مۇپەررى دىلكۇشات ئىچىملىكى
مۇپەررى دىلكۇشات ئىچىملىكىمىزاجنى تەڭشەش، يۈرەكنى كۈچەيتىش، مېڭىنى سەگەكلەشتۈرۈش تەسىرىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇ جىگەررەڭلىك سۇيۇقلۇق بولۇپ،تەمى تاتلىق،ئازراق ئاچچىق.
سۆئىلەپ 30g تۇرۇنجى پوستى 9g
گۈل دارچىن 15g مەستىكى 9g
گاۋزىبان 15g لىسىنىل ئەساپىر 9g
قىزىلگۈل 15g بەسباسە 9g
ئۆشنە 12g مەرۋايىت 6g
خۇلىنجان 9g سازەچ 6g
كاۋاۋىچىن 9g سەئىدى كوفى 6g
قەلەمپۇر 9g ئەمبەر 6g
سۇمبۇل 9g بىخ مارجان 3g
قاقىلە 9g كەھرىۋا 3g
نارجىل 9g پىلپىل 3g
جويۇز 9g زەنجىۋىل 3g
پەرەنجىمىشكى 9g ئىپار 2g
يۇقۇرىدىكى 26 خىل دورىدىن،ئىپار ، ئەنبەرلەرگە سۇ قوشۇپ 10 مىنۇتتىن 5 قېتىم ئايلانما ئېقىمدا قاينىتىمىز،دورا سۈيىنى بىرلەشتۈرۈپ سۈزۈپ تەييارلايمىز؛ باشقا دورىلارغا سۇ قوشۇپ 12 سائەت چىلىغاندىن كېيىن 2 قېتىم قاينىتىمىز شۇنىڭ بىلەن بىرگە
300ml ئەرەق يىغىۋالىمىز،ھەر قېتىمدا 2 سائەتتىن قاينىتىپ،قاينىتىلمىلارنى بىرلەشتۈرۈپ، سۈزۈپ، سۈزۈلگەن سۇيۇقلۇقنى مۇۋاپىق مىقداردا قۇيۇلدۇرۇپ، ئىسپىرت قوشۇپ ئىسپىرت مىقدارىنى %60 كە تەڭشەپ،24 سائەت تىنچ تۇرغۇزۇپ،سۈزۈپ، سۈزۈۋېلىنغان سۇيۇقلۇقتىكى ئىسپىرتنى يىغىۋېلىپ، شېكەرنى قوشۇپ قىزىتىپ ئېرىتىپ، يۇقۇرىدىكى ئەرەق، ئىپار، ئەنبەرلەرنىڭ دورا سۈيىنى قوشۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ،سۈزۈپ، 300ml سۇيۇقلۇق تەييارلاپ ئامپۇلغا ئېلىپ، مىكروپسىزلاندۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
نىسپى زىچلىقى 1.05 دىن تۆۋەن بولماسلىق (جوڭگو دورا قامۇسى بىرىنجى بۆلۈم قوشۇمچە Ⅶ A) كېرەك. PHقىممىتى 6.5 ~ 4.0 گىچە بۇلۇشى(جوڭگو دورا قامۇسى بىرىنجى بۆلۈم قوشۇمچە Ⅶ G) كېرەك. باشقالار:بۇ دورا ئىچىملىك ياسالمىسىغا ئالاقىدار ھەر خىل بەلگىلىمىلەر (جوڭگو دورا قامۇسى بىرىنچى بۆلۈم 2010-يىل، قوشۇمچە IH) گە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.
دورىدىن 20ml ئېلىپ پارلاندۇرۇپ قۇرۇتۇپ،دورا قالدۇقىغا 20ml مېنتانول قوشۇپ ئېرىتىپ،ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىدا 10مىنۇت چەككىلەپ، 1ml قالغىچە قۇيۇلدۇرۇپ سىناق ئېرىتمىسى قىلىپ تەييارلايمىز.قىزىلگۈل سېلىشتۇرما دورىسىدىن 2g ئېلىپ، 10mlمېنتانول قوشۇپ،
ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىدا 20 مىنۇت تۇرغۇزۇپ، سۈزۈپ، سۈزۈلمىنى سېلىشتۇرۇلىدىغان ئېرىتمىسى تەييارلايمىز.نېپىز قەۋەتلىك رەڭ سىپېكتىر ئۇسۇلى (قوشۇمچە Ⅵ B) سىنىقى تەجرىبىسىگە ئاساسەن، سىناق قىلىنغۇچى دورا ئېرىتمىسىدىنµl5،سېلىشتۇرۇلىدىغان دورا ئېرىتمىسىدىنµl10 شۈمۈرۈپ ئېلىپ،نېپىز قەۋەتلىك سىلىكاگىل G لىق تاختا ئۈستىدىكى ئايرىم-ئايرىم نوقتىغا تېمىتىپ،(17∶3) سېكلو ھېكسان-ئېتىل ئاتسىتاتنى يېيىلدۇرغۇچى قىلىپ يېيىلدۇرۇپ، شامالدىتىپ قۇرۇتۇپ، تاختا ئۈستىگە %5لىك ۋانىللىن سۇلفات كىسلاتا ئېرىتمىسىنى پۈركۈپ،℃105 لۇق ھارارەتتە داغ توچكىلىرى ئېنىق كۆرۈنگىچە قىزىتىمىز. سىناق قىلىنغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدا، سېلىشتۇرۇلىدىغان دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.