فوتون ئالەم كېمىسى

فوتون ئالەم كېمىسى

فوتون كېمە فوتون راكېتا ماتورنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىدۇ. فوتون راكېتا ماتور قول چىرىغىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ كۇنۇپكىسىنى قول بىلەن باسسا، بىردەستە يورۇقلۇق ئېتىلىپ چىقىدۇ، بۇ يورۇقلۇقمۇ گاز راكېتانىڭ پۈركۈش ئېغىزىدىن پۈركىلىپ چىققاندىكىگە ئوخشاش ئەكس تەسىر كۈچ پەيدا قىلىدۇ، ئەگەر يورۇقلۇق ئىنتايىن كۈچلۈك بولسا، بۇ كۈچمۇ ناھايىتى زور بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى فوتون ئالەم كېمىسى
خەنزۇچە نامى 光子飞船

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

فوتون ئالەم كېمىسىئالەم كېمىسى ئۈچىنچى ئالەم تېزلىكىگە، يەنى سېكۇنتلۇق تېزلىكى 7.16 كىلومېتىرغا يەتكەندە، قۇياش سىستېمىسىدىن ئايرىلىپ، باشقا يۇلتۇزلارغا بارالايدۇ، ئەمما، بىزگە ئەڭ يېقىن سېنتاۋر يۇلتۇزلار تۈركۈمىدىكى قوشنا يۇلتۇزمۇ قۇياشتىن 3.4 يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا بولۇپ، بۇ 40 تىرىليون كىلومېتىرغا توغرا كېلىدۇ. ناۋادا ئالەم كېمىسى سېكۇنتىغا 20 كىلومېتىر تېزلىكتە ئۇچسا، 63 مىڭ 400 يىلدا يېتىپ بارالايدۇ. شۇڭا، ئالىملار ئىلمىي نەزەرىيىلەرگە ئاساسەن يېڭى بىر خىل توشۇغۇچى قورال، يەنى فوتون كېمىسى ياساشنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

فوتون كېمە فوتون راكېتا ماتورنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىدۇ. فوتون راكېتا ماتور قول چىرىغىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ كۇنۇپكىسىنى قول بىلەن باسسا، بىردەستە يورۇقلۇق ئېتىلىپ چىقىدۇ، بۇ يورۇقلۇقمۇ گاز راكېتانىڭ پۈركۈش ئېغىزىدىن پۈركىلىپ چىققاندىكىگە ئوخشاش ئەكس تەسىر كۈچ پەيدا قىلىدۇ، ئەگەر يورۇقلۇق ئىنتايىن كۈچلۈك بولسا، بۇ كۈچمۇ ناھايىتى زور بولىدۇ.

ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، ئاتوم ئىچىدە مۇسبەت زەرەتلىك پروتون، مەنپىي زەرەتلىك ئېلېكترون ۋە زەرەتسىز نېيترون بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالەمدە يەنە مەنپىي زەرەتلىك پروتون بار بولۇپ، ئانتى پروتون دېيىلىدۇ؛ مۇسبەت زەرەتلىك ئېلېكترون بار بولۇپ، پوزىترون(مۇسبەت ئېلېكترون) دېيىلىدۇ؛ يەنە باشتا ئېيتىلغان نېيتروننىڭ ئەكسىچە خۇسۇسىيىتىگە ئىگە نېيترون بار، ئۇ ئانتى نېيترون دېيىلىدۇ، بۇ ئانتى پروتون، پوزىترون ۋە ئانتى نېيترونلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئانتى ماددا دېيىلىدۇ، ئانتى ماددىلار نورمال ماددىلار بىلەن ئۇچراشقان ھامان، ئىككى خىل ماددا تامامەن يورۇقلۇققا ئايلىنىپ، غايەت زور ئېنېرگىيە چىقىرىدۇ، مۇنداق ئەھۋالدا 1 گرام ماددا چىقارغان ئېنېرگىيە دۇنيادىكى ئەڭ زور سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ 12 سائەت تارقاتقان ئېنېرگىيىسىگە باراۋەر كېلىدۇ. فوتون راكېتا ماتوردا مۇشۇ ئىككى خىل ماددا بار، شۇڭلاشقا، ئۇ راكېتانىڭ تېزلىكىنى يورۇقلۇق تېزلىكىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ. 

فوتون كېمىنىڭ ئالدى ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ كابىنكىسى، كەينى فوتون راكېتا ماتور؛ ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى قېلىن قوغدىغۇچى قەۋەت بولۇپ، ئالەم ئۇچقۇچىسىنى يېقىلغۇ چىقارغان رادىئاتسىيە نۇرىنىڭ زىيان-زەخمىتىدىن ساقلايدۇ. فوتون راكېتا ماتورنىڭ ناھايىتى چوڭ بىر قىسمى يېقىلغۇ ساندۇقىدىن ئىبارەت، پۈركۈش نەيچىسىنىڭ ئورنىدا غايەت زور پېتىنغۇ رېفلېكتور بار، ماتور ئوت ئالغاندا، يېقىلغۇ ساندۇقىدىكى نورمال ماددىلار بىلەن ئانتى ماددىلار پېتىنغۇ رېفلېكتورنىڭ ئالدىغا يەتكۈزۈلىدۇ، ئۇلار بۇ يەردە قۇدرەتلىك يورۇقلۇققا ئايلىنىپ، پېتىنغۇ رېفلېكتور تەرىپىدىن قايتۇرۇلۇپ، كۈچلۈك ئەكس تەسىر كۈچ ھاسىل بولۇپ، ئۇچار كېمىنى ئالدىغا ئىتتىرىدۇ.

ھازىر فوتون كېمە ياساشتا تېخى نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار بار. مەسىلەن، ھازىر يەر شارىدا نورمال ماددىلارلا بار، ئانتى ماددىلار يوق دېگۈدەك؛ ئانتى ماددىلارنى تاپقان تەقدىردىمۇ، ئۇنى قانداق قاچىدا ساقلايمىز؟ ئەگەر نورمال ماددا قاچا قىلىنسا، ئۇ ئانتى ماددا بىلەن ئۇچراشقان ھامان يورۇقلۇققا ئايلىنىپ كېتىدۇ؛ ئىككى خىل ماددىنىڭ ئۇچرىشىشىدىن كۈچلۈك يورۇقلۇق ھاسىل بولۇپلا قالماي، غايەت يۇقىرى ھارارەت ھاسىل بولۇپ، ھەرقانداق ماددىنى ھايت-ھۇيت دېگۈچە گازغا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ، مۇنداق يۇقىرى ھارارەتتە ئۇچار كېمىنى ئېرىپ كەتمەيدۇ دېگىلى بولامدۇ؟ ئالىملار بۇ ھەقتە ئۈزلۈكسىز ئىزدەنمەكتە 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#