زەمبۇرۇغلۇق جىنسىي يول ياللۇغى

زەمبۇرۇغلۇق جىنسىي يول ياللۇغى

 ئاق خۇن كېلىش، جىنسىي ئەزا قىچىشىش، كۆيۈشۈپ ئاغرىش، سۈيدۈك قېتىمى كۆپىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك. 

غەرب تېبابىتى نامى زەمبۇرۇغلۇق جىنسىي يول ياللۇغى
كېسەللىك سەۋەبى خىلتىسىز قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتى كېلىپ چىقىدۇ
تەۋە بۆلۈم ئاياللار بۆلۈمى
ئاساسلىق ئالامىتى ئاق خۇن كۆپىيىدۇ
خەنزۇچە نامى 真菌性阴道炎
كېسەللىك ئورنى جىنسىي يول

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاق رەڭلىك تەسۋىسىمان جاراسىمنىڭ جىنسىي يولدا پارازىتلىق بىلەن ئۆسۈپ كۆپىيىپ، ياللۇغ ئوچىقى شەكىللەندۈرۈشىدىن كىلىنكىدا پۇرچاق تىلىپىدەك ئاق خۇن كېلىش، جىنسىي ئەزا قىچىشىش، كۆيۈشۈپ ئاغرىش، سۈيدۈك قېتىمى كۆپىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك. بۇ كېسەللىك كۆكەرتكۈچى جاراسىم خاراكتېرلىك جىنسى يول ياللۇغى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. زەمبۇرۇغلۇق جىنسىي يول ياللۇغى تامچە قۇرت خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغىدىن قالسىلا كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك ئۆزگىرىشى ھېسابلىنىدۇ. ئاق رەڭلىك تەسۋىسىمان جاراسىم كۆكەرتكۈچى جاراسىمنىڭ بىر تۈرى، كۆكەرتكۈچى جاراسىم بىر خىل گرام مۇسبەت باكتېرىيە (جاراسىم) بولۇپ، بۇ جاراسىم سوقىچاق شەكلىدە بولىدۇ. بىخلىما سپورا ۋە ھۈجەيرە بىخلىنىشتىن شەكىللەنگەن باكتېرىيە ساختا يىپچىلىرى بولىدۇ. بۇ يىپچىلار سپورا بىلەن زەنجىرسىمان ياكى شاخسىمان ھالەتتە تۇتىشىدۇ. 5.5~6.5-PH بولغان مۇھىتتا ئۆسۈپ كۆپىيەلەيدۇ. ھامىلىدار بولمىغان ئاياللارنىڭ 10% ى ۋە ھامىلىدار ئاياللارنىڭ 33% نىڭ جىنسىي يولىدا بۇ خىل جاراسىملار بولىدۇ. ئادەتتە كۆپ قىسىمدا ياللۇغلۇق ئۆزگىرىش ۋە باشقا ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ. پەقەت ئاز ساندىكىلەر ياكى ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يەرلىك ئورۇندىكى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن جاراسىملار ئۆسۈپ كۆپىيىپ، نورمال جاراسىملار توپى بۇزۇلغاندا ياللۇغ ئوچىقى شەكىللەندۈرىدۇ.

1. خىلتىسىز قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتى كېلىپ چىقىدۇ. ھەرخىل سەۋەبلەردىن قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتنىڭ ئىچكى-تاشقى جەھەتتىن بەدەنگە زىيادە تەسىر قىلىشىدىن خىلتىسىز قۇرۇق ئىسسىقتىن مىزاج بۇزۇلۇش كېلىپ چىقىدۇ. بەدەندىكى كەيپىيات جەھەتتىن كېلىپ چىققان بۇ خىل تەڭپۇڭسىزلىقلار جاراسىملارنىڭ بەدەن سىرتىدىن تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى، بەدەن ئىچىدە پارازىت ياشايدىغان جاراسىملارنىڭ ئۆسۈپ كۆپىيىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلايدۇ. بۇ شارائىت جىنسىي يولدا ئاق رەڭلىك تەسۋىرسىمان جاراسىمنىڭ ياللۇغ ئو چىقى شەكىللەندۈرۈشىگە سەۋەب بولىدۇ.

