پورتۇگالىيە

پورتۇگالىيە جۇمھۇرىيىتى

 پورتۇگالىيەنىڭ تولۇق ئاتىلىشى پورتۇگالىيە جۇمھۇرىيىتى، لاتىن تىلىدا <<ئىللىق>> دېگەن مەنىدە بۇلۇپ ياۋروپادىكى ئىبېرىيە ئارىلىنىڭ غەربىگە جايلاشقان دۆلەت. شەرق ۋە شىمالى ئىسپانىيە بىلەن، غەربى جەنۇپ قىسمى ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن چېگرىلىندۇ.

ئۇيغۇرچە نامى پورتۇگالىيە جۇمھۇرىيىتى
قىسقارتىلغان نامى پورتۇگالىيە 葡萄牙
پايتەختى لىسبون
نوپۇسى 10 مىليون 375 مىڭ (2014-يىل)
يەر مەيدانى 92 مىڭ 212 كۇۋادىرات كىلومېتىر
خەنزۇچە نامى 葡萄牙共和国
قىتئە تەۋەلىكى ياۋروپا قىتئەسى
دۆلەت تىلى پورتۇگال تىلى
نوپۇس زىچلىقى 113 ئادەم/ كۋادرات كىلومېتىر
ئىنگىلىزچە نامى Portugal,the Portuguese Republic

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پورتۇگالىيە جۇمھۇرىيىتى پورتۇگالىيەنىڭ تولۇق ئاتىلىشى پورتۇگالىيە جۇمھۇرىيىتى، لاتىن تىلىدا <<ئىللىق>> دېگەن مەنىدە بۇلۇپ ياۋروپادىكى ئىبېرىيە ئارىلىنىڭ غەربىگە جايلاشقان دۆلەت. شەرق ۋە شىمالى ئىسپانىيە بىلەن، غەربى جەنۇپ قىسمى ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن چېگرىلىندۇ. دېڭىز قىرغىقى 800 كىلومېتىردىن ئارتۇق. پورتۇگالىيە تاغلىق دۆلەت بۇلۇپ، شىمالىي ئېگىز، جەنۇبى پەس، دېڭىز قىرغاقلىرىدا تۈزلەڭلىكلەر بار.

پورتۇگالىيە ئاھالىسى 2008-يىلى 7-ئايدىكى نوپۇسى 10 مىليون 676 مىڭ 910 بۇلۇپ، %99 نى پۇرتۇگالىيلىكلەر، قالغانلىرى ئىسپانىيلىكلەر. نوپۇس زىچلىقى 113 ئادەم/ كۋادرات كىلومېتىر، %87 نى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.

پورتۇگالىيە جۇمھۇرىيىتىپورتۇگالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى بىلەن ئىسپانىينىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا قەدىمكى دەۋىردە لۇزىتان خەلقلىرى ئولتۇراقلاشقان بولغاچقا، بۇ جايلار شۇ خەلقلەر نامىغا لۇزىتانىيە دەپ ئاتالغان. 11- ئەسىردە دورۇ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى رايونلار پورتۇگالىيە رايونى دەپ ئاتالغان يەنى بۈگۈنكى پورتو رايونى بۇلۇپ ، بۇنام لاتىن تىلىدىن كەلگەن، مەنىسى، ئىللىق قولتۇق، مۇز قاتماس قولتۇق .كېيىن شىمالي ئافرىقىدىكى مورىيلار تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، ئۇ جايدىكى پورت شەھرىنى بېسۋالغان. 1035-يىلى پورتۇگالىيە ماركۇزلۇق بۇلۇپ شەكىللەنگەن. ۋە شەھەر نامىنى رايون نامى قىلىپ قوللانغان. دورۇ دەرياسىنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى رايونلار پورتۇگالەي رايونى ( ھازىرقى پورتۇ شەھرى دەپ ئاتالغان.)  پورتۇگالىيە تارىختا رىم، گېرمان، مور،ئەرەپ خەلىقلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان، 1143-يىلى پورتۇگالىيە كوردۇبا خەلىپىلىكىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل دۆلەت بۇلۇپ قۇرۇلغان. 1415-يىلغا كەلگەندە چەتكە قاراپ كېڭىيىشنى باشلىغان. 15-16-ئەسىرلەردە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نۇرغۇن ئورۇنلارنى بېسىۋىلىپ، دۇنيادا ئەڭ بۇرۇنقى مۇستەملكىچى ئىمپېرىيە بولغان. 1581-يىلى ئىسپانىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1640-يىلى ئىسپانىينىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلغان. 1755-يىلى پۇرتۇگالىينىڭ لىسبون ۋە جەنۇبى قىسمىدا قاتتىق يەر تەۋرەش يۈز بېرىپ 15000 ئادەم ئۆلگەن 1891-يىلى بىرىنچى جۇمھۇرىيەت بۇلۇپ قۇرۇلغان، 1910-يىلى 10- ئاينىڭ 5-كۈنى ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان، 1949-يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قاتناشقان. 1999-يىلى پورتۇگالىيە ئەڭ ئاخىرقى مۇستەملىكىسى بولغان، 442 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئاۋمېننى جوڭگو ھۆكۈمىتىگە قايتۇرۇپ بېرىشكە قوشۇلغان. 

