VCD ۋە DVD
VCD بىلەن DVD كىنو-تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى ساقلايدىغان ئوپتىكىلىق دىسكا. ئۇلارنىڭ يۈزىدە نۇرغۇن كىرتىك بار، لازېر نۇرى دىسكىدىكى كىرتىككە چۈشكەندە، قايتقان نۇر ئېلېكتر سىگنالىغا ئايلاندۇرۇلۇپ، تېخنىكىلىق بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن پروگرامما قويۇلىدۇ.
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
DVD بىلەن VCD قارىماققا ئانچە پەرقلەنمەيدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن جەھەتتە پەرقى بار. VCD غا سېلىشتۇرغاندا، DVD نىڭ كۆرۈنۈشلىرى سۈزۈك، ئاۋازى ئەينەن، «ساقلىيالايدىغان» ئۇچۇرى تېخىمۇ كۆپ، بىراق VCD بىر كىنونىڭ پەقەت يېرىمىنىلا ساقلىيالايدۇ، ئەمما بىر DCD بىر قانچە كىنونى ساقلىيالايدۇ.
DVD ھەر جەھەتتىن VCD دىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئىلغار تېخنىكا قوللىنىلغان. DVD نىڭ كىرتىكلىرى VCD گە قارىغاندا تېخىمۇ زىچ، ھەتتا ئۇنىڭ ئارقا يۈزىگىمۇ خاتىرىلىگىلى بولىدۇ، شۇڭا، ئۇنىڭ سىغىمى بەك چوڭ.
ئوپتىكىلىق دىسكىنىڭ ھەجىمى كىچىك بولغاچقا، VCD ۋە DVD دىكى ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى زىچلاشتۇرۇش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، VCD دىكى ئۇچۇرلار «تەڭ ئاساستا» زىچلاشتۇرۇلىدۇ. ئەمما DVD دا تېخىمۇ ئىلغار «سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق زىچلاشتۇرۇش» تېخنىكىسى قوللىنىلىدۇ، يەنى كونكرېت ئەھۋال كونكرېت بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؛ ئەگەر سۈرەت ۋە ئاۋاز ئۆزگىرىشى ئاستا بولسا زىچلاشتۇرۇش دەرىجىسى چوڭ بولىدۇ، ئەگەر سۈرەت ۋە ئاۋاز ئۆزگىرىشى تېز بولسا، زىچلاشتۇرۇش دەرىجىسى كىچىكرەك بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دىسكىنىڭ سىغىمى چوڭىيىدۇ، زىچلاشتۇرۇش سۈپىتى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، سۈرەت تېخىمۇ ئوچۇق، ئاۋاز تېخىمۇ يېقىملىق بولىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.