شاڭ سۇلالىسى

شاڭ سۇلالىسى

شاڭ سۇلالىسى17 ئەۋلاد، 30 پادىشاھ دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 16-ئەسىردە دۆلەت قۇرۇلغاندىن تارتىپ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 11-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھالاك بولغانغا قەدەر تەخمىنەن600 يىل داۋاملاشتى.شاڭ قەبىلىسى ئەسلىدە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىپ ياشايدىغان قەبىلە ئىدى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، شاڭنىڭ بوۋىسى چىنى ئانىسى جيەن دى قارلىغاچنىڭ تۇخۇمىنى يۇتۇۋېلىپ تۇغقانمىش. چىنىڭ 14-ئەۋلادى شاڭ تاڭ دەۋرىگە كەلگەندە شاڭ قەبىلىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچى كۈنسېرى كۈچىيىپ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى16 -ئەسىردە شيا سۇلالىسىنى يوقىتىپ، شاڭ سۇلالىسىنى قۇردى.

ئۇيغۇرچە نامى شاڭ سۇلالىسى
خەنزۇچە نامى 商朝
قىتئە تەۋەلىكى ئاسىيا
سىياسىي تۈزۈلمىسى پادىشاھلىق تۈزۈم
ئەلباشى شاڭ تاڭ
ئاساسلىق مىللىتى خۇاشيا
پايتەختى شاڭچيۇ
باشقا نامى Shang Dynasty

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شاڭ قەبىلىسى ئەسلىدە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىپ ياشايدىغان قەبىلە ئىدى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، شاڭنىڭ بوۋىسى چىنى ئانىسى جيەن دى قارلىغاچنىڭ تۇخۇمىنى يۇتۇۋېلىپ تۇغقانمىش. چىنىڭ 14-ئەۋلادى شاڭ تاڭ دەۋرىگە كەلگەندە شاڭ قەبىلىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچى كۈنسېرى كۈچىيىپ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى16 -ئەسىردە شيا سۇلالىسىنى يوقىتىپ، شاڭ سۇلالىسىنى قۇردى.

شاڭ تاڭ بو(ھازىرقى خېنەندىكى شاڭچيۇ ئەتراپى) نى پايتەخت قىلىپ بېكىتتى، كېيىن پايتەختنى كۆپ قېتىم كۆچۈردى. پەن گېڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندە، پايتەختنى يىن(ھازىرقى خېنەن ئۆلكىسىدىكى ئەنياڭنىڭ شياۋتۇنسۈن كەنتى) گە كۆچۈردى، شۇڭا شاڭ سۇلالىسى تارىختا يەنە يىن سۇلالىسى ياكى يىن-شاڭ سۇلالىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ۋۇدىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندە، قۇرۇلۇش ئۇستىسى فۇ شۇنى ئەركانلىققا تەيىنلەپ سىياسىينى زور كۈچ بىلەن ئىسلاھ قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، شاڭ سۇلالىسىنى مىسلىسىز قۇدرەت تاپقۇزدى.

شاڭ سۇلالىسى17 ئەۋلاد، 30 پادىشاھ دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 16-ئەسىردە دۆلەت قۇرۇلغاندىن تارتىپ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 11-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھالاك بولغانغا قەدەر تەخمىنەن600  يىل داۋاملاشتى. 

شاڭ سۇلالىسىئارخېئولوگىيىلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈش شاڭ سۇلالىسىنىڭ سىياسىي تەسىرى ۋە مەدەنىيەت تەسىرىنىڭ كېڭەيگەنلىكىنى، جەنۇبتا چاڭجياڭ دەرياسىدىن ھالقىپ، شىمالدا لياۋشىغا، غەربتە شەنشىگىچە كېڭىيىپ، تەسىر دائىرىسى شيا سۇلالىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.


