مەقئەت يېرىلىش
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
مەقئەت يېرىلىشسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، مەقئەت ئەتراپى جىددىي ياللۇغلىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
بۇ مەقئەت ۋە مەقئەت ئەتراپىنىڭ جىددىي ياللۇغلىنىشى، قۇرۇق ئىسسىقلىقنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن مەقئەت پۇرىمەك مۇسكۇللىرىنىڭ يېرىلىپ كېتىشى، بوۋاسىردىن پەيدا بولىدىغان مەقئەت تېرىسىنىڭ زەخىملىنىشى، گەندە مۇنىكىنىڭ قاتتىق ھەم توم بولۇشى، مەقئەت ئەتراپى تازىلىقىنىڭ ياخشى بولماسلىقى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ.
ئالامىتى: مەقئەت ئەتراپى ئېرىقچە شەكىلدە يېرىلىش، قىزىرىپ ئىششىش، تەرەت قىلغاندا ئاغرىش، قاناش، ئېچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
بوۋاسىرغا ئوخشاش گەندىنىڭ ئۈستىگە بىرقانچە تامچىدىن بىرقانچە مىللىلىتىرغىچە قان تېمىپ قالىدۇ، ئۇزاققىچە ساقايمايدۇ. ئوفۇنەتلىنىش ئاسانلا تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ھارارەت سەپرا ياكى قان خىلىتى تەسىرىدىن پەيدا بولغان بولسا شۇلارغا خاس ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، مەقئەت ئېچىشىدۇ.
1-رېتسېپ
تەركىبى: سېرىق ھېلىلە، كابۇل ھېلىلىسى، بەلىلە، سەرپىستان، ئەينۇلا 30 گىرامدىن، قارا ھېلىلە، تەرەنجىبىن 20 گىرامدىن، بىنەپشە، نېلۇپەر، كاسىنە ئۇرۇقى، شاھتەررە، سانا 50 گىرامدىن، تەمرى ھىندى، بادام مېغىزى، خىيارشەنبەر 10 گىرامدىن، سۇ 800 گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۇغا سېلىپ، 500 گىرام سۈيى قالغۇچە قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.