جۇغراپىيەلىك ئورنى 

پورتۇگالىيە جۇمھۇرىيىتىپورتۇگالىيەنىڭ تولۇق نامى پورتۇگالىيە جۇمھۇرىيىتى بۇلۇپ ياۋروپادىكى ئىبېرىيە ئارىلىنىڭ غەربىگە جايلاشقان دۆلەت. شەرق ۋە شىمالى ئىسپانىيە بىلەن، غەربى جەنۇپ قىسمى ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن چېگرىلىندۇ. دېڭىز قىرغىقى 800 كىلومېتىردىن ئارتۇق. پورتۇگالىيە تاغلىق دۆلەت بۇلۇپ، شىمالىي ئېگىز، جەنۇبى پەس، دېڭىز قىرغاقلىرىدا تۈزلەڭلىكلەر بار. ئوتتۇرا قىسىم تاغلىق قىسمى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 800-1000 مېتىر. ئېستىرىلا چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1991 مېتىر. ئاساسلىق دەريالىرىدىن دۇرۇ دەرياسى ۋە مونتىگۇت دەرياسى بار. 

ئىقلىم ئالاھىدىلىكى 

پورتۇگالىيەنىڭ شىمالىي مۆتىدىل بەلباغ كەڭ يوپۇرماقلىق ئىقلىمغا، جەنۇبىي يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمىغا كىرىدۇ. ئەڭ سوغۇق بولغان 1-،2- ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 11 سېلسىيە گىرادۇس، 7-ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 26-20 سېلسىيە گىرادۇس، ھۆل-يېغىن مىقدارى 500-1000 مىللىمېتىر كېلىدۇ. ئورمان مەيدانى پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ %28 ىنى ئىگەللەيدۇ.

دۆلەت بايرىقى

پورتۇگالىيە جۇمھۇرىيىتى تېگى يېشىل ۋە قىزىل رەڭلىك بايراق بۇلۇپ، ئۈستى دۆلەت گېربىنىڭ بىر قىسىم رەسىم شەكىللىرى بىلەن بېزەلگەن. قىزىل رەڭ 1910-يىلى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەشنى بىلدۈرىدۇ. يېشىل رەڭ دېڭىز قاتنىشى مۇتەخەسسىسى <<شاھزادە>> غا بولغان ھۆرمەتنى بىلدۈرىدۇ.

12-ئەسىردە پورتۇگالىيە مۇستەقىل پادىشاھلىق دۆلەت بولغاندا كۆك ۋە ئاق رەڭلىك بايراقنى ئۇلۇغ مىللەت ۋە دېڭىز ئۈستىدىكى قەھرىماننىڭ بەلگىسى ئورنىدا ئىشلەتكەنىدى. 1910-يىلى خانلىق تۈزۈم ئاغدۇرۇلۇپ، ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان . دۆلەت بايرىقى قىزىل ۋە يېشىل رەڭگە ئۆزگىرىپ بايراققا دۆلەت گېربى قوشۇلغان. قىزىل رەڭ يېڭى جۇمھۇرىيەتنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىگە بولغان تەنتەنىسىنى بىلدۈرگەن، شۇنداقلا يېڭى قۇرۇقلۇقنى بايقاش ئۈچۈن ئۇزۇن سەپەر قىلغان پورتىگالىيلىكلەرنىڭ تۆككەن ئىسسىق قېنىغىمۇ سىمۋول قىلىنغان. يېشىل رەڭ ئۈمىد ۋە سەمىمىيلىكنى ھەم پورتۇگالىيە خەلقىنىڭ تارىختا دېڭىز ساياھەتچىسى، تەۋەككۈلچى شاھزادە ھېنرىغا بولغان ھۆرمىتىنىمۇ ئىىپادىلىگەن.

