يۈرەك قىرىنچىسى تىترەش

يۈرەك قىرىنچىسى تىترەش
يۈرەك قىرىنچىسى تىترەش كۆز قارىچۇقى يوغىناش، نەپەس ئۈزۈلۈپ-ئۈزۈلۈپ داۋاملىشىش، ئۇنىڭدىن باشقا مېڭە ۋە يۈرەككە قان يېتىشمەسلىكنىڭ ئالامەتلىرى بىلەن ئىپادىلىندىغان كېسەللىك.


جۇڭيى تىبابىتى نامى يۈرەك قىرىنچىسى تىترەش
كېسەللىك ئورنى يۈرەك
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھەرخىل يۈرەك كېسەللىكلىرى ۋە باشقا سەۋەبلەردىن يۈرەك ئۆتكۈزۈش سىستېمىسىنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، كلىنىكىدا يۈرەك قېرىنچىسى تىترەش ۋە يۈرەك زەئىپلىكىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.

1.يۈرەك كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

مەسىلەن: ئۆتكۈر يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، ئىككى قاپقاقلىق كلاپان بوشاپ كېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

2. قاندىكى كالىي مىقدارى ئېشىپ كېتىش ياكى كالىي مىقدارى تۆۋەنلەش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

3. زەھەرلىنىش، توك سوقۇش، چاقماق سوقۇش، سۇدا تۇنجۇقۇش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

يۈرەك قېرىنچىسى تىترەش قان ئايلىنىش ئېقىمىنى ئاستىلاتسا يۈرەك ئاۋازى يوقىلىدۇ، تومۇر سوقۇشنى تۇتۇپ بىلگىلى بولمايدۇ، قان بېسىمىنى ئۆلچىگىلى بولمايدۇ، ئەس-ھوشى يوقىلىدۇ، كۆز قارىچۇقى يوغىنايدۇ، نەپەس ئۈزۈلۈپ-ئۈزۈلۈپ داۋاملىشىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا مېڭە ۋە يۈرەككە قان يېتىشمەسلىكنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

1. تىپىك كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

يۈرەك قېرىنچىسى تىترەش قان ئايلىنىش ئېقىمىنى ئاستىلاتقاندا يۈرەك ئاۋازى يوقىلىش، تومۇر سوقۇشنى تۇتۇپ بىلگىلى بولماسلىق، قان بېسىمىنى ئۆلچىگىلى بولماسلىق، ئەش-ھوشى يوقىلىش، كۆز قارىچۇقى يوغىناش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ.

2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

يۈرەك ئېلېكتروكاردىئوگراممىدا تەكشۈرگەندە QRS-Tدولقۇن توپى يوقىلىپ، بولمىغان ئامپلىتۇدىسى ئوخشاش بولمىغان ھەمدە تەرتىپسىز يۈرەك قېرىنچىسى تىترەش دولقۇنى كۆرۈلىدۇ. 

يۈرەك قېرىنچىسى تىترەش بىرقەدەر جىددىي بولغاچقا ھەمدە جىددىي تەدبىر قوللانمىسا بىمارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزگەچكە بۇ كېسەلنى داۋالاشتا ئۇسۇلى ھەققىدە جىددىي قۇتقۇزۇش ئىلمىدە كۆرسىتىلگەن داۋالاش چارىلىرى قوللىنىلىدۇ.

يۈرەك قېرىنچىسى تىترەش بىرقەدەر جىددىي بولغاچقا ھەمدە جىددىي تەدبىر قوللانمىسا بىمارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزگەچكە بۇ كېسەلنى داۋالاشتا ئۇسۇلى ھەققىدە جىددىي قۇتقۇزۇش ئىلمىدە كۆرسىتىلگەن داۋالاش چارىلىرى قوللىنىلىدۇ.

 ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشتىن، كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن، تويۇنۇپ تاماق يېيىشتىن، ھاراق ئىچىشتىن، تاماكا چېكىشتىن، قېنىق دەملەنگەن چاي ۋە قەھۋە ئىچىشتىن، زىيادە چارچاش ۋە غەم-ئەندىشە قىلىشتىن، قورقۇش، ئاچچىقلىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

4. يەڭگىل ھەرىكەت قىلىش، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش، ياخشى ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، مەنزىرىلىك جايلارنى سەيلە-ساياھەت قىلىش لازىم.

تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، مايلىق، تۇزلۇق يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.

ئاسان ھەزىم بولىدىغان، مايسىز، تۇزسىز، غىدىقلاش خۇسۇسىيىتى بولمىغان يېمەك-ئىچمەكلەر مىزاجىغا قاراپ مۇۋاپىق تاللاپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=771

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#