 2. زەڭگەر سەپرا خىلىتى تەسىرىد ىن كېلىپ چىقىدۇ. زەڭگەر سەپرا خىلىتىنىڭ ھاسىل بولۇشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان، خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش جاراسىملارنىڭ تاجاۋۇز كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. يەنى ئاق رەڭلىق تەسۋىسىمان زەمبۇرۇغ بەدەندە كۆرۈلگەن تەڭپۇڭسىز مۇھىتتىن پايدىلىنىپ ئۆسۈپ كۆپىيىدۇ ۋە ياللۇغ ئوچىقى شەكىللەندۈرىدۇ.

 3. تەبىئەت كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بەدەندە كۆرۈلگەن خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش، خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش، قوشنا ئەزالارنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىش، بەدەن ماددا ئالمىشىشىنىڭ قالايمىقانلىشىشى قاتارلىق ئامىللار ئومۇمىي بەدەن ۋە يەرلىك ئورۇننىڭ تەبىئەت كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، جاراسىملارنىڭ تاجاۋۇز قىلىشىغا شارائىت ھازىرلايدۇ. مەسىلەن: دىئابېت كېسىلى، ھامىلىدار ئاياللار (تېنىدە بولىدىغان ماددا ئالمىشىشىدىكى ئۆزگىرىش) ، يۇيۇنۇش كۆلچىكىدە يۇيۇنۇش تېببىي داۋالاش سايمانلىرىدىن يۇقۇش، جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق يۇقۇش قاتارلىقلار.

ئاق خۇن كۆپىيىدۇ، زەمبۇرۇغلۇق جىنسىي يولى ياللۇغىدا كۆرۈلىدىغان ئاق خۇن يېپىشقاق، قويۇق، دۇفۇ تىرىپىدەك ياكى ئېرىگەن سۈتتەك بولىدۇ. ئاق خۇن بەزىدە سۇيۇق كېلىدۇ، تاشقى جىنسىي ئەزادا قىچىشىش كۆرۈلىدۇ. تاشقى جىنسىي ئەزا قىچىشىش بۇ كېسەلنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى بولۇپ، كېسەللىك ئېغىرلاشقاندا ئولتۇرسىمۇ، ياتسىمۇ ئارام تاپالماي ئۇيقۇسىغا تەسىر يېتىدۇ. تاتىلاش نەتىجىسىدە يەرلىك ئورۇن زەخىملەنسىمۇ، يەنىلا قىچىشىش توختىمايدۇ. قىچىشىش بىلەن بىرگە كۆيۈشۈپ ئاغرىشمۇ بىللە قوشۇلۇپ كېلىدۇ. سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپىيىش، سىيگەندە ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا ئاغرىش كۆرۈلىدۇ. دوۋسۇن كۆپۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ زەمبۇرۇغنىڭ سۈيدۈك يولى ۋە دوۋسۇنغا كۆرسەتكەن تەسىرىدىن ئىبارەت. ئاياللار بۆلۈمىدە تەكشۈرگەندە: جىنسىي يولنىڭ سىرتىغا بىرقەۋەت نېپىز ئاق پەردىگە ئوخشايدىغان ئاجراتمىلار چاپلىشىپ تۇرىدۇ. سۈرتسە ئاسان چىقمايدۇ. سۈرتۈپ چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، جىنسىي يول شىللىق پەردىسى قىزىرىپ ئىششىيدۇ ياكى ئازراق قانايدۇ، بەزى ئاياللاردا تېيىز يارىلارنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ.

1. تىپىك كېسەللىك ئالامىتى ۋە ئاياللار بۆلۈمىلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.ئاق خۇن كۆپىيىش، ئاق خۇن دۇفۇ تىرىپىدەك ياكى ئېرىگەن سۈتتەك كېلىش، تاشقى جىنسىي ئەزالار قىچىشىش، ھەتتا تاتىلاپ زەخىملەندۈرگەندىمۇ قىچىشىش پەسەيمەسلىك، قىچىشىش بىلەن بىرگە كۆيۈشۈپ ئاغرىش، سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپىيىش، ئاياللار بۆلۈمىدە تەكشۈرگەندە جىنسىي يول سىرتىغا بىر قەۋەت ئاق رەڭلىك پەردە ھاسىل بولۇش ئالامەتلىرى بولىدۇ. 

