ئۇلاق ئۇلاش

بىخ ئۇلاش- ئەلا سورتلارنىڭ شېخى ياكى بىخىنى باشقا بىر تۈپنىڭ شاخ ۋە غولىغا ياكى يىلتىزىغا ئۇلاپ، ئۇلانغان جاي پۈتۈپ ئەي بولۇپ يېڭى تۈپ ھاسىل قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇلاش- ئەلا سورتلارنىڭ شېخى ياكى بىخىنى باشقا بىر تۈپنىڭ شاخ ۋە غولىغا ياكى يىلتىزىغا ئۇلاپ، ئۇلانغان جاي پۈتۈپ ئەي بولۇپ يېڭى تۈپ ھاسىل قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يېڭى تۈپ ئۇلانغان كۆچەت دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلىنىدىغان شاخ ياكى بىخ ئۇلاق بېشى ياكى ئۇلاق بىخ دەپ ئاتىلىدۇ، ئادەتتە ئۇلاق بېشىنىڭ يىلتىز سېستىمىسى ساقلىنىپ قالىدۇ، بۇ ئادەتتە ئۇلاق تۈۋى دەپ ئاتىلىدۇ. 

ئۇلاقچىلىقنىڭ نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلىرى بار، ئۇلىماقچى بولغان كۆچەتلەر ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ، شۇڭا ئىككى تەرەپنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىدىن تەڭ پايدىلانغىلى بولىدۇ. مەسلەن، ئۇلىماقچى بولغان تۈپنىڭ بويى پاكار، قارشى تۇرۇش كۈچى كۈچلۈك ( سوغۇققا، قۇرغاقچىلىققا، ھۆلچىلىككە، شورغا، كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلارغا ) بولسا، بۇنداق ئەلا سورتلارنى ئۇلاش ئارقىلىق كېڭەيتىش، ئۇلاق بېشىنى ئادەتتە ئەلا سورتلاردىن ئېلىش ھەم پىشقان ۋاقتىدا ئېلىش لازىم. مۇشۇنداق قىلغاندا ئۇنىڭ ئەلا تەرىپىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. يەنە بەزى دەرەخلەرنى قەلەمچە قىلىش، شاخ باستۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، ئوڭايلىقچە يىلتىز تارتمايدۇ، شۇڭا چوقۇم ئۇلاش ئارقىلىق كۆپەيتىلىدۇ. 

ئۇلاق ئاساسلىقى شاخ ئۇلاق، بىخ ئۇلاق، يارما ئۇلاق دەپ ئۈچ خىل بولىدۇ. شاخ ئۇلاق بولسا ئۆسۈملۈك تۆۋەندىكى بىخى بار بولغان شاخنى ئۇلاق بېشى قىلىپ ، ئۇلاق تۈپىگە ئۇلاشنى كۆرسىتىدۇ. بىخ ئۇلاقبىخنى ئۇلاق تۈپىگە ئۇلاشنى كۆرسىتىدۇ.

يارما ئۇلاق ئۇلاق بېشى بىلەن ئۇلاق تۈۋى ھەر ئىككىلىسى قىيپاشلىنىپ، ئاندىن بىر بىرىنى چىڭ جىپىسلا شتۇرۇپ باغلاپ، ئۇلانغان جاي پۈتكەندىن كېيىن ئۇلاق بېشىدىن چىققان شاخنى ئۇلاق تۈۋىنىڭ يىلتىزىغا قالدۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. 

