بۇددالا سارىيى
بۇددالا سارىيى دۇنيادىكى داڭلىق 10 چوڭ توپا-تاش قۇرۇلىشىنىڭ بىرى. قۇرۇلۇش، رەسساملىق، دىن بىر گەۋدە قىلىنغان سىرلىق ئوردا دېڭىز يۈزىدىن 3770 مېتىر ئېگىزلىكتىكى قىزىلتاغدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بۇددالا سارىيى دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىزگە جايلاشقان. ئوردا ساراي قۇرۇلىشى، شۇنداقلا ھازىر شىزاڭدا ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان قەدىمقى قۇرۇلۇش توپى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇددالا سارىيى دۇنيادىكى داڭلىق 10 چوڭ توپا-تاش قۇرۇلىشىنىڭ بىرى. قۇرۇلۇش، رەسساملىق، دىن بىر گەۋدە قىلىنغان سىرلىق ئوردا دېڭىز يۈزىدىن 3770 مېتىر ئېگىزلىكتىكى قىزىلتاغدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بۇددالا سارىيى دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىزگە جايلاشقان ئوردا ساراي قۇرۇلىشى، شۇنداقلا ھازىر شىزاڭدا ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان قەدىمقى قۇرۇلۇش توپى.
«بۇددالا» دىگەن سۆز سانسىكىرىت تىلىدىكى Potalaka دىگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، مەنىسى «بۇددا دىنىنىڭ مۇقەددەس تېغى پۇتو» دىگەن مەنىدە. بۇ يەر ئىلگىرىكى دالاي لامالارنىڭ «قىشلىق سارىيى» ۋە شىزاڭ رايونىنىڭ سىياسى ۋە دىنى ھوقۇق يۈرگۈزدىغان ئورنى. بۇ كاتتا سىرلىق ساراي «دۇنيادىكى داڭلىق 10 چوڭ توپا-تاش قۇرۇلۇشى» نىڭ بىرى. ئۇنىڭدا شىزاڭنىڭ قۇرۇلۇش، رەسساملىق ۋە دىنى سەنئىتىنىڭ جەۋھىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇلۇتلار بىلەن ئورۇلۇپ تۇرغان، قىيا بويىغا سېلىنغان بۇددالا سارىيى چىققىلى بولمايدىغان ئەرش ئوردىسىغا ئوخشاش ھەيۋەتلىك.
بۇددالا سارىيىنىڭ تارىخىنى سۈرۈشتۈرگەندە مىلادى 7-ئەسىرلەرگە بېرىپ تاقىلىدۇ. «يېڭى تاڭنامە» دە خاتىرىلىنشىچە، مىلادى 641-يىلى مەلىكە ۋېنچىڭنى شىزاڭغا ياتلىق قىلغان. سۇڭزەن گەنبۇ مەلىكىنى بىر كۆرۈپ ئاشق بولۇپ قېلىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ساراي سالدۇرغان. يەنە بىر شىزاڭ يېزىقىدىكى قەدىمىي كىتاب «王统记» بىلەن« 教法史» دا خاتىرىلىنىشىچە، 31-ئەۋلاد شىزاڭ خانى سۇڭزەن گەنبۇ ئاسىي خانىشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ پايتەختنى لىخاساغا يۆتكىگەن ۋە قىزىلتاغ باغرىدا ئوردا ياسىغان. بۇ بۇددالا سارىيىنىڭ ئاساسىي ھېساپلىنىدۇ.
8-ئەسىرگە كەلگەندە، بۇ ھەيۋەتلىك ساراي چاقماقنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ كۆيۈپ كەتكەن. شۇ چاغدىكى خانلىق زەئىپلىشىشىكە قاراپ يۈزلەنگەن بولۇپ، ئاقسۆڭەكلەر ئارىسىدا نىزا-ماجرالار، خەلق ئارىسىدا توپىلاڭلار كۆپ بولۇپ، بۇددالار سارىيىغا كۆڭۈل بۆلۈنمىگەن. بوران-يامغۇرلارنىڭ ئۇپرىتىشى بىلەن ئىبادەتخانا خارابىيلىققا ئايلانغان. پەقەت داجاۋ ئىبادەتخانىسىدىكى تام رەسىملىرىدە ئوردىنىڭ شەكلى ساقلىنىپ قالغان. ئۇنىڭدىن باشقا سۇڭزەن گەنبۇ ئىبادەت قىلغان ئۆڭكۈر ۋە ئۆڭكۈر ئۈستىدىكى بۇدساتۋا سارىيى ساقلىنىپ قالغان.