 2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. 1) سۇۋالما ئېلىپ تەكشۈرۈلىدۇ. 2) سۇۋالمىنى بوياپ تەكشۈرۈش: بىمارنىڭ جىنسىي يولىدىن ئېلىنغان ئاق خۇننى ئەينەك پىلاستىنكىغا سۈرتۈپ، ئاق خۇن قۇرۇغاندىن كېيىن 1% لىك گىنتىئان ۋىئولىت بىلەن بوياپ دەرھال چايقىۋېتىپ مىكروسكوپتا تەكشۈرۈلىدۇ . ئەگەر ئاق تەسۋىسىمان جاراسىمدىن يۇقۇملىنىش بولغان بولسا جاراسىمنىڭ بىخلىق سپورىسى ۋە يالغان جاراسىم يىپچىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.3) جاراسىم ئۆستۈرۈش: ئەگەر كېسەللىك ئالامەتلىرى بولۇپ كۆپ قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي بولسا جاراسىم ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىئاگنوز مۇقىملىنىدۇ.

كېسەلنىڭ يۇقۇپ تارقىلىشى تېز بولۇپ، ئالدىنى ئېلىش ناھايىتى مۇھىم. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىرنەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

 1. تازىلىق تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش، بولۇپمۇ دىئابېت كېسىلى، ھامىلىدار ئاياللار تاشقى جىنسىي ئەزاسىنى پاكىز تۇتۇشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، كىر يۇيۇش داسلىرى ياكى يۇيۇنىدىغان داسلارنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

 2. ئاياللار كېسەللىكلىرىنى ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش خىزمىتىنى قەرەللىك تۈردە قانات يايدۇرۇش، ئاياللار بۆلۈمىدە ئىشلىتىلىدىغان ھەرخىل سايمانلارنىڭ دېزىنفېكسىيىسىگە دىققەت قىلىش لازىم.

 3. ئىچ كىيىملەرنى، يۇيۇنۇش لۆڭگىلىرىنى قايناق سۇدا يۇيۇش ۋە ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ دەزمال سېلىپ كىيىش كېرەك.

1. مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، تەڭشەش ۋە تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

 2.جاراسىملارنى يوقىتىپ، قان تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ. 

3. تەبىئەت كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا بەدەننى قۇۋۋەتلەش، تەبىئەت كۈچىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

