، ھەرىكىتى سۇسلىشىپ كېتىش ياكى بوشاپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك. 

غەرب تېبابىتى نامى ئىستىرخا
كېسەللىك سەۋەبى ھەرىكەت نېرۋىلىرىنىڭ خىزمىتى سۇسلىشىش
ئاساسلىق ئالامىتى ھەرىكىتى سۇسلىشىپ كېتىش
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار ئوتتۇرا ياشلىق ۋە ياشانغانلار

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ئومۇمىي بەدەن ياكى مەلۇم بىر ئەزانىڭ سەزگۈ ۋە ھەرىكەت نېرۋىلىرىنىڭ خىزمىتى سۇسلىشىشتىن كېلىپ چىقىدىغان، ئوتتۇرا ياشلىق ۋە ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلۈش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: كېسەللەنگەن جاينىڭ سېزىمى ساقلىنىپ قالسىمۇ، ھەرىكىتى سۇسلىشىپ كېتىش ياكى بوشاپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: بەدىيان يىلتىزى، كەرەپشە يىلتىزى، بىخ كەبىر، ئىزخىر، پىرسىياشان، بادەرەنجى بۇيا ھەر بىرىدىن 15 گىرامدىن، قىزىلگۈل، ئۈستقۇددۇس، بىستىپايەج چىنى، رۇمبەدىيان، گۈلى بىنەپشە، سەرپىستان ھەر بىرىدىن 10 گىرامدىن، ئەنجۈر قېقى، گۈلقەنت 60 گىرامدىن، بادام يېغى 10 گىرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، سۇدا قاينىتىپ، ئاندىن گۈلقەنت ۋە بادام يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

تەركىبى: سۇمبۇل، دارچىن، مەستىكى رۇمى، ھەب بىلسان، ئۇدبىلسان، سەلىخە، ئاسارۇن، زەپەر 10 گىرامدىن، سەبرە سۇقۇترى 80 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئەرىقى بەدىيان بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 تالدىن كەچتە توق قورساققا ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: تېشىلمىگەن مەرۋايىت، ئەرىقى گۇلاب، ئەرىقى گاۋزىبان 10 گىرامدىن، ئاق بەھمەن، قىزىل بەھمەن، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، كاسىنە گۈلى، پەرەنجىمىشكى، گاۋزىبان، بادرەنجى بۇيا ئۇرۇقى، كاسىنە ئۇرۇقى ئالتە گىرامدىن، قىرقىلغان پىلە 10 گىرام، ئىپار، ئەنبەر بىر گىرامدىن، ئالما شەربىتى 100 مىللىلىتىر، ئامىلە مۇرابباسى، ناۋات 200 گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى: مەرۋايىتنى گۇلاب ياكى ئەرىقى گاۋزىبان بىلەن سالايە قىلىپ يۇمشىتىپ، قالغان دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ناۋاتنى گۇلاب بىلەن قىيام قىلىپ، ئاندىن شەربەت، مۇراببالارنى ئارىلاشتۇرۇپ، باشقا دورىلارنى سېلىپ خېمىر قىلىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#