ھازىرقى بۇددالار سارىيى 17-ئەسىردىن كېيىن ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ رېمونت قىلىنىپ سېلىنغان. دالاي لاما Ⅴ نىڭ زامانىسىدا ، دالاي لاما داجاۋ ئىبادەتخانىسىدىكى تام رەسىملىرىگە ئاساسەن قايتىدىن بۇددالا سارىيىنى قايتىدىن سالدۇرغان. بۇ تەخمىنەن مىلادى 1645 ~ 1648 يىللارغا توغرا كېلىدۇ. تاغنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىگە بۇددالا سارىيىنىڭ ئاق سارىيى سېلىنىپ، دالاي لاما Ⅴ جېفىڭ ئوردىسىدىن ئاق سارايغا كۆچۈپ كەلگەن. بۇ شۇندىن تارتىپ شىزاڭننىڭ سىياسىي ۋە دىنىي ھوقۇقىنى يۈرگىزدىغان دالاي لامالارنىڭ قىشلىق ئوردىسى بولۇپ كەلگەن.
يەنە بىرى بولولىنكا بولۇپ، ئۇ «يازلىق ئوردا» بولغان. بۇددالا ساريىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قىزىل ساراي بولۇپ، 1690-1693-يىللاردا 8-ساڭجىجاسو ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان دالاي لاما Ⅴ غا ئاتاپ ياساتقان. ئۇ ئاق ساراينىڭ شەرقى قىسمىنى چېقىپ، ئىلگىرىكى زاشى زەنگو ئوردىسىنىڭ كونا ئورنىغا شەرق، جەنوپ، غەرپ ئۈچ تەرەپكە كېڭەيتىپ، نەچچە ئون يىلدا پۈتكۈزگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا قىزىل ساراينى ياساش ئۈچۈنلا 7000 ئادەم كەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا تاغ-ئورمانلاردىن ياغاچ-تاش ئەكىلىدىغانلار نەچچە تۈمەن بولغان.
بۇددالا سارىيى دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر قەدىمقى قۇرۇلۇشلارنىڭ قاتارىدا بولۇپ، تاغقا يۆلەپ ياسالغان ساراي جەمئىي 13 قەۋەت، ئېگىزلىكى 117 مېتىر. شەرقتىن غەرپكە ئۇزۇنلىقى 360 نەچچە مېتىر، شىمالدىن جەنوپقا 3000 مېتىر بولۇپ، قەسىر-ئايۋانلار مىڭغا يېقىنلىشىدۇ. پۈتۈنلەي تاش-ياغاچتىن ياسالغان. بۇ قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى خەنزۇ-شىزاڭ خەلقىنىڭ مەدەنىيەت بىرلەشمىسى بولۇپلا قالماي، يەنە شىزاڭ قۇرۇلۇش سەنئىتىنىڭ نامايەندىسى. ئۇ ھەرگىزمۇ بىرلا دەۋرنىڭ ئىجادىيىتى ئەمەس، ئۇ شىزاڭنىڭ خانلىق زامانىدىن كېيىنكى ھەرقايسى دەۋىرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن. تارىخى خاتىرىلەردە يېزىلىشىچە پۈتكۈل قۇرۇلۇشقا 3 مىليون 134 مىڭ سەر كۈمۈش كەتكەن. چىڭ ئوردىسىنىڭ خانى چىيەنلوڭ 114 خەنزۇ ئۇستىنى ئوردا قۇرۇلىشىغا ئەۋەتكەن.
بۇ قۇرۇلۇش شىزاڭنىڭ تاش-ياغاچ قۇرۇلمىلىق، مۇستەھكەم ياسىلىدىغان قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى ۋە خەنزۇلارنىڭ تۈۋرۈك، لىم تەگلىكى، ئۆگزە، تورۇس كاتەكچىلىرى ئالاھىدىلىكلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ياسالغان. ئۇ شىزاڭ رايوندىكى خەلقىنىڭ، سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە دىنىي پائالىيەت مەركىزى، شۇنداقلا دۇنيا مەدەنىيەت، سەنئەت خەزىنسىدىكى بىر گۆھەر.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.