كامبرىج

كامبرىج

ئەنگلىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى خەلقئاراغا مەشھۇر ئالىي مەكتەپ شەھىرى، كامبرىج ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى. 

نامى كامبرىج
دۆلىتى ئەنگلىيە
مەمۇرىي رايون تۈرى شەھەر
خەنزۇچە نامى 剑桥
چەتئەلچە نامى Cambridge

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كامبرىجئەنگلىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى خەلقئاراغا مەشھۇر ئالىي مەكتەپ شەھىرى، كامبرىج ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى. كامبرىج شەھىرى لوندوندىن 90 كىلومېتىر شىمالىدىكى كام دەريا بويىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن كامبرىج دەپ ئاتالغان. كامبرىج شەھىرىنىڭ ئاھالىسى 106 مىڭدىن ئاشىدۇ(1976) ، شەھەردىى ئۆي ئىمارەتلەر، چېركاۋلار كونا پوسۇندا سېلىنغان.

كامبرىج ئالاھىدىسى كامبرىج داشۆسى 1209-يىلى سېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ 10 مىڭدىن ئوشۇق ئوقۇغۇچىسى، 2000 دىن ئوشۇق تەتقىقاتچىسى، ئۈچ مىليون نۇسخا كىتابى بار كۇتۇپخانىسى، مۇزېي، ھەرخىل تەتقىقات ئورۇنلىرى بار. بۇنىڭدىن باشقا 1284-يىلى قۇرۇلغان سىفەن شۆيۈەنى، 1564-يىلى قۇرۇلغان تىرنىد شۆيۈەنى، دارۋىن داشۆسى، چېرچىل شۆيۈەنى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرمۇ بار. دۇنياغا مەشھۇر پەن ئالىملىرىدىن نۇيۇتون، دارۋېن قاتارلىق كىشىلەر كامبرىج شەھىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغان ھەم شۇ جايدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. كامبرىج شەھىرىدە ئىچىدە پەن، مەدەنىيەت ئورۇنلىرى، تارىخىي ئورۇنلار، قەدىمىي شەھەر خارابىلىرى، ئاتاقلىق چېركاۋلار بار. شەھەر رايونىدا قۇرۇلۇش-بىناكارلىق، نەشرىياتچىلىق، ھەرخىل ئوقۇتۇش ئەسۋابلىرىنى ياساش، ئۇن سېمونت زاۋۇتى قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    100%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#