دۆلەت گېربى 

پورتۇگالىيە جۇمھۇرىيىتى گېرىبنىڭ ئاساسلىق قىسمىدا دېڭىز سەپىرىدە ئىشلىتىلىدىغان ئاسمان جىسىملىرىنى كۆزەتكۈچى ئەسۋاب بولۇپ، ئۇ بۇ دۆلەتنىڭ دېڭىز سەپىرىدە ئېرىشكەن مۇۋاپىقىيەتلىرىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئەسۋابنىڭ سىرتقى تەرىپىدە زەيتۇن دەرىخىنىڭ شېخى، ئىچىدە قالقانسىمان گېرب بار. قالقانسىمان گېربنىڭ ئىچىدىكى كۆك رەڭلىك بەش كىچىك قالقان مەغلۇپ قىلىنغان مورلارنىڭ بەش پادىشاھىنى خاتىرلەشنى كۆرسىتىدۇ.

دۆلەت گېربى قويۇق تارىخى تۈسكە ئىگە بۇلۇپ، ئاساسلىقى دېڭىز ساياھىتىدە ئىشلىتىدىغان ئاسمان جىسىملىرىنى كۈزەتكۈچى ئەسۋاپنى گەۋدىلەندۈرگەن. ئۇ پورتۇگالىيە دېڭىز ساياھەتچىلىرىنىڭ پۈتۈن يەرشارىدا ئېكىسپىتىدسىيە قىلغان ۋە يېڭى چوڭ قۇرۇقلۇقنى بايقىغان تارىخىنىڭ ئىسپاتىدۇر. ئەسۋاپقا تېگى قىزىل، چۆرىسى ئاق بىر قالقانسىمان بەلگە ئورنىتىلغان . قالقانسىمان بەلگىنىڭ ئىچىدىكى ئاق قالقانسىمان بەلگە دۆلەت گېربىنىڭ يادروسى بۇلۇپ بەش كىچىك قالقاندىن تەركىپ تاپقان ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1139-يىلى ئەفانسو ھىنرىسكىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئولرىگاي جېڭىدە مورلارنى مەغلۇپ قىلغان بەش پادىشاھنى بىلدۈرىدۇ. ھەربىر كۆك كىچىك قالقاندا بەش ئاق چېكىت بار بۇلۇپ بۇلار كرېسىتكە مىخلانغان خرستوسنىڭ بەش جاراھىتىنى بىلدۈرگەن،ئاق چېكىت 25 بۇلۇپ، بەش كۆك قالقان بىلەن دەل 30 بولغان بۇ دەل يۇدانىڭ ئەيساغا ساتقىنلىق قىلىش بەدىلىگە كەلگەن كۈمۈش تەڭگىنىڭ ئومۇمىي سانىدۇر. دۆلەت گېربى ئەتراپى تىنىچلىقنىڭ بەلگىسى بولغان زەيتۇن شېخى بىلەن بېزەلگەن.

پورتۇگالىيە جۇمھۇرىيىتى پورتۇگالىيىنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى غەربى ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا قالاقراق، بىراق دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا خىېلى تەرەققى قىلغان. سانائىتىدە كان سانائىتى، نېفىت ئايرىش، توقۇمچىلىق، يېمەك-ئىچمەك، خىمىيە، قەغەز، ئاپتوموبىل، كېمىسازلىقلارنى ئاساس قىلىدۇ. بۇلۇپمۇ سۇ ئېنىرگيە ماشىنلىرى، چوڭ تىپتىكى كران، دېڭىزدا نېفىت ئېلىش ئۈسكۈنىلىرى دۇنيادا ئىلغار سەۋىيىگە ئىگە. ئۇنىڭ كېمىسازلىق ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇ 300 مىڭدىن 700 مىڭ توننىلىق نېفىت پاراخوتلىرىنى ياسىيالايدۇ، يېزا ئىگىلىكىدە بۇغداي، كوممەقوناق، ئۈزۈم، ياغلىق زەيتۇن، ئاپلىسىن، سەي قاتارلىقلار ئۆستۈرىلىدۇ، پورتۇگالىيىنىڭ جەنۇبى قىسمىدىكى يېزا ئىگىلىك رايونلىرىنىڭ ماشىنلىشىش سەۋىيىسى خېلى يۇقىرى. ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى تەمىنلىيەلمەيدۇ. ئېھتىياجلىق ئاشلىقنىڭ يېرىمىنى سىرتتىن ئالىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومومىي قىممىتىGDP نىڭ ئارانلا %17.8 نى تەشكىللەيدۇ. ئىچكى ئىشلەپچىقىرش ئومۇمىي قىممىتى 1472.49 مىليارد ياۋرو، كىشى بېشىغا توغراكېلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 13800 ياۋرو. ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش تېزلىكى %0.3 ساياھەت ئىشلىرى راۋاجلانغان. ھەر يىلى بۇيەرگە ساياھەتكە كېلىدىغانلارنىڭ سانى 9 مىليوندىن ئاشىدۇ. ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلەر 3.213 مىليون، كۆچمە تېلېفۇن ئابونتى 12.226 مىليون.[0][1]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#