مىزاجنى تەڭشەش، جاراسىمنى تازىلاپ، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ قوللىنىلىدۇ. 2~4% لىك سودا سۈيىدە كۈندە ئۈچ قېتىم جىنسىي ئەزا يۇيۇلىدۇ. ئىتئۈزۈمى، سېمىز ئوت ئۇرۇقى، مامىرانچىنى، ئوسما يىلتىزى، سېرىقچېچەك قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قاينىتىپ سۈزۈپ، ھۆل پاقىيوپۇرمىقىنىڭ سۈيىنى قوشۇپ، جىنسىي ئەزا كۈندە ئۈچ قېتىم يۇيۇلىدۇ. گىل بىنەپشە، نىلۇپەر، ئەمەن، بابۇنە، ئىتئۈزۈمى، بابۇنە ھەر بىرىنى 15 گرامدىن ئېلىپ، قاينىتىپ، سوۋۇتۇلغان دورا سۈيىدە جىنسىي ئەزا كۈندە ئۈچ قېتىم يۇيۇلىدۇ. سەندەل، مامسا ھەر بىرى 6 گرامدىن، ھۆل پاقىيوپۇرمىقىنىڭ سىقىلغان سۈيى 15 مىللىلىتىر، مۇقەل شىرىسى 6 مىللىلىتىر، كۆك يۇمغاقسۈت سۈيى 15 مىللىلىتىر، بىنەپشە يېغى 16 مىللىلىتىر قائىدە بويىچە مەلھەم تەييارلاپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ. كاپۇرا (ئاز مىقداردا) ، يۇمغاقسۈت، سەندەل، نېلۇپەردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قائىدە بويىچە زىمات تەييارلاپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ. سەندەل، مامسا، ھېلىلە، تېكە ساقىلى ئۇسارىسى، ھۆل يۇمغاقسۈت، سېمىز ئوت ئۇرۇقى، ئۇسۇڭ ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ بىرلەشتۈرۈپ، خىمىر قىلىپ پەرجىگە قويۇلىدۇ. سېرىقچېچەك، ئىتئۈزۈمى، كاكىنەچ ھەربىرىدىن 20 گرام ئېلىپ، قاينىتىپ، سۈيىدە ۋاننا قىلىنىدۇ. بىنەپشە، ئىكلىلمىلىك، بابۇنە، ئىتئۈزۈمى، سېرىقچېچەك، كاكىنەچ، ئانار پوستى قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن 15 گرامدىن ئېلىپ، قاينىتىپ ۋاننا قىلىنىدۇ. مامىرانچىنى، سېرىقچېچەك، بابۇنە، سېمىز ئوت ئۇرۇقى، ئىكلىلمىلىك، كاكىنەچلەرنىڭ ھەر بىرىدىن 15 گرام، ئىتئۈزۈمى، چۆپچىن، موزا، كاۋاۋىچىن، شاھتەررە قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن 10 گرام ئېلىپ، قاينىتىپ، كۈندە ئىككى قېتىم ئابىزەن قىلىنىدۇ. TDP نۇرىغا قاقلاپ داۋالىنىدۇ. ئۇسۇلى تامچە قۇرت خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغىدا سۆزلەنگەن ئۇسۇل بىلەن ئوخشاش. زەڭگەر سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا، زەڭگەر سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا قان تازىلىغۇچى، ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلاردىن ئۆشبە، چۆپچىن، ئاق لەيلى ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 ~ 80 مىللىلىتىردىن 7 ~ 5 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 ~ 80 مىللىلىتىردىن 5 ~ 3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، زەڭگەر سەپرا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ. جاراسىملارنى يوقىتىپ، قان تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ. ئىترىفىل شاھتەررە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 ~ 5 گرامدىن؛ ئەرقى چۆپچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى شوخلا كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80~100 مىللىلىتىردىن؛ شەربىتى ئۆشبە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن؛ مەجۈنى ئۆشبە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، تەبىئەت كۈچىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ. داۋائىمىشكى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن بۇرۇن، ئۈچ گرامدىن؛ ماددەتۇلھايات كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، 10 گرامدىن؛ جاۋارىش مىشكى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 7~15 گرامدىن؛ ئەۋرىشىم شەربىتى كۈنىگە ئىككى قېتىم، تاماقتىن بۇرۇن 20~10 مىللىلىتىردىن؛ مۇفەررىھى ياقۇت كۈندە ئىككى قېتىم تاماقتىن بۇرۇن 30 مىللىلىتىردىن ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەللى−ك، زى−يادە ي−ۇقىرى ھ−ارارەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ. 

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، قان ۋە سەپرا خىلىتىنىڭ ھارارىتىنى تۆۋەنلىتىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يىمەك-ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ. مەسىلەن: توخۇ گۆشى، پاقلان گۆشى، كەپتەر گۆشى، چىلان، كۆك ئۈزۈم، بادام قاتارلىقلار.

 3. شەخسىي تازىلىق ۋە ئاممىۋى تازىلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش، جىنسىي ئەزالارنىڭ پاكىز، قۇرغاق بولۇشىغا دىققەت قىلىش، باشقا كېسەللىكلەر بولسا ۋاقتىدا داۋالىتىش، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

 4. بەك قېلىن كىيىنىشتىن، ئاممىۋى مۇنچىغا چۈشۈش ۋە سۇ ئۈزۈش كۆلچەكلىرىدە سۇ ئۈزۈشتىن، ئىچ كىيىملەرنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ كىيىشتىن، ناپاك جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم، بولۇپمۇ كېسەل تولۇق ساقىيىپ بولمىغىچە قەتئى جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماسلىق كېرەك.

ئەگەر ۋاقتىدا مۇۋاپىق داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىسا، ياللۇغ ئاجرالما ماددىلىرى تاشقى جىنسىي ئەزا ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1271

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1271

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#