شاڭ سۇلالىسى قۇللۇق تۈزۈم ئىنتايىن كۈچەيگەن سۇلالە بولۇپ، شاڭ پادىشاھى باشچىلىقىدىكى چوڭ-كىچىك قۇلدار ئاقسۆڭەكلەر ھۆكۈمرانلار سىنىپىنى تەشكىل قىلغانىدى. شاڭ سۇلالىسى پادىشاھىنىڭ قول ئاستىدا ۋەزىر، ئايماقدار، ئەمىر زېمىن، ئەمىر مېمار، زىندان بېگى، ئەمىر لەشكەر قاتارلىق تۈرلۈك ئەمەل-مەنسەپلەر تەسىس قىلىنغان بولۇپ، شاڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئاپپاراتلىرىنى تەشكىل قىلغانىدى. شاڭ سۇلالىسىنىڭ يەنە نۇرغۇن لەشكىرى بار ئىدى. ئۇلار ئوڭ، ئوتتۇرا، سول ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەنىدى. شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ناھايىتى كۆپ قۇل بار ئىدى. قۇلدارلارنىڭ قول-سانائەت جۇجۇقلىرىدا يەنە «ھۈنەرۋەن» دەپ ئاتىلىدىغان كۆپلىگەن قۇللار ئەمگەك قىلاتتى. قۇلدارلار قۇللارنى ھايۋان قاتارىدا كۆرۈپ، خالىغان چاغدا ئۆلتۈرۈۋېتەتتى. قۇلدار ئاقسۆڭەك ئۆلسە، قۇللارنى ئۆلتۈرۈپ بىللە دەپنە قىلاتتى، ساراي، قەسىر، ئىبادەتخانا سالغاندا قۇللارنى ئۆلتۈرۈپ نەزىر قىلاتتى، ئەجدادلارغا ئاتاپ نەزىر-چىراغ بەرگەندە، قۇللارنى ئۆلتۈرۈپ قۇربانلىق قىلاتتى. شاڭ سۇلالىسى پادىشاھلىرىنىڭ قەبرىلىرىدە، ھەمدەپنە قىلىنغان قۇللارنىڭ سانى ئاز بولغاندا نەچچە ئونغا، كۆپ بولغاندا نەچچە يۈزگە، ئەڭ كۆپ بولغاندا نەچچە مىڭغا يەتكەنىدى. 

شاڭ سۇلالىسى يادىكارلىقلىرىشاڭ سۇلالىسىنىڭ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ تۈرىمۇ ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، سۆك، سۇلۇ، تېرىق، بۇغداي، مۇچ(لازا) ، شال قاتارلىقلار بار ئىدى. مەشۇت ئىشلەپچىقىرىش ئاساسلىق دېھقانچىلىق پائالىيىتىگە ئايلانغانىدى. ئات، كالا، قوي، توخۇ، ئىت، چوشقىدىن ئىبارەت «ئالتە ھايۋان» مۇ كەڭ كۆلەمدە بېقىلغانىدى. قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىدى، ئۇنىڭ ئىچىدە برونزا قوراللارنى ياساش ئەڭ ۋەكىل خاراكتېرگە ئىگە ئىدى. برونزا تاۋلاش تېخنىكىسى خېلى يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن بولۇپ، تۈرلۈك مۇراسىم بۇيۇملىرى، مەي-شاراب بۇيۇملىرى ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ئىشلەپچىقىرىلاتتى، ئىشلەپچىقىرىلغان بۇيۇملارنىڭ شەكلى كۆركەم، گۈل-بېزەكلىرى نەپىس ئىدى. ھازىرغىچە تېپىلغان شاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تەئەللۇق ئەڭ چوڭ برونزا بۇيۇم 875 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى سىموۋۇ چوڭ چاسا داڭقىنى بولۇپ، مۇشۇنداق چوڭ برونزا بۇيۇمنى قۇيۇش ئۈچۈن نەچچە 100 ئادەم ھەمكارلىشىپ ئىشلەشكە توغرا كېلەتتى.

شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە مەدەنىيەت تەرەققىياتىمۇ مىسلىسىز يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەنىدى. شياۋتۇنسۈن كەنتىدىن تېپىلغان 100 نەچچە مىڭ پارچە سۆڭەكتە تەخمىنەن 5000 غا يېقىن تاق خەت بايقالدى. خەنزۇچە خەتنىڭ شەكىل، تاۋۇش، مەنە، ئىش-ھەرىكەتنى بىلدۈرۈش، قىياسەن ئارىيەت ئېلىش قاتارلىق شەكىللەردىن تەركىب تاپقان ئاساسىي قۇرۇلمىسى چىغىناق-تارغاق يېزىقىدا تولۇق ھازىرلانغان، بۇ، چىغىناق-تارغاق يېزىقىنىڭ بىرقەدەر پىشىپ يېتىلگەن يېزىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىلمىي نۇجۇم(ئاسترونومىيە) ، تەقۋىمچىلىك(كالېندارچىلىق) مۇ خېلىلا يۈكسەلگەنىدى، چىغىناق-تارغاق يېزىقلىرىدا ئاسترونومىيىلىك ھادىسىلەرگە مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەر ۋە بۇرج-مۈچەل ئارقىلىق كۈننى خاتىرىلەش ئۇسۇلىنىڭ مۇكەممەل قوللىنىلغانلىقى ھەققىدىكى خاتىرىلەر بار، شۇنداقلا كىشىلەر كەبىسە ئېيىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق قەمەرىيە(ئاي كالېندارى) بىلەن شەمسىيە(قۇياش كالېندارى) ئوتتۇرىسىدىكى كۈن سانى پەرقىنى تەڭشەشنى بىلىۋالغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى كالېندارچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساس سالغان.

خېنەندىكى ئەنياڭنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان شياۋتۇنسۈن كەنتىدىكى دېھقانلار يەر ئاغدۇرغاندا دائىم يېزىق ئويۇلغان تاشپاقا قېپى، كالىنىڭ تارغاق سۆڭىكى قاتارلىقلارنى ئۇچرىتىپ قالاتتى ھەمدە بۇلارنى جۇڭگو تېبابەتچىلىكى دورا ماتېرىيالى − «ئەجدىھا سۆڭىكى» ئورنىدا دورىخانىلارغا سېتىپ بېرەتتى. بۇ قەدىمكى يېزىقلار دەل شاڭ سۇلالىسىنىڭ يېزىقى «چىغىناق-تارغاق يېزىقى» ئىدى. چىغىناق-تارغاق يېزىقىنىڭ تېپىلىشى كىشىلەرنى شاڭ سۇلالىسىنىڭ تارىخى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئىشەنچلىك چۈشەنچىگە ئىگە قىلدى.

شاڭ سۇلالىسىجۇۋاڭ شاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھى بولۇپ، ئۇ، شياجيېدىن كېيىنكى نامى جاھانغا پۇر كەتكەن يەنە بىر زوراۋان پادىشاھ ئىدى، ئۇ ئەيش-ئىشرەتكە بېرىلىپ، ھەشەمەتلىك ئوردا-سارايلارنى سالدۇرۇپ، خەلقنىڭ مال-مۈلكىنى ياۋۇزلارچە قاقتى-سوقتى قىلىپ، دەھشەتلىك جازا قانۇنلىرىنى يولغا قويۇپ، ئاۋام خەلقنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى. ۋېيخې دەرياسى ۋادىسىدا ياشايدىغان جۇ قەبىلىسى ۋۇ ۋاڭ جى فانىڭ رەھبەرلىكىدە، باشقا قەبىلىلەر بىلەن بىرلىشىپ، شاڭ پادىشاھى جۇ شەرقىي يىلارغا ھۇجۇم قىلىپ، دۆلەت ئىچى قۇرۇق قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ لەشكەر تارتىپ شاڭ سۇلالىسىگە جازا يۈرۈشى قىلدى. شاڭ پادىشاھى جۇ زور تۈركۈمدىكى قۇللارنى قوراللاندۇرۇپ، ئالدىنقى سەپكە ئاتلاندۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. نەتىجىدە، ئەۋەتىلگەن قۇللارنىڭ «كەينىگە قارىتىپ نەيزە ئۇرۇش» (قۇللار قوزغىلىڭى) ۋەقەسى يۈز بەردى. مەغلۇپ بولغان شاڭ پادىشاھى جۇ ئوتقا سەكرەپ ئۆلۈۋالدى، شۇنىڭ بىلەن شاڭ سۇلالىسى مۇنقەرز بولدى. شاڭ سۇلالىسى 17 ئەۋلاد 30 پادىشاھ دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 16-ئەسىردە دۆلەت قۇرۇلغاندىن تارتىپ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 11-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھالاك بولغانغا قەدەر تەخمىنەن 600 يىل داۋاملاشتى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#