ئۇلاق بېشى بىلەن ئۇلاق تۈۋىنىڭ ھاسىل قىلغۇچى قەۋىتىنى ھىم جىپىسلاشتۇرۇپ باغلاپ قويسا بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلىغان جاي پۈتۈپ ئەي بولىدۇ . ئەمەلىيەتتە ئۇلانغان كۆچەتنىڭ ئۇلانغان جاينىڭ پۈتۈپ ئەي بولۇشى بىر مۇرەككەپ جەريان. مەسلەن، شاخ ئۇلاقنى مىسال قىلساق، شاخ ئۇلاق ئېلىپ بارغاندا ئۇلاق تۈۋى ۋە ئۇلاق بېشىنىڭ كېسلگەن ئېغىزىدا ئۇلانغاندىن كېيىن بىر قەۋەت قوڭۇر رەڭ ئايرىش پەردىسى ھاسىل بولىدۇ. شاخ كېسىلگەندە ئۆسۈملۈك يارىلىنىدۇ. يارىلانغان ئېغىزنىڭ توقۇلما بار يېرىدە بىر خىل ھورمون ھاسىل بولىدۇ، بۇ ھورموننىڭ رولى ئارقىلىق يارا ئېغىزىنىڭ ئەتراپىدىكى ھۈجەيرىلەر ئۆسۈپ ۋە پارچىلىنىپ، ئەسلىدىكى ھاسىل قىلغۇچى قەۋەتنىڭ ھەرىكىتى كۈچىيىدۇ ھەم ئايرىغۇچى پەردە يېرىلىپ پۈتكۈچى توقۇلما ھاسىل بولىدۇ. ئۇلاق تۈۋى بىلەن ئۇلاق بېشىنىڭ پۈتكۈچى توقۇلمىسى ئۆزئارا تۇتۇشۇپ، تېخىمۇ بۆلۈنۈپ ئىككىسىنىڭ ھاسىل قىلغۇچى قەۋەتلىرى تۇتىشىدۇ ھەم ئىچىدە ياغاچلىق قىسىم پەيدا بولىدۇ ، تېشىدا چىگىلىك قىسىم پەيدا بولىدۇ. ئۇلاق تۈۋى ۋە ئۇلاق بېشىنىڭ ئۆتكۈزگۈچ نەيچىسى بىلەن غەلۋىرسىمان نەيچىسىمۇ ئۆزئارا تۇتىشىدۇ، پۈتكەن توقۇلمىنىڭ سىرتىدىكى ھۈجەيرە بۆلۈنۈپ ، پىروپكىلاشقان ھۈجەيرىلىرى ئۆزئارا تۇتىشىدۇ، بۇ چاغدا يارا ئېغىزى ھەقىقىي پۈتۈپ ساقايغان يېڭى تۈپ بولىدۇ. ئۇلاق تۈۋى بىلەن ئۇلاق بېشىنىڭ پۈتۈپ ئەي بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار كۆپ، ئەڭ ئاساسلىقى ئۇلاق تۈۋى بىلەن ئۇلاق بېشىنىڭ بىرىكىش كۈچى بولۇپ، بىرىكىش كۈچىنىڭ ئاجىز ياكى كۈچلۈك بولۇشى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۇغقانلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يىراق - يېقىنلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئادەتتە بىرىكىش كۈچلۈك بولسا، تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى يېقىن بولىدۇ. بىرىكىش كۈچى ئاجىز بولسا يىراق بولىدۇ. ئوخشاش سورتلارنى ياكى ئوخشاش تۈرلەرنى ئۇلىسا، مەسلەن، كاشتاننى كاشتان بىلەن، تۈكلۈك شاپتۇلنى شاپتۇل بىلەن ئۇلىسا بىرىكىش كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ ھەم ئاسان ئەي بولىدۇ. ئوخشىمىغان تۈرلەرنى ئۆزئارا ئۇلىسا ، مەسلەن ، ئالما بىلەن تاش ئالمىنى، ياۋا تاش ئالما بىلەن قۇم ئالمىنى، نەشپۈت بىلەن ياۋا ئامۇتنى ئۇلاش قاتارلىقلار. بۇنداق بولغاندا ھەممىسىنىڭ بىرىكىش كۈچى ياخشى بولىدۇ. ئۇلاق تۈۋى بىلەن ئۇلاق بېشى ئۇلانغاندىن كېيىن ئەي بولمىسا، بىرىكىش كۈچى يوق بولغان بولىدۇ. تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتىدىن قارىساق، ئائىلە ئارا ئۇلىساق ھەممىسى ئەي بولمايدۇ. ئەمما ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى ئۇنىڭ سىرتىدا، مەسلەن، ( سۇزاپ ئائىلىسى ) نى نەشپۈت ( ئەتىرگۈل ئائىلىسى ) گە ئۇلىساق، جۈخارگۈلى( جۈخار ئائىلىسى) نى پەمىدۇر ( پەمىدۇر ئائىلىسى ) گە ئۇلىسا ئوخشاشلا ئەي بولىدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#